ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30-سېنتەبىردىن 6-ئۆكتەبىرگىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.10.06
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلار بولدى

1-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دۆلەت بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئۆز دۆلەتلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ نارازىلىق نامايىشى قىلدى.

شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق جايلاردا نامايىشچىلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، تۈرلۈك لوزۇنكا ۋە رەسىملىك تاختايلارنى كۆتۈرۈشۈپ، جاراڭلىق شوئارلار ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزىپىنى ئىپادىلىدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشلار ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يەنە شۇ جايلاردىكى يەرلىك كىشىلەرگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە جانلىق بىر مەيدان دەرس بەردى.

ئۇيغۇرلارنى «تەربىيەلەش مەركىزى» گە يىغىش ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىش ۋەزىپە قاتارىدا ئىجرا بولماقتا

بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شىددەت بىلەن كېڭەيگەن «يېپىق تەربىيەلەش مەركەز» لىرىنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 40 پىرسەنتىنى بىر قېتىم «تەربىيە» دىن ئۆتكۈزۈشنى ۋەزىپە قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەقتە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ رەسمىي تارقاتقان ئۇقتۇرۇشى يوق بولۇپ، ئاغزاكى بۇيرۇقلاردا شۇنداق مەزمۇنلار كۆپ قېتىم تەكرارلانغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا «ئەسەبىيلىك» ئالامىتى بار ھەرقانداق كىشىنىڭ تۇتقۇندىن ئامان قالمايدىغانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ 80 پىرسەنتىنى چوقۇم جازالاش ھەققىدە ئاغزاكى بۇيرۇق بېرىلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدا بۇ خىلدىكى «قايتا تەربىيەلەش مەركەز» لىرى ۋە ئۇنىڭغا يىغىۋېلىنغان كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن يېزىلاردا تۈزۈك ئەرلەرنىڭ قالمىغانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ سەۋەبتىن تۇتقۇندىكى ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى جايلاردىكى بىڭتۇەنلەرگە پاختا تېرىش ئەمگىكىگە تەشكىللەنمەكتە ئىكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك ۋەزىيىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنى پىكىرلىشىشكە جەم قىلدى

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بارغانسېرى ئېغىرلاتقان سىياسىي ۋە مەدەنىيەت بېسىملىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى مىللەتنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە يەنە بىر قېتىم پىكىرلىشىشكە ئۈندىدى.

ئۇيغۇر زىيالىيلار بۇ ھەقتە خالىس مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى تاشقى دۇنياغا تونۇتۇش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك «خىتايغا يامان كۆرۈنۈپ قېلىش» تىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر زىيالىيلار يەنە بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پىكىر قىلىپ، «ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە باش قاتۇرۇشنى ئۆزلىرىگە مەجبۇرىيەت، دەپ بىلىشى لازىم،» دېدى.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى چەكتىن ئاشقان سىياسەتلەرگە ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلار چۈشتى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە دىن ساھەسىگە چېتىشلىق بىر قاتار «يەرلىك» سىياسەتلىرى چەتئەللەردىكى ئانالىزچىلارنى تولىمۇ ھەيرانلىقتا قالدۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلار دىيارىدا 1-ئۆكتەبىردىكى بايراملىق سەككىز كۈنلۈك دەم ئېلىشنىڭ بىكار قىلىنىشى، ھەپتە ئاخىرىدىمۇ دەم ئالماي ئىشلەشنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلارنى قوزغىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇ خىل چەكتىن ئاشقان سىياسەتلەرنى ئالقىشلايدىغانلىقى، بۇنى «ئامانلىق» ئۈچۈن زۆرۈر، دەپ قارايدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

چەتئەلگە چىقىپ كىرگەنلەر پۇشايمان باياناتى يېزىشقا مەجبۇر قىلىنماقتا

يەرلىكتىن ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە ساياھەت ۋە تۇغقان يوقلاشقا چىقىشىنىڭ يەرلىك دائىرىلەرنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەبتىن بۇنىڭغا مۇناسىپ تەدبىرلەرنىڭ ئىجرا بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

«چەتئەلگە چىققانلار ئىدىيىۋى جەھەتتە زەھەرلىنىپ، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى ئالغاچ كېلىدۇ» دەيدىغان قاراشنىڭ يېتەكچىلىكىدە نۆۋەتتە چەتئەللەرگە چىققان ئۇيغۇرلار ھەرقايسى جايلاردىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە تەربىيە ئالماقتىكەن.

بۇ ھەقتە پىكىر قىلغان يەرلىك ئەمەلدارلار ھازىر چەتئەلگە چىققانلاردىن سىرت پاسپورتقا ئىلتىماس سۇنغان ياكى ۋىزا ئالغانلارنىڭمۇ «تەربىيە» ئېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 5-ئۆكتەبىر كۈنى 2017-يىللىق دوكلاتنى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئەھۋالى تەپسىلىي قاراپ چىقىلدى، شۇنىڭدەك سىياسىي، ئىقتىساد ۋە دىن ساھەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدا ھېچقانداق ياخشىلىنىشنىڭ بولمىغانلىقى تەكىتلەندى.

بۇ يىللىق دوكلاتتا ئۇيغۇرلارغا 20 بەتلىك مەخسۇس بىر باب ئاجرىتىلغان ئىدى. كومىتېت رەئىسى ماركو رۇبيۇ دوكلاتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرىنى تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭ بىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ دوكلات ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان دىپلوماتىيە ئالاقىسىدا ئاساسلىق پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.