ھەپتىلىك خەۋەرلەر (12-ئۆكتەبىردىن 18-ئۆكتەبىرگىچە)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.10.18
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

رابىيە قادىر خانىم: ئالدىمىزدىكى ۋەزىيەت بىزدىن مىللىي بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشنى كۈتىدۇ!

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم كېلەر ھەپتە ب د ت دا چاقىرىلىدىغان خىتاينىڭ ئىنسانىي ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىش يىغىنى ۋە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى» يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى جىددىي ۋەزىيەتتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.

ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشى 22-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ ئىنسانىي ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىدۇ.

رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى: خەلقىمىز تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئاڭلىتىلغان بولغاچقا، ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىلىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىمكانىيىتى يار بەرگەن ئۇيغۇرلارنى جەنۋەدىكى يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۆز ئاۋازنى تېخىمۇ جاراڭلىق ئاڭلىتىشقا چاقىرىمەن.

مەلۇم بولۇشىچە، د ئۇ ق بۇ جەرياندا مەزكۇر يىغىنغا دوكلات سۇنۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدىكەن.

12-نويابىر، ئۇيغۇرلار 1933 ۋە 1944-يىلى ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرۇغان خاتىرە كۈنىدۇر.

رابىيە قادىر خانىم ئىسلام ئەللىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرېتارى بىلەن كۆرۈشتى

11-ئۆكتەبىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىسلام ئەللىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەكمەلىدىن ئېھسانئوغلى بىلەن ۋاشىنگتوندا ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە ئىسلام ئەللىرىنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇر دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئۇيغۇلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى قوغداشتا ئىسلام دۇنياسى، جۈملىدىن دۇنيا ئىسلام ئەللىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردۇق.

مەزكۇر تەشكىلات 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىنلا ئۇيغۇر ئېلىگە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتكەن ئىدى.

ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى ئۇيغۇر ئەنئەنىسىدە كۈتۈۋالماقتا

15‏-ئۆكتەبىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مۇبارەك قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى.

ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى مەسچىت-جامەلەر ياكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى پۇل چىقىرىپ سېتىۋالغان پائالىيەت سورۇنلىرىدا ھېيت نامىزى ئۆتەشتى ۋە ئانا يۇرتلىرىدا بېسىم ئىچىدە ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقان قېرىنداشلىرىنى ئەسلەشتى.

شىۋېتسىيە ۋە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار نامازدىن كېيىنكى ھېيت پائالىيىتىنى شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، ئۇيغۇر تىلىنى ياخشىسى ئۆگەنگەن ئۆسمۈر بالىلارغا مۇكاپات بېرىش ئارقىلىق ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ھېيتلىشىپ، بىر-بىرىگە خەيرلىك تىلەشتى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۆتەش ئارقىلىق قېرىنداشلىق مېھىرنى ئۇرغۇتتى.

يەكەن يېڭىئۆستەڭ ۋەقەسىدىكى گۇماندارلارنىڭ مۆكۈنۈش ۋە قورشۇلۇش جەريانى ھەققىدە مەلۇماتلار

26-سېنتەبىر يەكەندە يۈز بەرگەن ئودانلىق ۋەقەسىگە چېتىشلىق گۇماندارلارنىڭ سانى 20 نەپەر بولۇپ، بۇلار 1-ئۆكتەبىر يەكەندە بىرقانچە ساقچى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تەڭلا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان.

بۇ پىلان ئودانلىقنىڭ خانكۆۋرۈك كەنتىدىكى ۋەقەدە پىدائىيلاردىن 5 نەپىرى ئېتىلىپ 2 نەپىرى تۇتۇلغاندىن كېيىن پاش بولغان.

شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرى ئەسەبىيلىشىپ، قالغان 13 نەپەر گۇماندارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئودانلىقتىن باشقا يەنە، يېڭىئۆستەڭ ۋە تومئۆستەڭ يېزىلىرىدا بولۇپ جەمئىي 5 مەيدان قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بارغان.

بۇ جەرياندا، 20 نەپەر گۇمانداردىن 11 نەپىرى ئۆلتۈرۈلگەن، 4 نەپىرى ئەسىر ئېلىنغان. خىتاي ساقچىلىرى نۆۋەتتە قالغان 5 نەپەر گۇماندارنى بىر تەرەپ قىلىش ئوپېراتسىيىسى باشلىغان.

نورۋېگىيەدە «ئۇيغۇرلار كىم؟» دېگەن كىتابچە نەشر قىلىندى

نورۋېگ تىلىدىكى «ئۇيغۇرلار كىم؟» ناملىق كىتابچە تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، نورۋېگىيەدە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان ماتېرىيال كەم بولۇش بوشلۇقىنى تولدۇردى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر كىتاب نورۋېگىيە پارلامېنتىدىكى مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەرگە ۋە ھەر قايسى ئىنسانىي ھوقۇق ئورگانلىرىغا پوچتا ئارقىلىق يوللانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىتابچە يەنە نورۋېگىيەدىكى كىتابخانلارغىمۇ ھەقسىز تارقىتىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.