ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22-سېنتەبىردىن 28-سېنتەبىرگىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.09.28
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئېغىر جازالارغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى دەلىللەندى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇندا دوكتور خالمۇرات غوپۇرنىڭ «يوشۇرۇن بۆلگۈنچىلىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى دەلىللەندى.

بۇ جەرياندا مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇتنىڭمۇ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئوبزورچى يالقۇن روزىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئالاقىدار ئۇچۇرلاردا ساتتار ساۋۇت باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم سەرخىللەرنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلىرىغا ئەخمەتجان قاسىمى، مەھمۇد قەشقىرى، مەمتىلى تەۋپىق قاتارلىق تارىخىي شەخسلەرنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى كىرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

نۇر بەكرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى زور غۇلغۇلا قوزغىدى

20-سېنتەبىر كۈنى خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق قورچاق رەئىسى نۇر بەكرى «پارتىيە ئىنتىزامىغا ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ «تەكشۈرۈش»كە ئېلىپ كېتىلگەن.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىلغان سۆزىدە نۇر بەكرىنىڭ تۇتقۇنغا ئايلىنىشىدا ئۇنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، نۇر بەكرىدەك خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قوللۇق تەربىيەلەپ چىققان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كادىرلارغا ھېچقانداق ‍ئېھتىياجى قالمىغانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى، دېدى.

خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەڭ داڭلىق ئۇيغۇر رېستورانلىرىدىن «مىراج» رېستورانىنى پېچەتلىۋەتكەن ھەمدە رېستوران خوجايىنلىرىنى تۇتقۇن قىلغان.

بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ رېستوراننىڭ تاقىۋېتىلىشىدە ئۇنىڭدىكى قويۇق مىللىي ئۇسلۇبتىكى بېزەك ۋە نەقىشلىرىنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئاشقۇنلۇق» ئىدىيەلىرىنى تەرغىب قىلىدىغانلىقى باھانە قىلىنغان.

ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە چېتىشلىق بولغان بارلىق مەزمۇنلار يوقىتىش ئوبيېكتى قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھالنى «ئۇيغۇرلارنى ئىس-تۈتەكسىز يوقىتىشنى نىشان قىلغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىماقتا.

چەتئەللىكلەرگە ياتلىق بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرى تۇتقۇن ئوبيېكتى بولماقتا

بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى پاكىستانلىق بىر قىسىم سودىگەرلەر بېيجىڭدىكى پاكىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە ئۈچ يۈزدىن كۆپرەك ئۇيغۇر ئايالنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان تەقدىرى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يىگىتى سەدىردىن بىلەن توي قىلغان مۇيەسسەر مۇھەممەتمۇ ئاتۇشتىكى لاگېرغا قامىلىپ، چەتئەللىكلەرگە ياتلىق بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىدا «چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بار» كىشىلەر ئىزچىل مۇھىم نىشانلاردىن بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

تۈركىيەدە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا تاراتقۇلاردا قىزىق تېما بولۇشىغا ئەگىشىپ، بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر زىيالىيسى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنى قۇرۇپ چىققان.

مەزكۇر ئىنستىتۇت ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نەشر قىلىنغان خەۋەر ۋە ماقالىلەرنى يىغىش ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات تەييارلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى قۇرغان مۇشۇنداق بىر ئىلمىي تەشكىلاتنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇشتا زور ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا.

لاگېرلار مەسىلىسى دۇنيانىڭ زور دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى

ئۆتكەن ھەپتە كانادا ھۆكۈمىتى ب د ت دىكى يىللىق يىغىندا خىتاي باش مىنىستىرى ۋاڭ يىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغان ھەمدە «ئەركىنلىكتىكى كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنغانلار ئۈچۈن سۆز قىلىش مەجبۇرىيىتى بار» دەپ كۆرسەتكەن.

26-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مەخسۇس ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ۋە بۇنىڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەر بويىچە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى.

نۆۋەتتە بىر قىسىم پۇقراۋىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرمۇ ‍ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتقان بولۇپ، ئاۋسترالىيەلىك زىيالىي كېۋىن كوررىكونىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان «ئۇيغۇرلارنى قوللاش» گۇرۇپپىسى ئەنە شۇنداق گۇرۇپپىلارنىڭ بىرى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.