ھەپتىلىك خەۋەرلەر (12-نويابىردىن 18-نويابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.11.18

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «جۇمھۇرىيەت كۈنى» نى خاتىرىلىدى

12-نويابىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «جۇمھۇرىيەت كۈنى» نى خاتىرىلىدى. بەزى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتلىق يىغىلىشنى «جۇمھۇرىيەت كۈنى» گە قوشۇپ ئۆتكۈزگەنلىكى مەلۇم.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بىر يەرگە جەم بولۇپ بۇ قۇتلۇق كۈننى خاتىرىلىدى. يىغىندا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختالدى.

رابىيە قادىر خانىم كۆپچىلىكنى ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەجدادلار روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كېلەچەككە يۈزلىنىشكە چاقىردى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مىللىي كۈرىشىنىڭ ھېچقاچان توختاپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ خىلدىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئەللىرى، ئاۋسترالىيە ، تۈركىيە ھەمدە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردە بىر دەك ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇرلار 20-ئەسىرنىڭ 30-ۋە 40-يىللىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا شانلىق سەھىپە ئاچقان ئىدى.

2
دەرس سائىتىدە 10 مىنۇت ئۇيغۇرچە سۆزلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سىنىپتىن ھەيدەپ چىقىرىلغان

مەلۇم بولۇشىچە، بىر سائەتلىك دەرسنىڭ 10 مىنۇت قىسمىنى ئۇيغۇرچە سۆزلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سىنىپتىن ھەيدەپ چىقىرىلغان.

ۋەقە 2007‏-يىلى 11‏-ئايدا ئۈرۈمچىدىكى بىر ئالىي مەكتەپ دەرسخانىسىدا يۈز بەرگەن. دەرسخانىدا 80 نەپەر ئۇيغۇر ۋە قازاق ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، ئوقۇتقۇچى تۇرسۇنجان ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە دەرسنى خىتايچە سۆزلىگەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى ئانا تىلىدا تۈگەتكەن بۇ ئوقۇغۇچىلار دەرسنى چۈشەنمىگەن.

2 سائەتلىك ۋاقتىنىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىغا ئېچىنغان ئوقۇتقۇچى تۇرسۇنجان، ئاخىرقى 20 مىنۇتنى ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە ئايرىپ، دەرسنى ئانا تىلىدا سۆزلەپ 10 مىنۇت ئۆتمەستىن، مەكتەپ مەسئۇللىرى سىنىپقا بېسىپ كىرگەن. ئۇلار تۇرسۇنجاننى دەرستىن توختىتىپ، سىنىپتىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.

بۇ، خىتاي قانۇنىدا «ئاپتونومىيە ھوقۇقى» بېرىلگەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەركىزىدە يۈز بەرگەن بىر ۋەقە.

تۇرسۇنجاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھازىرچە بىزگە قاراڭغۇ.
3
زەھەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان بالايىئاپەتلىرىنى يەنىلا سەل چاغلاشقا بولمايدۇ

ئون يىلدىن ئارتۇق زەھەر چەكلەش نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ياش ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا زەھەر چەككۈچىلەر سانى نىسبەتەن كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما زەھەر سودىسى يەنىمۇ يوشۇرۇن ھالەتكە ئۆتكەن.

ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بويىچە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سانى ۋە نىسبىتى جەھەتتە ئىزچىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى. «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ ئاۋغۇستتا ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىگە قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا تىزىملاتقان زەھەر خۇمارلار 40 مىڭدىن ئاشقان.

ھالبۇكى، «يارپ» زەھەر چەكلەش تورىنىڭ «ئۈرۈمچى كەچلىك» گېزىتىنىڭ ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەر تۈرلۈك شەكىللەردە سېتىلغاندىن باشقا زەھەر سودىسىمۇ تېخىمۇ يوشۇرۇن ھالەتكە كىرگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن چەكلەش خىزمىتى تېخىمۇ قاتتىق رىقابەتكە دۇچ كەلگەن.

4
قاراماي 2-ئوتتۇرا ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلار قارا نوپۇس خىتاي پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

قاراماي 2-ئوتتۇرا ۋەقەسىنى شۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قارامايغا تېخى يەرلەشمىگەن «قارا نوپۇس» خىتاي پەرزەنتلىرىنىڭ سادىر قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى مەزكۇر ۋەقەدىن خەۋەردار رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز تەمىنلىگەن ئىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەكتەپ مەسئۇللىرىمۇ، قارامايدىكى بارلىق قارا نوپۇس خىتاي پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن مەكتەپنىڭ تەرتىپ-ئىنتىزامىدىن باشقا، ئوقۇ-ئوقۇتۇش نەتىجىسىنىڭمۇ قاراماي بويىچە ئارقىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ يىل 10-ئاينىڭ 13-كۈنى قارىماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە مىللىي توقۇنۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ھەتتا ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىلارمۇ يارىلانغان ئىدى.

5
ئامېرىكا خىتاي قاتناشتۇرۇلمىغان بىر ئەركىن سودا چەمبىرىكى ھاسىل قىلدى

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ تىنچ ئوكيان دۆلىتى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى ۋە خىتاي قاتناشتۇرۇلمىغان بىر ئەركىن سودا چەمبىرىكى ھاسىل قىلدى.

مەزكۇر ھەمكارلىقنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشى 12-ۋە 13-نويابىر ھاۋاينىڭ پايتەختى ھونولۇلۇدا ئېچىلدى. تىنچ ئوكياننى ھالقىغان بىر ئەركىن سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىش بۇ يىغىندىكى ئەڭ مۇھىم كۈن تەرتىپكە قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولدى.

«تىنچ ئوكياننى ھالقىغان سودا شېرىكچىلىكى» «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى» نىڭ ئاستىدىكى سودا شېرىكچىلىك گەۋدىسى بولۇپ، برۇنېي، چىلى، يېڭى زېللاندىيە، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا 2005-يىلى تەشكىللەنگەن.

نۆۋەتتە بۇ ئەركىن سودا چەمبىرىكىگە يەنە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، پېرۇ ۋە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر قوشۇلغان. خىتاي ئارىلاشتۇرۇلمىغان.

6
ۋىليام رېينش: خىتاينى غەربچە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سىستېمىغا تەرتىپلىك سىڭىپ كېتەلەيدۇ، دەپ ئىشىنىش بىر قۇرۇق خىيالدىنلا ئىبارەت

ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك ئەھۋالىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋىليام رېينش خىتاينىڭ غەرب دۇنياسى ياراتقان ھەر خىل تۈزۈلمىلەرنى ئىزچىل سۇيىئىستېمال قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى 2011-يىللىق دوكلاتنى ئېلان قىلىش يۈزىسىدىن چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋىليام رېينش بۇ ھەقتە توختىلىپ، سابىق ئامېرىكا سودا ۋەكىلى روبېرت زولىكنىڭ بۇندىن ئون يىل بۇرۇن خىتاينى خەلقئارا سەھنىدە «مەسئۇلىيەتچان دۆلەت» بولۇشقا چاقىرغانلىقى، ھالبۇكى 10 يىلدىن كېيىنمۇ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى. بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، خىتاينى، ئۇلار 150 يىلدىن بۇيان ئۆزگەرتىپ، رەت قىلىپ كېلىۋاتقان غەربنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سىستېمىسىغا تەرتىپلىك ۋە سىپتا سىڭىپ كېتەلەيدۇ، دەپ ئىشىنىش بىر قۇرۇق خىيالدىنلا ئىبارەت ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىمۇ ئۆز ئۆمرىنى غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدى. يىغىن 16- نويابىر ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.