ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-سېنتەبىردىن 21-سېنتەبىرگىچە)

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-09-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

«تاملارنىڭ ئارقىسىدا» فىلىمىنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

20-سېنتەبىر كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى.

بۇ قېتىمقى يىغىن لاگېرلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئۈچ ئۇيغۇر شاھىتنىڭ بايانلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن «تاملارنىڭ ئارقىسىدا: ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ خىتايدىكى مەخپىي ‹تەربىيەلەش› لاگېرلىرىدىكى كەچۈرمىشلىرى» تېمىسىدىكى قىسقا ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قويۇلۇشى مۇناسىۋىتى ئۇيۇشتۇرۇلغان.

يىغىندا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفېي رېچاردسون، ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ رەئىسى نۇرىي تۈركەل، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى مەمەتجەن جۈمە قاتارلىقلار ئوخشىمىغان نۇقتىلارنى چىقىش قىلىپ، لاگېرلاردىكى تراگېدىيە، لاگېرلارنىڭ تۇتقۇنلارغا قالدۇرغان قورقۇنچلۇق روھىي بېسىمى، خىتاينىڭ مەقسىتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قانداق قىلىش كېرەكلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى شەرھلەپ ئۆتتى.

سوفېي رېچاردسون، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك چارىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ياردىمى بولىدىغان يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىنى چەكلىشى، چەتئەللەردىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىشى، ئۇلارنى چەتئەللەردە خاتىرجەملىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر تۇتقۇن قىلىنغان

ئاتاقلىق دىنىي ئالىم مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ پۈتۈن ئائىلە تاۋابىئات ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمە ياكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بىز مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ قىزى نەزىرە مۇھەممەد سالىھ ۋە ئۇنىڭ يولدىشى ئاتاقلىق شائىر ئادىل تۇنيازنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش جەريانىدا، ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا دائىر بەزى ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى 12‏-ئايدا مۇھەممەد سالىھ داموللام بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئۇنىڭ قىزلىرىنى، ئوغلىنى، نەۋرە ۋە جىيەنلىرىنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى بىردەك تۇتقۇن قىلغان. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ قايسى لاگېردا ياكى تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوقكەن.

مۇھەممەد سالىھ داموللام ۋە ئۇنىڭ قىزى نەزىرە مۇھەممەد سالىھ بىلەن 18 يىل قوشنا ئولتۇرغان بېلىقىز خانىم، دائىرىلەرنىڭ نەزىرە مۇھەممەد سالىھ بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى ئادىل تۇنيازغا تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تەرغىب قىلىش جىنايىتى ئارتىپ، رەسمىي ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ 19 ياشلاردىكى ئىمران ئىسىملىك چوڭ ئوغلىنى تۇتقۇن قىلىپ، قالغان ئوغۇللىرىنى بالىلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

«ئەدەبىي تەرجىمىلەر»نىڭ باش مۇھەررىر قەيسەر قېيۇم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى قەيسەر قېيۇمنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى سىياسىي بۆلۈمنىڭ باشلىقى رادىئومىزنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا قەيسەر قېيۇمنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى دەلىللىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ئۆزى ئىشلەۋاتقان خىزمەت بىناسىنىڭ 8‏-قەۋەتتىكى ئىشخانىسىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغان.

ئامېرىكىدىكى پائالىيەتچى قۇتلۇق ئالماس، قەيسەر قېيۇمنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلىپ بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەنلىكى، يەنى لاگېردىن چىققاندىن كېيىن ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن رادىيومىزغا كەلگەن بىر ئۇچۇرىدا قەيسەر قېيۇمنىڭ تېخى لاگېرغا ئاپىرىلمىغانلىقى، پەقەت ئۆلۈمىدىن بىر ھەپتە ئاۋۋال ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۆزىنى بىنادىن تاشلاپ ئۆلۈۋالغان كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن چاقىرتىلغانلىقى، ئۇنىڭ لاگېرغا ئاپىرىلىشتىن قورقۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولۇشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

قەيسەر قېيۇم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «كۈرەشچان يىللار»، «قىزىل تاغ باتۇرلىرى» ناملىق رومانلارنىڭ يازغۇچىسى قېيۇم تۇردىنىڭ ئوغلى ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ب د ت ئالدىدا نامايىش قىلدى

ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار، تەيۋەنلىكلەر ۋە دېموكراتىك خىتايلار بىرلىشىپ، 18-سېنتەبىر كۈنى ب د ت نىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى باش شتابى ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كەڭ-كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.

نامايىشچىلار ب د ت نىڭ خىتايدا بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان ۋەزىيەتكە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىشىغا جىددىي قارىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۇ نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن، ب د ت نى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى جىددىي مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئوخشىمىغان پىكىردىكى بارلىق گۇرۇپپىلارنى بىرگە نامايىش قىلىشقا تەشكىللەشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈردى.

18-سېنتەبىر كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 73-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى ئېچىلىدىغان تۇنجى كۈنى بولۇپ، نامايىش دەل شۇ كۈنى ئېلىپ بېرىلدى.

لاگېرلار مەسىلىسى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى

19‏-ئاۋغۇست كۈنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتى يىغىن چاقىرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى نېيك چېمپىيون ئەپەندى يىغىندا قىلغان سۆزىدە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەن نامدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان سىياسەت ۋە پروگراممىلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىنى ۋە جازا لاگېرلىرىنى تاقىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ يىغىنغا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن 8 كىشىلىك بىر ھەيئەت قاتناشقان. 8 كىشىلىك ھەيئەتنىڭ بىرى، «ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ 4 ئەزاسى سۆز قىلىپ، لاگېرلارنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش توغرىسىدا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، 10 مىڭ كىشىلىك ئىمزا توپلىغان ۋە بۇنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا سۇنغان. 19‏-سېنتەبىردىكى پارلامېنت يىغىنىدا 10 مىڭ كىشىلىك بۇ ئەرزنامە مۇھاكىمە قىلىنغان.

زۇلپىقار بارات ئۆزباش، غەيرەتجان ئوسمانلار تۇتقۇن قىلىنغان

«شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ سابىق مۇدىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى پروفېسسور ئازاد سۇلتاننىڭ تۇتۇلغانلىقى دەلىللەندى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقىنىڭ مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئازاد سۇلتان «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان.

بىز ئېرىشكەن يەنە بىر خەۋەردە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلىلوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇلپىقار بارات ئۆزباش بىلەن مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ پروفېسسورى غەيرەتجان ئوسماننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ ئۇنىۋېرسال تۈزەش قوماندانلىق مەركىزىدىكى بىر خادىم يېقىندا مۇخبىرىمىزغا، زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى «ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئۇچۇر» دېگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، غەيرەتجان ئوسماننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇنىڭ 2008‏-يىلى تۈركىيەگە چىقىپ، خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىشى ۋە ئۇنىڭ كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى سەۋەب بولغانىكەن.

تولۇق بەت