ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6-ئۆكتەبىردىن 12-ئۆكتەبىرگىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-10-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇھىم تېما بولماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشقا بولغان دىققىتىمۇ بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.

10-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبيو «شىنجاڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى» نامىدىكى قانۇن تۇرغۇزۇش ئىشلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى 2019-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىش جىددىي مۇھاكىمە قىلىنماقتا ئىكەن.

پېشقەدەم ژۇرنالىست قۇربان مامۇت لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن

يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا خەلقنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى قۇربان مامۇتنىڭ بۇ يىل بېشىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارا بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن قۇربان مامۇت «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىغا مەسئۇل مۇھەررىر بولغان مەزگىللەردە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەدەنىيەت، تارىخ، سىياسەت ۋە جەمئىيەت تېمىلىرىدىكى نادىر ئەسەرلىرىگە كۆپلەپ ئورۇن بەرگەن.

ئۇيغۇر ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىشتىكى يەنە بىر ۋەھشىيانە ھەرىكىتى. قۇربان مامۇت ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا مەۋجۇت رېجىم ئاستىدىمۇ ئۆز خەلقىگە خىزمەت قىلىشقا مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى،» دېيىشمەكتە.

ئۇيغۇرلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە تەشكىللەش ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقماقتا

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەرقايسى جايلاردا ئۇيغۇر كادىرلارنى ئاشكارا سورۇنلاردا چوشقا گۆشى يېيىشكە تەشكىللەش بىر تۈرلۈك سىياسىي خىزمەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 8-ئۆكتەبىردىكى ئومۇمىي يىغىنىدا بۇندىن كېيىن تەپتىش سىستېمىسىدىكى كادىرلارنىڭ «دىنىي ئېتىقاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق پائالىيەتتە بولماسلىقى» ھەمدە «يېمەك-ئىچمەك ئىشلىرىدا ‹ھالال-ھارام› مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشقا بولمايدىغانلىقى» تەلەپ قىلىنغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ خىتاي رېستورانىدا مەخسۇس تەييارلانغان چوشقا گۆشى قۇرۇمىلىرى يېيىشكە تەشكىللىنىشى «زامانىۋى تۇرمۇشقا يۈكسىلىش» دەپ زور داغدۇغا بىلەن تەشۋىق قىلىنماقتا ئىكەن.

ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىنماقتا

يېقىندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى دىلمۇرات غوپۇرنىڭ 2017-نىڭ باشلىرى «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈشكە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋىرى يوقلۇقى مەلۇم بولدى.

دىلمۇرات غوپۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ تۇتقۇن قىلىنغان ۋاقىت بىلەن بىر مەزگىلگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، دىلمۇراتنىڭ باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تۇتقۇن قىلىش دولقۇنىدا يەنە ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور نىجات سوپىنىڭمۇ «مەكتەپتىن قوغلاندى قىلىنغانلىقى» ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان. ئەمما ئۇنى بىلىدىغانلار ئۇنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئالغا سۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

يەنە بىر ئەزھەر ئوقۇغۇچىسى لاگېردا جان ئۈزگەن

2016-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىغا قايتىشقا بۇيرۇق قىلىشى بىلەن كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار بۇيرۇققا بويسۇنۇپ قايتىپ كەلگەن ئىدى.

يېقىندا 2016-يىلى يۇرتى ئاتۇشقا قايتىپ كەلگەن مىسىردىكى ئەزھەرىي ئوقۇغۇچىلاردىن ئىلھام قارىنىڭ دەسلەپ نەزەربەند قىلىنغانلىقى، كېيىنچە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەمدىلا 28 ياشقا كىرگەن ئىلھام قارىي لاگېردا جان ئۈزگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىلھام قارىغا ئوخشاش مىسىردىن قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ مۇشۇنداق لاگېرلاردا جان ئۈزگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

ئادىلەم ھوشۇروۋا دۇنيا مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى


يېقىندا گىرېتسىيە پايتەختى ئافىنادا دۇنيا تەنھەرىكەت تۈرلىرى ئىچىدىكى برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش تۈرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتكەن.

بۇ مۇسابىقىگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدىن كەلگەن ياش تەنھەرىكەتچىلەر قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن 12ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ماھىرلار ئىكەن. شۇلار قاتارىدا قازاقىستان دۆلەت كوماندىسى تەركىبىدىكى 12 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى ئادىلەم ھوشۇروۋا ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ چېمپىيون بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى تەنھەرىكەتنىڭ كۆپلىگەن تۈرلىرىدە يېتىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئاسىيا ۋە دۇنيا سەۋىيەسىدىكى كۆپلىگەن خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ كەلمەكتە ئىكەن.

تولۇق بەت