ھەپتىلىك خەۋەرلەر (29-سېنتەبىردىن 5-ئۆكتەبىرگىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-10-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشتا قولغا ئېلىنغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تۇتقۇنلارنى يوشۇرۇنچە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

يېقىندا ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ 22-ئۆكتەبىردىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە قاتنايدىغان پويىز بېلىتىنى سېتىشنى توختىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى تارقىتىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا قەشقەردىكى لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ مەخپىي ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە لاگېرغا قامالغانلار ئۈستىدە كوللېكتىپ سوت ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، ھەر قېتىمدا 50 تىن 100 گىچە كىشىگە قاماق جازاسى ئېلان قىلىنماقتا ئىكەن.

تاشپولات تېيىپقا كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى دەلىللەندى

ئۇيغۇرلاردىن يېتىلىپ چىققان داڭلىق جۇغراپىيە ئالىمى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تاشپولات تېيىپ ئۆتكەن يىلى نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن قولغا ئېلىنغان ئىدى.

يېقىندا مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا تاشپولات تېيىپنىڭ «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار مەلۇماتلاردا تاشپولات تېيىپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولغان مەزگىلدە «بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى» نى تەشۋىق قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمما ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىردەك بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەۋاتقانلىقى مەلۇم.

بالىلار يازغۇچىسى ئابلىكىم ھەسەن بىر يىل بۇرۇن تۇتقۇن قىلىنغان

يېقىندا ئىستېداتلىق بالىلار يازغۇچىسى ئابلىكىم ھەسەننىڭ بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى. ئابلىكىم ھەسەننىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ بۇ نۇقتىنى دەلىللىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىكىم ھەسەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ مول مەزمۇنلۇق ئەمگەكلىرى بىلەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا زوق ئاتا قىلىپ، ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئەدىبلەردىن بولۇپ قالغان شۇنىڭدەك كۆپ قېتىم ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن ئىكەن ئىكەن.

ئالاقىدار كىشىلەر بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «ئابلىكىم ھەسەندەك بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسىنىڭ قولغا ئېلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش قارا نىيىتىنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى، » دېدى.

قارانچۇقسىز قالغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى «تەربىيەلەش» ئوبيېكتى بولماقتا

لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، قارانچۇقسىز قېلىۋاتقان گۆدەكلەرنىڭ سانىمۇ ئېشىپ بارماقتا. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قارانچۇقسىز قالغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى مەخسۇس ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يىغىپ «تەربىيەلەش» كە ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋەرلىرىدە بۇ ھالنىڭ ھازىر قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا تېزدىن ئومۇملىشىۋاتقانلىقى، بۇ خىل دارىلئېتام نامىدىكى «ياتاقلىق» مەكتەپلەردە ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان نەچچە مىڭ ئۇيغۇر گۆدەكنىڭ «خىتايلاشتۇرۇش» نىشانى بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، بالىلارنى بۇ خىل پسىخىك خىرىسلارغا مەھكۇم قىلىشنى «بىر مىللەتنى يوشۇرۇن قىرغىن قىلغانلىققا باراۋەر» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار 1-ئۆكتەبىر كۈنىنى «ماتەم كۈنى» دەپ قاراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە.

بۇ يىلمۇ ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق جايلاردىكى مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى شۇ جايلاردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرگىنىچە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار بىردەك «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!»، «شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «ئۇيغۇرلار پۈتكۈل مىللەت بويىچە ھالاكەت گىردابىغا مەھكۇم بولۇۋاتقاندا بۇ خىل نامايىشلارغا قاتنىشىش مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىنسانىي مەجبۇرىيىتى» دەپ كۆرسەتتى.

ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىۋاتقاندا ياۋروپا ئىتتىپاقى 4-ئۆكتەبىر كۈنى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە رەسمىي قارار ماقۇللىدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ شۇ كۈندىكى يىغىنىدا مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان بۇ قاراردا لاگېرلارنىڭ قانۇنسىز خاراكتېرى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ھادىسىلىرىگە تېزدىن خاتىمە بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

ئالاقىدار كىشىلەر بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارنى توسۇپ قېلىشقا ئاجىز كېلىشى ھەقىقەتنىڭ ھامان غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى» دېدى.

تولۇق بەت