ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10-ئۆكتەبىردىن 16-ئۆكتەبىرگىچە)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.10.16
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى 2015‏-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.

چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتتا دائىرىلەرنىڭ ساقال، ھىجاب ۋە باشقا ئىسلامى قىياپەتلەرگە چەكلىمە قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نېگىزلىك دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقى كۆرسىتىلدى.

دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا يەنە، خىتاينىڭ ئاشقۇنلۇق، بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇقىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرۇۋاتقانلىقى، دىنىي باستۇرۇش ئۇيغۇر ئېلىدە بەزى قانلىق ۋەقەلەرنى پەيدا قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

چارشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇقنى باھانە قىلىپ، دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

19 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى يېقىندا گۇاڭشىدا تۇتقۇن قىلىنغان

يانفوندا دىنىي ماتېرىيال يوللىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 19 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى شېرىنگۈل يېقىندا گۇاڭشىدا تۇتقۇن قىلىنغان.

ئىگىلىشىمىزچە، شېرىنگۈل ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق يېزىسىدىن بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەر ئەينى چاغدا ئۇنى «توردا دىنىي تەشۋىقات قىلدى، ياشلارنى غازاتقا ئۈندىدى» دەپ ئەيىبلىگەن ئىكەن.

شۇندىن كېيىن شېرىنگۈل ئۆز بېشىنى ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان ۋە خىتاي شەھەرلىرىدە سۇقۇنۇپ ياشىغان.

يېڭىئېرىق يېزىسىغا مۇقىملىق خىزمىتى بىلەن چۈشكەن بىر كادىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شېرىنگۈل بىر ئاي بۇرۇن گۇاڭشى ساقچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ۋە ئاۋاتقا قايتۇرۇپ كېلىنگەن.

ئۇيغۇرشۇناسلىق تېمىلىرى مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى يىغىنىدا كەڭ ئورۇن ئالدى

مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 16- نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق تېمىلىرى كەڭ ئورۇن ئالدى.

مۇھاكىمە يىغىنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا 15- ئۆكتەبىر باشلانغان ئىدى.

بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 60 مۇھاكىمە مەيدانى تەسىس قىلىنغان. يىغىنغا ئامېرىكا، رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، كاۋكازىيە رايونى، ئافغانىستان، موڭغۇلىيە ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، ئىستراتېگىيە، مەدەنىيەت، تارىخ، تىل-ئەدەبىيات، ئانتروپولوگىيە ساھەسى بويىچە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بارىدۇ.

يىغىندا ئالاھىدە دىققەتنى چېكىدىغان تەرەپلەرنىڭ بىرى بولسا ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىگە مەخسۇس ئىككى مۇھاكىمە مەيدانى تەسىس قىلىنغانلىقى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدا ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى ۋە باشقىلار بويىچە دوكلات بېرىدىكەن.

خىتاي كان ھۇجۇمچىلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا 500 مىڭ مۇكاپات بەرمەكچى

يىگىرمە نەچچە كۈندىن بۇيان باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنى تۇتالمىغان خىتاي دائىرىلىرى 13-ئۆكتەبىر باي ناھىيىسىنىڭ كان يېزىلىق ھۆكۈمىتىدە يىغىن چاقىرىپ، ھۇجۇم گۇماندارلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگۈچىلەرگە200 مىڭ سومدىن 500 مىڭ سومغىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

يىغىندا تۇرسۇن جۈمە، مۇسا توختىنىياز ۋە مەمەت ئەيسا قاتارلىق كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى يوشۇرغۇچىلار ئۆزىنى مەلۇم قىلسا، كەڭچىلىك قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

18- سېنتەبىر ئاقسۇ باي ناھىيەسىگە قاراشلىق بىر كۆمۈر كانىدا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 50 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ھۇجۇمچىلارنىڭ تاغ ئىچىگە يوشۇرۇنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

«ئاياللار ھوقۇقى فرونتى» ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

چارشەنبە كۈنى «ئاياللار ھوقۇقى فرونتى» تەشكىلاتى پرېزىدېنتى رېگگىې لىتتلېجون خانىم خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەھۋالىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بىردىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈش مۇمكىن بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئاياللار ئوخشاشلا بۇ ئىنسانىيلىققا قارشى سىياسەتنىڭ رەھىمسىز زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئەمما بىز زادى قانچىلىك ئايالنىڭ ھامىلە چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلانغانلىقى، قانچىلىك بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز، شۇڭا بۇ قاراڭغۇ ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەھۋالى بىزنى تېخىمۇ ئەندىشىلەندۈرىدۇ.

ئۇ يەنە خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ تۈپتىن خاتا ۋە دەرھال توختىتىشقا تېگىشلىك سىياسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە د ئۇ ق غا ياردەم بېرىش ئۇيۇشمىسى رابىيە قادىر خانىمنى كۈتۈۋالدى

14-ئۆكتەبىر چۈشتە، ياپونىيە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ياردەم بېرىش ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن رابىيە قادىر خانىم شەرىپىگە توكيودا كۈتۈۋېلىش زىياپىتى بېرىلدى.

زىياپەت توكيو شىبۇيادىكى مېيجى ئىبادەتخانىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە ياپونىيە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ياردەم بېرىش ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى توياما ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى. رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيەدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ياپونىيەگە كەلگەن ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن ئىدى.

خىتاي زاۋۇتلىرى ئۇيغۇر يېزىسىغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەن

گۇاڭخۈي گۇرۇھى قۇرغان كۆمۈر ۋە خىمىيە زاۋۇتلىرى نوم يېزىسىنىڭ ساپ ھاۋاسى ۋە تەبىئىي توغراقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گۇاڭخۈي گۇرۇھى بۇنىڭدىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ نوم يېزىسى تەۋەسىدە كۆمۈر ۋە ئېتىلېن پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرغان.

زاۋۇتتىن قويۇپ بېرىلگەن كىسلاتالىق پاسكىنا سۇ بىلەن زەھەرلىك ئىس-تۈتەك ئەزەلدىن ھاۋاسى ساپ بۇ تاغلىق ناھىيەنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاشقا باشلىغان. بولۇپمۇ نوم يېزىسى تەۋەسىدىكى بىپايان قەدىمىي توغراقلىق ھاۋا ۋە مۇھىتتىكى بۇلغىنىش تۈپەيلى قۇرۇپ كېتىشى خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.

ئاراتۈرك ناھىيىسى تۇخولو يېزىسىنىڭ باشلىقى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گۇاڭخۈي گۇرۇھى قۇرغان زاۋۇتلارنىڭ ئاراتۈرك ناھىيەسىگە، بولۇپمۇ نوم يېزىسىنىڭ مۇھىتىغا ئېغىر ئەكس تەسىر پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

ئىلھام توختى پەيشەنبە كۈنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەن

خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى پەيشەنبە كۈنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەن.

ئىلھام توختىنىڭ ئانىسى ۋە ئاكىسى ئىلھام توختى قامالغان ئۈرۈمچى بىرىنچى تۈرمىسىگە بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن.

ئۇلارنىڭ ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن ئارقىلىق بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختىنىڭ سالامەتلىكى ۋە روھىي كەيپىياتى جايىدا ئىكەن.

ئىلھام توختى ئۆتكەن يىلى 23- سېنتەبىر «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.