ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17-نويابىردىن 23-نويابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-11-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چەتكە قېقىلىپ ياشاش-خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىرىنى چېقىشى» ناملىق دوكلات خىتايچىغا تەرجىمە قىلىندى

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قاراشلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان «چەتكە قېقىلىپ ياشاش-خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىرىنى چېقىشى» ماۋزۇلۇق دوكلات خىتايچىغا تەرجىمە قىلىندى.

دوكلاتنىڭ خىتايچە نۇسخىسى چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر بىز تورىغا قويۇلغان.

89 بەتلىك بۇ دوكلات بۇ يىل 4-ئايدا ئېلان قىلىنىپ، بىر قىسىم خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. تۈرلۈك مەنبەلەرنى ئاساس قىلىپ تەييارلانغان دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇنىڭ «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش» نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پەن-تېخنىكا ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى تور بېتى: مىللىي ۋە دىنىي كەمسىتىش ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرمەكتە

مېلبۇرن ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېتنىك توقۇنۇشلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كەمسىتىشكە ئۇچرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر مۇلاھىزە ئامېرىكىدىكى پەن-تېخنىكا ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى، ناملىق تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان. مۇلاھىزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى مائاشلىق ياخشى خىزمەتلەرنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغانلىقى، ئېغىر ۋە تۆۋەن مائاشلىق ئىشلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىپ، ئەمگەك بازىرىدىكى بۇ خىل كەمسىتىشنىڭ ناھايىتى روشەن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەمتىمىن سەمەرنىڭ ياغاچ ھارۋىسى

قەشقەر شەھىرىدىكى ھۈنەرۋەن مەمتىمىن سەمەرنىڭ ماتورلۇق ياغاچ ماشىنا ياساپ چىقىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 6-ئايدا قەشقەر يەرمەنكىسىگە قويۇلغان مەزكۇر ياغاچ ماشىنا، 6 ئايدىن بېرى قەشقەر كوچىلىرىدا ساغلام قاتنىماقتىكەن.

ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: ماشىنام مېڭىۋاتىدۇ. ئائىلە ماشىنىسى ئورنىدا ئىشلىتىۋاتىمەن؛ كۈنىگە قەشقەر شەھەر ئىچىگە بىر-ئىككى قېتىم كىرىپ چىقىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا (ئەسلى مەھەللەم) يامانيارغىمۇ ئايدا بىر-ئىككى قېتىم بېرىپ كېلىپ تۇرىمەن، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ ياغاچتىن ماشىنا ياسىغىلى نېمىشقا بولمىغۇدەك، دېگەن پىكىر بىلەن ئىشقا كىرىشىپ، ئاخىرى ياساپ چىققان.

بېشكەك ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى «ئاتا بېيىك» قەبرىستانلىقىدا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بېشكەكتىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى رايوندا «ئاتا بېيىك» قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى ياسىتىپ، 30-يىللاردا ستالىننىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقىدا قۇربان بولغان ھەر مىللەت ئاممىسىنى خاتىرىلەش مۇنارىنى تىكلىگەن ئىدى. مانا بۇ جايغا قىرغىز خەلقى بىلەن بىللە يەنە، ئون نەچچە نەپەر ئۇيغۇر ئوغلانى دەپنە قىلىنغان.

بېشكەك ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ باشلامچىلىقىدا «ئاتا بېيىك» قەبرىستانلىقىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، 1930‏-يىللىرى ستالىننىڭ چوڭ تازىلاش ھەرىكىتىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى خاتىرىلىگەن.

تۇتقۇن ئابدۇخېلىل ئابلىمىت، ئىنىسى ئەھۋالنى ئاخباراتقا پاش قىلغاندىن كېيىن قويۇۋېتىلدى

قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىك كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ خادىمى ئابدۇخېلىل ئابلىمىت، دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك گۇمانلىق ئۇنسۇر دەپ قارىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئائىلىسى ئىككى ئايدىن بېرى ئۇنىڭ توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمايۋاتقان ئىدى.

ئابدۇخېلىل ئابلىمىتنىڭ بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئىنىسى، ئابدۇخېلىل ھەققىدە ماقالە يېزىپ، 15-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر بىز توربېتىدە ئېلان قىلغان. ۋەقە ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىپ 3 كۈن ئۆتكەندە، ئابدۇخېلىل ئابلىمىت سولاقخانىدىن قويۇۋېتىلگەن. ئۇ 18-نويابىر كۈنى بېيجىڭدىكى ئىنىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىنى يەتكۈزگەن.

ئابدۇخېلىلنىڭ ئىنىسىنىڭ ئۇيغۇربىز تورىغا يازغان ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇخېلىل سولاقخانىدىن شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن؛ يەنى ئۇنىڭ ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق يېزىدىن سىرتقا چىقماسلىقى، سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسە، يېزىلىق ساقچىخانىغا مەلۇمات بېرىشى شەرت قىلىنغان.

بېيجىڭغا كەلگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلار ئارىسىغا دىنىي چەكلىمىلەر ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇچىلار قوشۇلدى

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتىيى يېپىلغان بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەرزدارلار بېيجىڭغا كەلگەن، لېكىن بۇ قېتىم بېيجىڭغا كەلگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلار ئارىسىغا ئىلگىرىكىدەك يەر داۋاسى ۋە ئۆي-زېمىن دەۋاسى قىلىپ كەلگەن ئەرزدارلاردىن باشقا، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ بار.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە نورمال دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە قارىتىلغان چەكلىمە كۈچەيتىلىپ، ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى مەنئى قىلىنغان. بۇ چەكلىمە كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئەرزدارلار، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن «پۇقرالارنىڭ قانۇندىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىش» نى تەلەپ قىلىشقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تولۇق بەت