ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-ئۆكتەبىردىن 21-ئۆكتەبىرگىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.10.21
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

يازغۇچى ئابلىمىت غوجابدۇللا 2014-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىۋېتىلگەن

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈپ كەلگەن تور قامالى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تورچىلىقى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ تور ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئاۋازىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتەلمىگەن.

«زۇلمەتلىك تۇپراق» ناملىق رومانى ۋە «توختى پوكان» ماۋزۇسىدىكى بىر يۈرۈش چاتما ھېكايىلىرى ئارقىلىق تونۇلغان ياش تور يازغۇچىسى ئابلىمىت غوجابدۇللا يېقىنقى يىللار مابەينىدە ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان تور يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يازغۇچى ئابلىمىت غوجابدۇللانىڭ بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن، يەنى 2014-يىلى قاراقاشتا تۇتقۇن قىلىنىپ 6 يىلدىن 8 يىلغىچە قاماققا كېسىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا 18 ياشقا توشمىغان بالىلارغا دىنىي تەربىيە قىلغان ئاتا- ئانىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2006‏-يىلى چىقىرىلىپ ئىجرا قىلىۋاتقان «دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامى» غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا بالىلىرىنى دىنىي پائالىيەتلەرگە رىغبەتلەندۈرگەن، قىزىقتۇرغان ياكى قىستىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ بەلگىلىمە بۇ يىل 1-نويابىردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

رادىيومىز بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتى. قەشقەر مائارىپ ۋە سىياسىي قانۇن باشقارمىسىنىڭ بىر خادىمى 18 ياشقا توشمىغان بالىلارغا ھەر قانداق ئۇسۇلدا دىنىي تەلىم-تەربىيە بەرگەن ئاتا- ئانىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىندونېزىيەدە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ «تېررورلۇق» بويىچە سوتلىنىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

ھىندونېزىيە تەپتىش مەھكىمىسى ئالدىنقى ھەپتە نۇرمۇھەممەت ئابدۇللا ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر گۇماندارنى «تېررورلۇق سۇيىقەستى» پىلانلىغان دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا 8 يىللىق قاماق جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۇرمۇھەممەت ئابدۇللا ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا جاكارتادا يەنە بىر ئۇيغۇر گۇماندار ئارىف ھىدايەتۇللا بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنغان. ھىدايەتۇللا بۇ يىل 3-ئۆكتەبىردە ھىندونېزىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن 6 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى تايلاند، مالايشىيا ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق ئەللەردە «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنىشى ۋە سوتلىنىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

جەۋھەر ئىلھام خەلقئارا جەمئىيەتتىن دادىسى ئىلھام توختىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلدى

شىۋېتسارىيە پايتەختى جەنۋەگە بېرىپ دادىسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن 2016-يىللىق «مارتىن ئەنالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇۋالغان جەۋھەر ئىلھام 17-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن.

ئۇ رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقان دادىسى ئىلھام توختىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەۋھەر ئىلھام مۇنداق دېدى: «مەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارىلىشى بىلەن ناھەق تۈرمىدە يېتىۋاتقان دادام ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دادامنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پاسپورت يىغىۋېلىش ھەرىكىتى باشلانغان

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش ھەققىدە كەڭ-كۆلەمدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى، قۇمۇل، شىخەنزە ۋە ماناس قاتارلىق جايلاردىكى ساقچىخانىلار ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقاتقان بولۇپ، ئەگەردە ئاھالىلەر پاسپورتلىرىنى ۋاقتىدا ساقچىخانىغا تاپشۇرمىسا ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىتلىك ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا پاسپورت يىغىۋېلىش ھەققىدىكى بۇ تەھدىتلىك ئۇقتۇرۇشى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلار «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كېلەچىكى ئانا تىلىمىزدىكى مەكتەپلەرگە باغلىق»، دەپ قارىماقتا

ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ئەڭ كۆپ ئويلاندۇرۇۋاتقان ۋە تەشۋىشلەندۈرۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى مىللىي مائارىپنىڭ تەقدىرى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ كەلگۈسى كىملىكى ۋە مىللىي ئەدەبىياتىغا پاسسىپ تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.

قازاقىستانلىق ياش يازغۇچىلار رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى بىلدۈردى. مەۋلۇتجان توختاخۇنوف: «ئەگەردە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى يېپىلىدىغان بولسا، دۇنيا ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈنمۇ چوڭ پاجىئە بولىدۇ،» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.