ھەپتىلىك خەۋەرلەر (7-ئۆكتەبىردىن 13-ئۆكتەبىرگىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.10.13
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئامېرىكادا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىلەن ئامېرىكانىڭ پېنسىلۋانىيە شتاتىدىكى درېكسىل ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 8-ئۆكتەبىر كۈنى فىلادىلفىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا ئامېرىكا، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كىملىكى دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەر ھەمدە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇتەخەسسىسلەر يەنە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش، ئۇيغۇر تىلى ئۇچراۋاتقان بوھرانلارغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر يىغىن مۇشۇ ساھەدە ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق يىغىن بولۇپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ بۇندىن كېيىن داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈشىنى قىزغىن ئالقىشلىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇتقۇن قىلىشنىڭ كۈنسايىن ئېشىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مەسىلىلەر دىققەت قوزغىماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە سىياسىي سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ھەرقايسى جايلاردا ئاساسەن ئوخشاش داۋام قىلماقتا ئىكەن.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلاشلىرى جەريانىدا بۇ خىلدىكى تۇتقۇن ھەرىكىتىدە سان جەھەتتە ئېشىشتىن باشقا تۇتقۇنلارغا بېرىلگەن جازانىڭمۇ ھەسسىلەپ ئېغىرلاۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى.

ئىگىلىنىشىچە، مىڭلىغان ئۇيغۇرلارغا «تېررورلۇق» ياكى «ئەسەبىيلىك» قالپاقلىرى كىيدۈرۈلۈپ، بەزىلىرى قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، يەنە بەزىلىرى يېپىق شەكىلدىكى «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋېلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئىگە-چاقىسىز قالغان بالىلار شۇ جايلاردىكى دارىلتاملارغا ئاپىرىپ بېرىلگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدا تىغلىق ئەسۋابلارنى قاتتىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى

يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەدبىرلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تىغلىق ئەسۋابلارغا قارىتىلغان يېڭى باشقۇرۇش چارىسى يولغا قويۇلغان.

تىغلىق ئەسۋابلارغا كىملىك نومۇرىنى بېسىش ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردىكى پىچاقلارنى زەنجىرلەپ قويۇش شەكلى ھازىر «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» نى ساقلاش نامىدا تىغلىق ئەسۋابلارغا ئىككىلىك كود چاپلاشقا ئۆزگەرگەنلىكى مەلۇم.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇ خىلدىكى چەكتىن ئاشقان تەدبىرلەر «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،» دېگەنلەرنى تەكىتلىمەكتە.

سىياسىي تۇتقۇنغا ھەمكارلاشقانلارنىڭ ئاقىۋىتى تۇتقۇنلاردىن پەرقسىز بولماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىدە بىر قىسىم يەرلىك ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتكە تۈرلۈك ياردەملەردە بولغانلىقى ئاشكارا بولماقتا. ھالبۇكى، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە ماسلىشىپ گۇماندارلارنى قوغلاپ تۇتۇشقا قاتناشقان بولسىمۇ ئاقىۋەتتە ئۆزلىرىنىڭمۇ تۇتقۇنغا ئايلىنىپ قالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

رادىيومىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا قاراقاش ناھىيەسىدىكى بىر «ۋەتەنپەرۋەر» ئىمامنىڭ ئىلگىرى ھۆكۈمەتنىڭ تۇتقۇن قىلىش خىزمىتىگە ھەمكارلاشقانلىقى، ئەمما يېقىندا ئۇنىڭ تۆت نەۋرىسىنىڭ سىياسىي سەۋەبتىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي تۇتقۇن ھەرىكەتلىرىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۈچۈن «كۆز-قۇلاق» بولۇۋاتقان بولۇپ، ئاساسىي قاتلاملاردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىماقتا ئىكەن.

گو ۋېنگۇينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرى غۇلغۇلا قوزغىدى

ئامېرىكىدىكى خىتاي مىلياردېر گو ۋېنگۇي يېقىندا ئامېرىكىدىكى «دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبى» دا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ خىتاينىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مەخپىي ئىشلارنى ئاشكارىلىدى.

بۇ جەرياندا گو ۋېنگۇي ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنىڭ ھازىر ئاخباراتقا مەلۇم بولغىنىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىن جەريانىدا گو ۋېنگۇي پات يېقىندا ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەتكە دائىر بىر قىسىم ئاشكارىلانمىغان ئەھۋاللارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىلىنىشىگە پايدىلىق،» دېدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بەرمەكتە

چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۈرلۈك مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان بىر قىسىم پۇقراۋى تەشكىلاتلار ئۆز چامىسىنىڭ يېتىشىچە ئۇلارغا ياردەم قوللىرىنى ئۇزاتماقتا.

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى» يېقىندا مىسىردىكى تۇتقۇندىن قېچىپ تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىۋېلىشىغا تېگىشلىك ياردەمدە بولغان.

تۈركىيەدىكى يەنە بىر پۇقراۋى تەشكىلات «ئۇيغۇريار» فوندى تۈرلۈك سەۋەبلەردىن ۋەتەن بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئوقۇش قىيىنچىلىقىغا خالىس ياردەمدە بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تەمىن ئېتىشى قىيىنچىلىقتا قالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۈمىد ئاتا قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.