ھەپتىلىك خەۋەرلەر (27-ئۆكتەبىردىن 2-نويابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.11.02
hepte-20181102.jpg نۇرتاي ھاجىم مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە. غۇلجا.
Oqurmen teminligen

ساخاۋەتچى نۇرتاي ھاجىم تۇتقۇن قىلىنغان

ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان زور تۇتقۇندا ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئاساسىي نىشان بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇ قاتاردا 1990-يىللاردىن باشلاپ كۆپچىلىككە تونۇلۇشقا باشلىغان ساخاۋەتچى نۇرتاي ھاجىمنىڭ ئالتە ئايدىن بۇيان قاماقتا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۇرتاي ھاجىم يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدىكى يېتىم بالىلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارنى مائارىپ تەربىيەسىگە ئىگە قىلىشتا ئۈلگىلىك شەخس بولۇپ كەلگەن ئىكەن.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بولغان نۇرتاي ھاجىمدەك بىر ساخاۋەتچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە ياۋۇزلاشقانلىقىنىڭ بىر جانلىق دەلىلى،» دېدى.

تۇنجى ئايال شاھىت لاگېرلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتلىرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا شۇ خىلدىكى لاگېرلارنىڭ بىرىدە يېتىپ چىققان مېھرىگۈل تۇرسۇن لاگېرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.

2015-يىلى 5-ئايدا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن مىسىردىن ئۈرۈمچىگە قايتقان مېھرىگۈل تۇنجى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن ئۇ كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەندە ئۇنىڭ ئەمدىلا ئىككى ئايلىق بولغان ئۈچ كېزەك پەرزەنتىنىڭ بىرى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىككى قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ بىرنەچچە ئايلىق ھاياتىنى «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېردا ئۆتكۈزگەن.

مېھرىگۈلنىڭ بايانلىرى لاگېرلاردىكى قاباھەتنى يەنە بىر قېتىم جانلىق تەسۋىرلەپ، لاگېرلارنىڭ زادى قانداق جاي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

تەتقىقاتچى كۈرەش تاھىرنىڭ بىر يىل ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى

ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى كۈرەش تاھىرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولۇپ، يېقىندا بۇنىڭ راستلىقى دەلىللەندى.

كۈرەش تاھىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ساھەسىدە بەلگىلىك دەرىجىدە ئىزدەنگەن. بۇ جەرياندا ئامېرىكا ۋە تۈركىيەلەردە ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، كۈرەش تاھىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەل سۆيگەن شائىرلاردىن تاھىر تالىپنىڭ ئوغلى بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ دادىسى ۋە باشقا قېرىنداشلىرىمۇ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن.

خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى يالغانلىرى مەغلۇپ بولماقتا

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى پەردازلاپ، ئۆزلىرىنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» ئاچقانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ياۋروپا پارلامېنتى، جۈملىدىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلە ھەققىدە مەخسۇس باياناتلار ئېلان قىلىپ، «لاگېرلار مەۋجۇت» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

شۇ قاتاردا ئامېرىكا، گېرمانىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يېقىندا ئېچىلماقچى بولغان ب د ت ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سورىماقچى بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ماگنوس فىسكاسيۆ بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنى ئاقلاش ئۇرۇنۇشى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ 1940-يىللاردىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تەشۋىقاتىغا بەكمۇ ئوخشايدۇ، » دېدى.

فىرانسىيەدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر كرىزىسلار ھەرقايسى جايلاردا دۇنياۋى تېمىلاردىن بولۇۋاتقاندا د ئۇ ق بۇ مەسىلىلەرنى ياۋروپا جامائىتىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتلەردە بولماقتا.

29-ئۆكتەبىردە پارىژدا ئېچىلغان «ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىلىرىنىڭ دۇنياۋى ئۇچرىشىشى» تېمىسىدىكى يىغىندا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مەخسۇس دوكلات بېرىپ، لاگېرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.

نۆۋەتتە بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ سان جەھەتتىكى كۆپلۈكى سەۋەبىدىن بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا كەڭ تونۇتۇش پۇرسىتى بولىدىغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە.

«جازا لاگېرلىرى» تۈركىيەدە مۇھىم تېمىلاردىن بولماقتا

ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئاكتىپ سەھنىلىرىدىن بىرى بولغان تۈركىيەدە 28-ئۆكتەبىر كۈنى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بويىچە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىلدى. ئەنقەرەدىكى «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، لاگېرلارغا قامالغان شەخسلەر ھەمدە نۆۋەتتىكى باستۇرۇشنىڭ كۆلىمى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە توختالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىلەرنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشى تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىجابىي نەتىجىلەرگە يول ئېچىشى ئالغا سۈرۈلمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.