ھەپتىلىك خەۋەرلەر (31-ئۆكتەبىردىن 6-نويابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.11.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئاقسۇ ئايكۆلدىكى دېھقانلارنىڭ ھەپتىسىگە 7 كۈندىن ھاشارغا ئىشلەۋاتقانلىقى مەلۇم

رادىئويىمىزنىڭ نەق مەيداندىن ئېنىقلىشىغا قارىغاندا، ئاقسۇ ئايكۆلدىكى دېھقانلار ھەپتىسىگە 7 كۈندىن، كۈنىگە ئون نەچچە سائەتتىن ھاشارغا ئىشلىمەكتىكەن. ئەگەردە كىمىكى كېسەل بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ ھاشار ۋەزىپىسىنى قېرىنداشلىرى ئىجرا قىلىشى كېرەككەن.

بۇ يىل 5 ‏-ئايدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان توقسۇ ناھىيىسىنىڭ يۇلتۇزباغ يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارى دېھقانلارنىڭ ئىش چىقىرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ھاشارغا سېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

مەلۇمكى، ئايكۆل دېھقانلىرى 2013 ‏-يىلى 8 ‏-ئاينىڭ 8 ‏-كۈنى دائىرىلەرنىڭ قارا-قويۇق ئادەم تۇتۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ نارازىلىق كېيىن قانلىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، ئاز دېگەندە 13 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە يۈزلەرچە كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ باش مۇھەررىرى جاۋ شىنۋېي جازالانغان

«جۇڭگو ئاخبارات تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ سېكرېتارى ۋە باش مۇھەررىرى جاۋ شىنۋېي بارلىق ئەمەللىرىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، كومپارتىيەدىن چىقىرىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى جاۋ شىنۋېينى «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىق-تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ پرىنسىپال مەسىلىلەردە مەركەز ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىمىغان» دەپ ئەيىبلىگەن.

خەۋەردە جاۋ شىنۋېينىڭ كونكرېت مەسىلىلىرى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى كۆزەتكۈچىلەر دائىرىلەرنىڭ رايوندىكى سىياسىي سەزگۈرلۈكىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

قەشقەردە توي مەرىكىلىرىنى ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش زاكالەت پۇلى ئېلىنماقتىكەن

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەردە توي قىلماقچى بولغان قىز-يىگىتلەر توي خېتى ئالىدىغان چاغدا توي مەرىكىسىنى داقا-دۇمباق ۋە ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش زاكالەت پۇلى تاپشۇرىدىكەن.

قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك ئاھالىلەر بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توي قىلماقچى بولغان قىز-يىگىتلەر توي خېتى ئالىدىغان چاغدا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق يېزا ياكى ناھىيەنىڭ خەلق ئىشلار بۆلۈمىگە مەخسۇس زاكالەت پۇلى تاپشۇرىدىكەن. ئۇنىڭ سوممىسى يېزىلاردا 500 سوم، شەھەردە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولىدىكەن. ئەگەردە توي ئىگىلىرى توي مەرىكىسىنى داقا-دۇمباق ۋە ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن ئۆتكۈزمىسە بۇ زاكالەت پۇلى تۇتۇپ قېلىنىدىكەن.

ئاقسۇ ئايكۆلدە ۋاپات بولغۇچىنىڭ مەھبۇس ئوسمان ئاۋۇت ئەمەس، بىمار ئوسمان مامۇت ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى

شىۋېتسىيەدىكى «شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى» نىڭ تور بېتىدە ئاقسۇ ئايكۆللۈك سىياسىي مەھبۇس ئوسمان ئاۋۇتنىڭ تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقى ۋە جەسىتىنىڭ 20-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا قايتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

بۇ خەۋەر مەزكۇر سىياسىي مەھبۇسنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست- بۇرادەرلىرىنى قاتتىق قايغۇغا سالدى.

رادىئويىمىزنىڭ ئاقسۇنىڭ ئايكۆل يېزىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان بىر قاتار تېلېفون زىيارەتلىرى نەتىجىسىدە ئايكۆلدە ئۆتكەن ھەپتە ۋاپات بولغۇچىنىڭ سىياسىي مەھبۇس ئوسمان ئاۋۇت ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن يىللىق بىمار ئوسمان مامۇت ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

ئاتالمىش «قۇلايلىق كارتا» ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قۇلايسىزلىق ئېلىپ كەلمەكتىكەن

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى يېزا-كەنتلەردىن بىڭتۇەندىكى كېۋەزلىكلەرگە بېرىپ ياللانما ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەن.

ھالبۇكى، دائىرىلەر «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن جەنۇبتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆز يۇرتىدىن باشقا شەھەر ۋە رايونلارغا يۆتكىلىشىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئاتالمىش «يېشىل كارتا» تۈزۈمىنى يولغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك ئاھالىلەر مەزكۇر «يېشىل كارتا» نى بېجىرمەي تۇرۇپ ھېچ يەرگە بارالمايدىكەن.

خوتەندىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاھالىلەر، ھەتتا يەرلىك ساقچىلارمۇ ھۆكۈمەت «قۇلايلىق كارتا» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ كارتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاھالىلەرگە قۇلايسىزلىق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«قىزىل تەشۋىقات چولپىنى» قۇربان ئۆمەر ئۆزىنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىدىن شىكايەت قىلدى

ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىنىڭ قايراق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق قۇربان ئۆمەرنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۆز ھويلىسىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىپ، دائىرىلەرنىڭ قىزىل تەشۋىقاتى ساھەسىدىكى «چولپان» غا ئايلانغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

ھالبۇكى، ئۇ بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۆتىنچى نومۇرلۇق رەھبىرى - يۈ جېڭشىڭ ئاتۇشنى زىيارەت قىلغاندا ھۆكۈمەت سورۇنىغا چاقىرىلمىغان.

ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيان يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەنلىكى ۋە بۇرۇنقىدەك ئېتىبارغا ئېلىنمايۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.