ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13-ئۆكتەبىردىن 19-ئۆكتەبىرگىچە)

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-10-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

شۆھرەت زاكىرنىڭ لاگېرلارنى ئاقلىشى رەت قىلىشقا ئۇچرىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى «ھەقسىز كەسپىي تەربىيەلەش ئورۇنلىرى» دەپ ئاقلىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.

17‏-ئۆكتەبىر كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ھەرقانداق بۇرمىلىشىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان قامىلىپ ياتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى پەردازلىيالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇ ھەرگىزمۇ ‹كەسپىي تەربىيە مەركىزى› ئەمەس، بەلكى جازا لاگېرلىرىدۇر».

باياناتتا يەنە بۇ لاگېرلاردا ئاچلىق، قىيىن-قىستاق ۋە زورلۇق-زومبۇلۇقلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، كوممۇنىستىك ئىدىيەنىڭ تۇتقۇنلارغا مەجبۇرىي تېڭىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

شۆھرەت زاكىر 16‏-ئۆكتەبىر شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ «ھەقسىز كەسپىي تەربىيە» ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئاز دېگەندە بىر مىليوندەك ئۇيغۇر بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا بۇ ئورۇنلارنى «ھەقسىز كەسپىي تەربىيە مەركىزى» دەپ پەردازلاشنىڭ ئۆزى بۇ لاگېرلاردىكى گۇناھسىز تۇتقۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قىلىنغان ھاقارەت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەھرىرى، رېژىسسور ئەركىن تۇرسۇن كېسىلگەن

ئىلى ئوبلاستلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەھرىرى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتچىسى ئەركىن تۇرسۇن تۇتقۇن قىلىنىپ، كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. 50 ياشلىق ئەركىن تۇرسۇن ئۆزىنىڭ پائالىيەتچانلىقى، جانلىق تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى، ئىشلىگەن كىنولىرى ۋە تەشكىللىگەن مەشرەپ ھەم مۇسابىقە پائالىيەتلىرى بىلەن ھەر ۋاقىت كۆزگە كۆرۈنۈپ كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ بۇ يىل 3‏-ئايدا غۇلجا ناھىيەسىنىڭ جېلىليۈزى بازارلىق ساقچىخانىسى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئاز دېگەندە 7 يىللىق كېسىلگەن.

ئۇنىڭ جېلىليۈزى بازارلىق ساقچىخانا خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى. جېلىليۈزى بازىرىغا قوشنا خۇدىياريۈزى يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى خادىملار ئۇنىڭ جېلىليۈزى ساقچىخانا خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردا ئەركىن تۇرسۇننىڭ غۇلجا ناھىيەسىدە تۇتۇلغاندىن كېيىن، غۇلجا شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئەركىن تۇرسۇن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك خەلق ئىچىدە غۇلجىدىكى نۇرتاي ھاجى، ئابلىمىت خالىس ھاجى، غوپۇر ھاجى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن «غۇلجىدىكى 4 سەرخىل» دېگەن نامنى ئالغانىكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىسى بىلەن جەم قىلىشقا چاقىردى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 16‏-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاتا-ئانىسى تۇتۇلۇشى سەۋەبلىك دارىلئېتاملارغا ئاپىرىۋېتىلگەن بالىلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

باياناتتا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى مۇدىرى سوفىي رېچاردسون خانىم سۆز قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتقۇن قىلىنغان ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى رەھىمسىزلەرچە ھۆكۈمەت ئىگىدارلىقىدىكى مەكتەپلەرگە ئاپىرىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ناتوغرا پىلانلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇلار ماددىي پاراۋانلىقنى دەستەك قىلىپ، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىۋاتىدۇ» دېگەن.

باياناتتا يەنە يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان دەلىللەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىشىغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئالاقىدار ئورگان ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەت ۋە ئاپپاراتلارنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

رېچاردسون خانىم باياناتتا يەنە بالىلارنى دارىلئېتاملارغا ئاپىرىپ بېرىشتەك بۇ خىل ئۇسۇل خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتى پەيدا قىلىدىغان ‹جاراھەت› نى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇزاق-مەزگىللىك سىياسىتى ئېلىپ كېلىدىغان زىياننى توختىتىشقا ئۈندىشى كېرەك» دېگەن.

نىككى خېيلى «مۇداپىئە ئەمەلدارلىرىنىڭ يىغىنى» دا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرۇپ، خىتاينى ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى نىككى خېيلى خانىم ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى كۇلۇبى» نىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينى تەنقىد قىلغان.

فوكس تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، بۇ يىغىن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرىقى دەرىجىلىك مۇداپىئە ئەمەلدارلىرىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان يىغىنى بولۇپ، بۇ يىل نىككى خېيلى نۇتۇق سۆزلىگەن.

ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، «بۇ ھازىرقى دۇنيادا كۆرۈلگەن ئەڭ زور كۆلەملىك ئىنسانلارنى يىغىپ قاماش ھەرىكىتىدۇر. ئۇ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ زور بىر قېتىملىقى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نىككى خېيلى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلە بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن.

يىغىندا نىككى خېيلى يەنە ئاز دېگەندە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى قامالغان بۇ لاگېرلاردا قىيىن-قىستاق بارلىقى، كىشىلەرنىڭ ئۆز دىنى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ، كومپارتىيەگە ساداقىتىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پروفېسسور ئابدۇبەسىر شۈكۈنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى ئابدۇبەسىر شۈكۈرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى، تۈركولوگىيە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان پروفېسسور ئابدۇبەسىر شۈكۈرى 2018-يىلى قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە تۇتۇپ كېتىلگەن. لېكىن، ئۇنىڭ قەيەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى مەلۇم ئەمەس.

ئابدۇبەسىرنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇبەسىر شۈكۈرى 2018-يىل قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە يەنى شۇ مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدىكى پروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن تۇتقۇن قىلىنغان چاغدا باشقا بىرقانچە نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن.

مۇخبىرىمىز مەكتەپنىڭ قوغداش باشقارمىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئابدۇبەسىرنىڭ ئاقىۋىتى ۋە تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبىنى سۈرۈشتۈردى. لېكىن، قوغداش باشقارمىسىدىكىلەر سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ج خ ئورگانلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈشنى تەكىتلىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ۋە «خاتا ئىدىيەلەر» نى تازىلاش نامىدا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشى، ئەدەبىيات-سەنئەت، تارىخ، فولكلور، ئىنسانشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەلىرىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرىنى زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان.

خىتاي «پان-ھالالىزم» غا قارشى سىياسىي ھەرىكەت باشلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا «پان-ھالالىزم» غا قارشى تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى يېمەك-ئىچمەك قاتار ئىسلامىي ئىستېمال ئادەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ھەرىكىتى باشلىغان.

مەزكۇر ھەرىكەت بۇ يىل 8‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، بىر خىتاي ئايالغا ئۆيلەنگەن مارالبېشىلىق بىر ئۇيغۇر مەمۇرىي خادىمنىڭ ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسى بىلەن رەسمىي تۈس ئالغان. لېكىن، ئىسلامىي ئىستېمال ئادەتلىرىگە قارشى بۇ خىل رادىكال ھەرىكەت ئامېرىكىدىكى بەزى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنى بىئارام قىلدى.

ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم خۇپېر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى «قولىدىن كېلىشىچە ئۇ رايوندا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىشى، ئۇلارنىڭ دىنىي ھوقۇقى، پۇقرالىق ھەقلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى» نى تەلەپ قىلدى.

يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىرىپ، ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ «پان-ھالالىزمغا قارشى كۈرەش قىلىشى» نى، ئۇلاردا «يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ھېچقانداق چەكلىمە مەۋجۇت بولماسلىقى» نى تەلەپ قىلغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا يەنە يەرلىك ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ ئىدىيەدىكى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ لەززەتلىك تائام مەدەنىيىتىدىن بەھرىمەن بولغانلىقى» غا دائىر خەۋەرلەرنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 10‏-ئاينىڭ 7‏-كۈنى مارالبېشىنىڭ ئالاغىر يېزىسىنىڭ باشلىقى ئابلىكىم مۆمىن ئۇيغۇر كادىرلىرىنى باشلاپ، چوشقا گۆشى يېيىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەن.

تولۇق بەت