ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3-نويابىردىن 9-نويابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.11.09

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋول ستېرىت ژۇرنىلىدىكى ماقالىسى

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا «ۋول ستېرىت ژۇرنال» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، كومپارتىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىستىبداتلىقتىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي پەقەت ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي خەلقىنىڭ ھەر خىل ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلغاندىلا، دۇنياۋى كۈچ بولالايدۇ.

رابىيە خانىم يەنە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەردىن سىقىپ چىقىرىش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا ھېچقانداق كونترولسىز يەرلەشتۈرۈش، ئىسلامنى قانۇنسىزلاشتۇرۇش قاتارلىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختاتسا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ رازى بولغۇدەك تىنچ ۋە مەڭگۈلۈك ھەل قىلىنىشىغا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاتىگۈل غۇلامنىڭ قۇرۇلتاي شىكايىتى

«5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» غايىبلىرىدىن ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام، كومپارتىيە 18‏-قۇرۇلتىيىغا چاقىرىق قىلىپ، ئىز-دېرەكسىز غايىبلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ، غايىبلار مەسىلىسى ھەل بولمىسا، جەمئىيەتتە ھۆكۈمەتكە قارىتا ئۆچ-ئاداۋەتنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى، رايوندا مۇقىملىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، غايىبلار مەسىلىسى قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا تېگىشلىك ئەڭ زۆرۈر مەسىلە. بىراق ئۇ، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئادەتتىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، زىيانكەشلىككە، ئۇۋالچىلىققا ئۇچراش ۋەقەلىرىنى، رايوندىكى ئاساسلىق ۋە مۇھىم مەسىلىلەرنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

مۇھاجىرەتتىكى يازغۇچىلار قەلىمىنىڭ يىغىنى

11-ئاينىڭ 5-كۈنى لوندوندا مۇھاجىرەتتىكى يازغۇچىلار قەلىمى، ناملىق تەشكىلات ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتتە، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان.

بۇ پائالىيەتكە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ناخشا، مۇزىكىلىرىدىن كونسېرت بەرگەن. پائالىيەتتە، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق ئاتاقلىق شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

ئاۋسترالىيىدە ئولتۇرۇشلۇق يازغۇچى سۆيۈنگۈل خانىمنىڭ «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق رومانىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىدىن پارچىلار ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.

ئېتېىن گۇتمان: شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئىچكى ئورگان تەجرىبىخانىسى

ئامېرىكىلىق يازغۇچى ۋە خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ئېتىېن گۇتمان، شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئىنسان ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋالىدىغان ناھايىتى چوڭ تەجرىبىخانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھەربىي دوختۇرخانىلاردا خىتاي پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇر ياكى فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئېتىېن گۇتمان، بۇرۇن ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى تىرىك ئېلىشنى كۆزلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلمەي قەستەن چالا ئۆلۈك قىلىنىپ، ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقىغا دائىر پاكىت بارلىقىنى بىلدۈردى.

م ھ پ قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى

تۈركىيىدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيىلەردىن «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى» نىڭ 10-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان.

4-نويابىر كۈنى، ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايدا پارتىيە رەئىسى دۆلەت باغچەلى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇ، نۇقتىدا تۈركلەرنىڭ تارىخىي قەھرىمانى كۇرشادنىڭ 40 سەپدىشى بىلەن خىتاينىڭ خان سارىيىغا ھۇجۇم قىلىپ، خىتاي خانلىقىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى مىسالغا ئالغان ۋە شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرغان.

قۇرۇلتاي دىۋان ھەيئىتىنىڭ رەئىسى تۇغرۇل تۈركەش، ئەپسۇسكى شەرقىي تۈركىستان رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قۇرۇلتايغا قاتناشقۇسى بولسىمۇ، بىراق قاتنىشالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا پالاۋدىكى ئۇيغۇرلارغا جاۋاب بەردى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى پالاۋدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە پىكىر بىلدۈرۈپ، «بىز داۋاملىق ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ۋاقىتلىق، دەپ قارايمىز. بىز پالاۋدىكى 6 نەپەر ئۇيغۇرغا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىدىغان بىر جاي تېپىشقا كۈچىمىزنىڭ بارىچە تىرىشىمىز ۋە توختىماي ھەرىكەت قىلىمىز» دەپ كۆرسەتتى.

دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدارى، پالاۋنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارغا ياردەمدە بولغانلىقىغا ۋە ئۇلارنىڭ سەۋرچانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. پالاۋدا ۋاقىتلىق ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار يېقىندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر تىنچ ئوكيان ئارىلىدىكى ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىشى يەنە قانچىلىك سوزۇلىدىغانلىقىنى سورىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.