ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16-نويابىردىن 22-نويابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.11.22
hepte-tor-maqale.jpg ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16-نويابىردىن 22-نويابىرغىچە)
Photo: RFA

رېژىسسور ئەركىن تۇرسۇن 19 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان

ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان تۇتقۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى سۈرۈشتۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئامېرىكادىكى ئارافات ئەركىن يېقىندا دادىسى ئەركىن تۇرسۇننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا كېسىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان.

ب د ت نىڭ «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى» يېقىندا ئارافات ئەركىنگە خەۋەر بېرىپ، غۇلجىدىكى دادىسى ئەركىن تۇرسۇننىڭ، يەنى ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رېژىسسورى ئەركىن تۇرسۇننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 19 يىل 10 ئاي كېسىلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئەركىن تۇرسۇن ئۇيغۇر دىيارىدىكى رادىيو-تېلېۋزىيە ساھەسىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلەر ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن ژۇرنالىستلارنىڭ بىرى ئىكەن.

ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ تېررورلۇق قانۇنىغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا خىتايغا دوكلات يوللاپ، ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

دوكلاتتا، ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىجرائاتىنىڭ خەلقئارا ئەدلىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مۈجمەل قانۇن‏-نىزاملارنى كەڭ كۆلەملىك ئىشقا سېلىشى ئارقىسىدا رايوندا ئاز دېگەندە بىر مىليون ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلار تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ھەم ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشىغا يول ئاچقان. كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇمسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر مەكتۇپ ئىكەن.

د ئۇ ق نىڭ پروگرامما دىرېكتورى پېتېر ئىرۋىڭ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ مەكتۇپنىڭ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان مىسلىسىز ۋەقە ئىكەنلىكىگە قوشۇلىمەن. چۈنكى، ئۇنىڭغا ئىمزا قويغان مۇتەخەسسىسلەر سانى، ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەش جەھەتلەردە يېتۈك دوكلات بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇتەخەسسىسلەر تەپسىلىي بايان ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلارغا بولغان ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن.

قازاق يازغۇچى ئورالباي لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن

قازاق يازغۇچى، ژۇرنالىست ۋە تەرجىمان دىلشات ئورالباينىڭ 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

دىلشات ئورالباينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق سىڭلىسى گۈلئايشانىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، دىلشات ئورالباي 2018‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندىن بېرى ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان.

بۇ يىل ياشلىق دىلشات ئورالباي 1987‏-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن «ئىلى گېزىتى»، ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش، «كۈيتۇن گېزىتى» قاتارلىق جايلاردا مۇخبىر، تەرجىمان ۋە ئەدەبىي تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ «كاپىتان گتانتىنىڭ قىزلىرى» قاتارلىق 15 كىتاب، «ئەركىنلىك» قاتارلىق 30 پارچە پوۋېست ۋە ھېكايە، 150 تەك تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى قازاقچىغا تەرجىمە قىلغان.

ئۇنىڭ سىڭلىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە، ئۇنىڭ چوڭ ئاكىسى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئورالباي بىلەن يەنە ئىككى سىڭلىسىنىڭ ھېچقانداق خەۋىرى يوق ئىكەن.

ستېفان بېيگان: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ»

مۇئاۋىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى ستېفان بېيگان 20‏-نويابىر كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمان تاۋاپگاھلىرىنى چېقىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ چىنلىقىدا مەسىلە يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ستېفېن بېيگان يۇقىرىقى سۆزلەرنى كېڭەش پالاتا ئازاسى كورىي گاردنېرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە قىلغان. ئۇ، ئۆزىنىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتكە دائىر خەۋەرنى ئوقۇغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «شۇنداقلا مەن يەنە بىر ھەپتە ئاۋۋال خەۋەرلەردە ئېلان قىلىنغان مازار، مەسچىت قاتارلىق مۇسۇلمان تاۋاپگاھلىرىنىڭ سىستېمىلىق يوقىتىلىۋاتقانلىقىنى دائىر رەسىملىك دەلىللەرنى كۆردۈم. مەن بۇ خەۋەرلەرنىڭ چىنلىقىغا سوئال قويۇشقا ھېچقانداق سەۋەب يوق، دەپ قارايمەن» دېگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە «قورقۇنچلۇق ھادىسىلەر» نىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بولۇپ، دىنىي ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا بۇ خىل نىشانلىق زەربە بېرىش قوبۇل قىلىنمايدىكەن.

ستېفان بېيگان يېقىندا پرېزىدېنت ترامپ تەرىپىدىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلىق نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەنىدى.

بىشكەك شەھىرىدە تەلەت مىررەھىموفنىڭ رەسىملەر كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە قىرغىزىستانلىق تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسامى تەلەت مىررەھىموفنىڭ رەسىملەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئۇنىڭ رەسىملەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.

تەلەت مىررەھىموف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمە «غاپپار ئايتىيېف» نامىدىكى قىرغىزىستان دۆلەت مۇزېيىدا ئېچىلغان.

كۆرگەزمىگە ئۇنىڭ 50 يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا ياراتقان ھەر خىل تېمىلاردىكى 100 دىن ئوشۇق ئەسىرى قويۇلغان. سەنئەت ئەربابلىرى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە «مىللىي پۇراق چىقىپ تۇرىدىغانلىقى، خەلقىنىڭ تارىخى، مەۋجۇت ھاياتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ماھارەت بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا نامايان قىلىپ بېرىلگەنلىكى» نى تەكىتلىمەكتە.

ئۇ مەزكۇر كۆرگەزمە مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، «مەن ماي بوياق بىلەن رېئالىزمغا يېقىن ئىشلارنى ئېلىپ كېتىۋاتىمەن» دېدى.

تەلەت مىررەھىموف 1944-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئاتاقلىق زەرگار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئەغزەم مىررەھىموف ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ستالىن دەۋرىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈپ كەلگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.