ھەپتىلىك خەۋەرلەر (19-ئۆكتەبىردىن 25-ئۆكتەبىرگىچە)
2019.10.25
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» بېرىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلھام توختى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ قالدى.
24-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى دېيۋىد ساسسولى سۆز قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ خىتايدا تۇرۇپ كۆرسەتكەن شىجائىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.
مەلۇم بولۇشىچە، «ساخاروف مۇكاپاتى» ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولۇپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا قايسى دەرىجىدە ئېتىراپقا ۋە قوللاشقا ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىنكاسى، دەپ قارالماقتا ئىكەن.
لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىقى زور غۇلغۇلا قوزغىدى
يېقىندا لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلاردىن تۇرسۇنئاينىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى لاگېرلاردىكى قەبىھلىكلەرنىڭ تېخى مەلۇم بولمىغان قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى ئاشكارىلىدى.
تۇرسۇنئاينىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى لاگېرغا قامالغان قىز ۋە ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن يوقاتماقتا ئىكەن. بۇنىڭدا مەجبۇرىي ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سېلىش، تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش، نامەلۇم دورا ئىچكۈزۈش دېگەنلەر ئاساسلىق ۋاسىتە بولماقتا ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئىزچىل لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تۇرسۇنئاينىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق يالغانچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم پاش قىلدى.
خىتاي ساقچىنىڭ پىچاندىكى لاگېردا غالىبجاننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى
يېقىندا پىچان ناھىيەسىدىكى بىر لاگېرغا قامالغان لەمجىنلىك ئۇيغۇر ياش غالىبجاننى 2018-يىلى ئاۋغۇستتا بىر خىتاي ساقچىنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا بۇنىڭ راست ۋەقە ئىكەنلىكى دەلىللەندى.
مەلۇم بولۇشىچە، غالىبجاننىڭ جەسىتىنى شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا خىتاي ساقچىلار ۋە كەنت كادىرلىرى يەرلىككە قويۇۋەتكەن ھەمدە مېيىتنى يۇيۇشقا رۇخسەت قىلمىغان.
نۆۋەتتە ھەرقايسى جايلاردىكى لاگېرلاردا ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى مۆلچەردىكىدىنمۇ كۆپ بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىشى سەۋەبىدىن بۇ ھادىسىلەردىن تاشقى دۇنياغا بىلىنگەنلىرى بەكمۇ ئاز ئىكەن.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇننىڭ كۆلىمى ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلار ئاشكارا بولدى
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىدە لاگېرغا قامالغان كىشىلەرنىڭ سانى ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. يېقىندا مەلۇم بولغان بىر قىسىم ئۇچۇرلار بۇ ھەقتىكى يېڭى تەخمىنلەرگە ئورۇن ھازىرلىماقتا.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلاشلىرى جەريانىدا قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ۋە پەيزىۋات ناھىيەلىرىدىكى بىر قىسىم يېزىلاردا ئاھالىنىڭ يېرىمى لاگېرغا قامالغانلىقى، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ياشلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
نۆۋەتتە ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى لاگېرغا قامالغانلىقتىن، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار ۋە تەتىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ قالماقتا ئىكەن.
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس 24-ئۆكتەبىر كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ۋىلسون مەركىزى» دە سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئۇ يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت قىلمىشىغا قارىتا دەسلەپكى جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس ئۆتكەن يىلىمۇ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركىزى بولغان «خۇدسون مەركىزى» دە نۇتۇق سۆزلەپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى كەسكىن تەنقىدلىگەن ئىدى.
ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەش تەلەپ قىلىندى
ئۆتكەن ھەپتە 37 خەلقئارا تەشكىلات ئامېرىكا تاموژنا ئىدارىسىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى مارك مورگانغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.
بىرلەشمە مەكتۇپتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا لاگېر تۇتقۇنلىرىنى سىستېمىلىق بولغان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر مۇھىم دەلىللەر بارلىقى، ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىۋاتقان پاختا، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ «مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكى» نى تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ پاش بولۇشى خەلقئارادا جىددىي ئىنكاس قوزغىدى.