ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8-سېنتەبىردىن 14-سېنتەبىرگىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.09.14
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈركۈم غوللۇق ئوقۇتقۇچىلىرى تۇتقۇن قىلىندى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ بىلىم يۇرتى بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىندا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم نىشانى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر پروفېسسورلىرىدىن ئابدۇكېرىم راخمان، ئارسلان ئابدۇللا ۋە راھىلە داۋۇتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلار مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان كىشىلەر بولۇپ، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر ئۇلارنىڭ ھېچقانداق سىياسىي پائالىيەتتە بولۇپ باقمىغانلىقىنى ئالغا سۈرمەكتە.

لاگېر گۇۋاھچىلىرى ئۆز كەچمىشلىرىدىن گۇۋاھلىق بەردى

خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىۋاتقان لاگېرلار ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلار مەلۇم بولسىمۇ، شۇ لاگېرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەھۋاللارنىڭ تەپسىلاتى ئېنىق بولماي كەلگەن ئىدى. يېقىندا بىر قىسىم گۇۋاھچىلار بۇ جايلاردا كۆرگەنلىرىدىن گۇۋاھلىق بەردى.

ھازىر ئىستانبۇلغا يەرلەشكەن سابىق لاگېر مەھبۇسلىرىدىن ئابدۇسالام مۇھەممەت ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى مۇخبىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىپ، لاگېرلار ھەققىدە قاراڭغۇ بولۇۋاتقان بەزى تېمىلارنى يورۇتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارغانسېرى چەكتىن ئېشىپ مېڭىۋاتقان زۇلۇم سەۋەبىدىن ئىلگىرى سۈكۈت قىلىشنى تاللىغان كۆپلىگەن كىشىلەر ھازىر سۈكۈتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆزلىرى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئاخبارات ساھەسىگە بايان قىلماقتا ئىكەن.

قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر رەھبەرلىرى تۇتقۇن قىلىندى

يېقىندا قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدىن مەكتەپ مۇدىرى ئەركىن ئۆمەر، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن مۇختەر ئابدۇغوپۇر، قۇربان ئوسمان ۋە گۈلنار ئوبۇلنىڭ خىزمەتتىن قالدۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار مەلۇم بولغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا بۇ ئۇيغۇر پروفېسسورلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى.

خىتايدىكى ئالاقىدار تور بەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ كىشىلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مائارىپ ۋە باشقۇرۇش ساھەسىدە غوللۇق كادىرلاردىن بولۇپ خىزمەت قىلغان، بۇلاردىن گۈلنار ئوبۇل ھەتتا «قەشقەرنىڭ بايلىقى» دەپ تەرىپلەنگەن ئىكەن.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى

ئۇيغۇر جەمئىيىتى زور كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان پەيتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي تەشكىلاتى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئالاقىدار ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچراشتى.

10-سېنتەبىر كۈنى د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات ئاقسارايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملار بىلەن كۆرۈشتى.

د ئۇ ق نىڭ ئالاقىدار ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە كۆپلەپ مەلۇمات بېرىشى نەتىجىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىندا خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە لاگېرلارنى ئاشكارا ئەيىبلىگەن.

چەتئەللىكلەر بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرى لاگېرلارغا قامالماقتا

يېقىندا تۈركىيەدىكى ئىنۆنۆ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئېرخان ئايدىننىڭ ئايالى مېھرىبان خىتاي پاسپورتى بىلەن تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى بولغان شاھرانى ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئايالى ئامىنە ئاللابەردىنىڭ تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ئاقسۇغا قايتقىنىدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئېرخان ئايدىن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، «ئەر-ئايال ئىككىمىز تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا كۆپ ئەجىر قىلدۇق، خىتايغا قارشى ھېچقانداق پائالىيەتتىمۇ بولمىدۇق. ئايالىمنىڭ بالدۇرراق تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىمەن،» دېگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى لاگېرلار ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى دۇنيا ئاخبارات ساھەسىدىكى قىزىق تېمىلاردىن بولۇۋاتقاندا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى زور ھەجىملىك مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى.

«ئىدىيەۋى كېسەللىكنى يوقىتىش» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان 125 بەتلىك بۇ دوكلاتتا لاگېرلار بىلەن بىۋاسىتە چېتىشلىقى بولغان 58 گۇۋاھچىنىڭ بايانلىرى ئاساسىي ئۇچۇر مەنبەسى قىلىنغان. شۇنىڭدەك مۇشۇ ئاساستا لاگېرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تەپسىلىي بايان قىلىنىپ، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرگە تېگىشلىك تەكلىپلەر سۇنۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دوكلات ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرىنچى قول پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.