ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3-نويابىردىن 9-نويابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-11-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت باش شتابى ئالدىدا مىڭلىغان ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى قىلغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 6-نويابىر، شىۋېتسارىيە.
جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت باش شتابى ئالدىدا مىڭلىغان ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى قىلغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 6-نويابىر، شىۋېتسارىيە.
AP

خىتاي ب د ت دا لاگېرلارنى تاقاشقا چاقىرىلدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قەرەللىك يىغىنى 6‏-نويابىر جەنۋەدە باشلىنىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى قەرەللىك كۆرۈپ چىقىلدى.

يىغىندا، ئامېرىكا، كانادا، بېلگىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتى، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە قاتارلىق 16 دەك دۆلەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېر قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى قامىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى شۇنىڭدەك يەنە ب د ت نىڭ دەرھال تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى، خىتاينىڭ بۇ لاگېرلارنى دەرھال تاقىشىنى تەلەپ قىلدى.

يىغىندا ئامېرىكا ۋەكىلى: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويغان تۇتقۇن قىلىش لاگېرلىرى قاتارلىق قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ۋاسىتىلىرىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشقا، يۈز مىڭلىغان بەلكى مىليونلىغان تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز»، دېدى.

شۋېتسارىيە ۋەكىلى: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بارلىق قايتا تەربىيە لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشقا، شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرىنى رايونغا ئەۋەتىشكە چاقىرىمىز»، دېدى.

شۇ كۈنى بىرەر مىڭدەك ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئەزالىرى يىغىن مەيدانىنىڭ سىرتىدا نامايىش قىلىپ، خىتايغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن، يىغىندا خىتاي ۋەكىلى لاگېرلارنى ئاقلاپ، بۇ ئورۇنلاردا ئاشقۇنلۇققا قارشى تەربىيە ۋە كەسپىي ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت قاتارلىقلار تۇتقۇن قىلىنغان

يېقىندا بىر ئاڭلىغۇچىمىز رادىيومىزغا مەكتۇپ يوللاپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا ئۆتكەن يىلدىن بۇيان جەمئىي 14 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاتاقلىق شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز قەشقەردىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ، چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ بۇ يىل 7‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر چىمەنگۈل ئاۋۇتتىن سىرت مەزكۇر نەشرىياتنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئابلاجان سېيىتنىمۇ تۇتقۇن قىلغان.

بۇ دولقۇندا يەنە مەزكۇر ئورگاننىڭ پېنسىيەگە چىققان سابىق باش مۇھەررىرلىرىدىن ئابلىز ئۆمەر ۋە ئوسمان زۇنۇنلارمۇ تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ ئۇچۇر نۆۋەتتە قەشقەردە سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر خادىم تەرىپىدىن دەلىللەندى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇردا قەيت قىلىنىشىچە، دائىرىلەر بارلىق ئۇيغۇرچە نەشر بۇيۇملىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، «خەتەرلىك كىتابلار»، «مەسىلىلىك كىتابلار» دەپ قارالغان كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشىدا مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قارالغانلار ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىنماقتا ئىكەن.

قەشقەر سىياسىي قانۇن ساھەسىدىكى يۇقىرىقى خادىم، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان 1000 دىن ئارتۇق كىتابنىڭ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلغان 600 دىن ئارتۇق كىتابنىڭ «مەسىلىلىك كىتاب» دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئاۋسترالىيە لاگېر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان

ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىسا پېينى خانىم 8‏-نويابىر كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۇچراشقاندا ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا پېينى خانىم ئوچۇق قىلىپ لاگېر مەسىلىسى توغرىلىق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى ئۈستىدە توختالمىغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە «ئادەتتە تاشقى ئىشلار ئەمەلدارلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاينى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئەيىبلىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغانلىقى» بىلدۈرۈلدى. لېكىن، ۋاڭ يى «ۋەقەگە تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش نۇقتىئىنەزىرىدىن باھا بېرىش» نى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسەبىيلىكنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە مىڭلىغان ئالىملار، ئەدىبلەر، زىيالىيلار ۋە پۇلدارلار لاگېرغا قامالغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىكەن.

ئاتا-ئانىسى سولانغان بالىلار ئېغىر ئەھۋالغا دۇچ كەلدى

ئاتا-ئانىسى لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قىشلىق كىيىم-كېچەككە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇشتەك قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

يېقىندا خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقالغان بۇ ھەقتىكى مۇراجىئەتنامە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قىيىن ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ «قوش تىل» مائارىپىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئىككى خىتاي ئوقۇتقۇچى «جۇڭگو سودا-شىنجاڭ ئۈندىدار توپى» دا بىر مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، «ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بۇ بالىلارغا ياردەم قولىنى سوزۇشىنى ئۈمىد قىلغان».

مۇراجىئەتنامىدە «بالىلارنىڭ كىيىم-كېچىكى شۇنداق نېپىز، ئاياغلىرىنىڭ ھەممىسى يىرتىق، تۆشۈك. بىز مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىمىز بەك ئازابلاندۇق» دېيىلگەن. مۇراجىئەتنامىدە، ئىئانە توپلاشقا خوتەن كېرىيە ناھىيەلىك لەڭگەر يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئادرېسى بېرىلگەن.

مۇخبىرىمىز مۇراجىئەتنامىدىكى ئالاقىلىشىش نومۇرىغا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، تېلېفوننى ئالغان كىشى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى.

ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتا-ئانىسى لاگېرلاردىكى قارانچۇقسىز قالغان بالىلارنى ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا بېرىشنى رەت قىلىپ، ھەر قايسى جايلاردا لاگېرلار بىلەن بىر مەزگىلدە قۇرۇلغان «پەرىشتىلەر باغچىسى» ياكى «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دېگەندەك ناملاردىكى ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرماقتىكەن.

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنى باشلاندى

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنى 8‏-نويابىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە باشلاندى.

ميۇنخېندىكى بىر مېھمانخانىدا باشلانغان بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشى مۇراسىمى «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى» بىلەن باشلانغان.

يىغىنغا 23 دۆلەتتىن كەلگەن 250 دەك ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى، چەتئەللىك دىپلوماتلار، پارلامېنت ئەزالىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.

يىغىندا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ۋە كەلگۈسىدىكى ۋەزىپىلەر ھەققىدە توختالغان.

ئارقىدىنلا د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاينى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ: «خىتاي ئۇيغۇرلار بىلەن ئويناشسا، پۈتۈن مەركىزى ئاسىيانى ئوتقا تىقىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

يىغىندا يەنە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىيۇس، «ياۋروپا تىبەت ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى كاي مۈللېر، ئەنگلىيەنىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نورمان بېكىر، باۋارىيە خرىستىئان سوتسىيال پارتىيەسىنىڭ مەسئۇلنى بېرند پوسسېلت، ب د ت نىڭ سابىق ئالاھىدە دوكلاتچىسى، ئادۋوكات بېن ئېممىرسون. . . . قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلغان.

ئېمېرسون «خىتايدا ئۇيغۇرلارنى خورلاشقا بۇيرۇق بەرگەن ئەمەلدارلارنى خەلقئارا سوتتا جازالاشقا تىرىشىشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ۋە ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقى» بىلدۈرگەن.

غەيرەت ئابدۇراخمان كىتابى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان

«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى» تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت ئابدۇراخماننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ «ئوتخور جەمەت» ناملىق تەرجىمە كىتابى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان. «ئوتخور جەمەت» ناملىق ئەسەر بىر تەرجىمە رومان بولۇپ، بۇ رومان نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي يازغۇچى مو يېن تەرىپىدىن يېزىلغان.

مەزكۇر رومان غەيرەت ئابدۇراخمان تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، 2013‏-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. شۇ يىلى بۇ ئەسەر مەزكۇر نەشرىيات تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر تەرجىمە ئەسەر» بولۇپ باھالانغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ بۇ يىل 3‏-ئايدا تۇتقۇن قىلغان. مۇخبىرىمىز ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ بىر خادىمىدىن «غەيرەت ئابدۇراخماننىڭ بۇ يىل 3‏-ئايدا تۇتۇلغانلىقى توغرىمۇ؟» دەپ سورىغان. بۇ خادىم «توغرا» دەپ جاۋاب بەرگەن. لېكىن ئۇ غەيرەت ئابدۇراخماننىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن.

غەيرەت ئابدۇراخمان 1991‏-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت