ھەپتىلىك خەۋەرلەر (18-نويابىردىن 24-نويابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.11.24
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تۇتقۇن يەنىلا داۋام قىلماقتا

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي كونتروللۇقنىڭ داۋام قىلىشى نەتىجىسىدە «سىياسىي» مەسىلە تۈپەيلىدىن ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ داۋاملىق تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا بىرقەدەر زور ئابرۇي قازانغان «دولان ئوقەتچىلىك كەسپىي شىركىتى» نىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىمنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەيزىۋاتتىكى ئەھۋال ئېنىقلاش جەريانىدا شاپتۇل يېزىسىدىكى دىنىي زات ئالىم ھەسەننىڭ بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى يەتتە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ئۆز يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا «خىتايلارنىڭ پاختىسىنى تېرىپ پۇل تېپىش ھارام» دېگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ئىكەن.

تايلاندتىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار تۈرمىدىن قاچتى

تايلاندنىڭ چېگرا بويىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا قاماقتا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىدىن 20 كىشى دۈشەنبە كۈنى تاڭ سەھەردە قېچىپ كەتكەن.

تۈرمىدىن قاچقان بۇ ئۇيغۇرلار مالايشىياغا ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھازىرغا قەدەر سەككىز كىشى تۇتۇلۇپ قالغان. مالايشىيا ۋە تايلاند ساقچى دائىرىلىرى قالغان ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق ئىزدىمەكتە ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ زۇلۇمى تۈپەيلىدىن سىرتقا قېچىشقا مەجبۇر بولغانلار. شۇڭا ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ،» دېدى.

تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» گە يىغىۋېلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قاتتىق تەقىبنىڭ بىر روشەن ئىپادىسى «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى ۋە بۇ جايلارغا تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ سولىنىشى بولماقتا.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ئۆزىدىلا 10 مىڭدىن 20 مىڭغىچە كىشىنىڭ بۇ خىل مەركەزلەردە بىرنەچچە ئايدىن بۇيان «سىياسىي ئۆگىنىش» قىلىشقا سولانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

توققۇزاقنىڭ بۇلاقسۇ يېزىسىدىن ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا بىر يېزىنىڭ ئۆزىدىنلا 2500 ئارتۇق كىشىنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، 800 نەچچە كىشىنىڭ «يېپىق تەربىيە» گە قاتنىشىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاينىڭ «چوڭ سانلىق مەلۇمات» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «چوڭ سانلىق مەلۇمات» نامىدا بەرپا قىلىپ چىققان ئېلېكترونلۇق سىستېما پۇقرالارنىڭ بارلىق خۇسۇسىي ئالاھىدىلىكى ھەمدە خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى ئۆزىگە توپلىماقتا ئىكەن. بۇ خىل ئۇچۇر توپلاشتا ئۇيغۇر قاتارلىق «ئاز سانلىق» مىللەتلەردىن بولغان پائالىيەتچىلەر ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرى نۇقتىلىق توپلىنىدىكەن.

بۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىش ھەمدە ئۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئالدىن تەخمىن قىلىش ئاخىرقى نىشان قىلىنىدىكەن.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ شەخسىيەت ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلماقتا،» دەپ كۆرسەتتى.

«يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» ئۇيغۇر سەنئىتىگە يېڭى نوتىلارنى تەربىيىلىمەكتە

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سەنئەت مەدەنىيىتى نۆۋەتتىكى سىياسىي مۇھىتتا «قىزىللىشىش» قا يۈز تۇتۇۋاتقان بىر پەيتتە، قازاقىستاندا ئېچىلغان «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» يېڭى ئوقۇش يىلىنى باشلىدى.

ئەنگلىيەدىكى ئاگاخان فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان بۇ مۇزىكا مەكتىپىدە ھازىر 50 كە يېقىن ئۇستاز ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر مۇزىكا مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ساھەسىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

مەكتەپنىڭ مەسئۇللىرى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ بالىلارنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

چەتئەل سىياسىي ئەربابلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6-قۇرۇلتىيىغا ياۋروپادىكى بىر قىسىم داڭلىق سىياسىي ئەربابلار تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئىدى. ئۇلار بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك سىياسىي بېسىملار ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەبىتلىككە قارشى سىياسىي كۈرەشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلار بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «ئۇيغۇرلار ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ مۇستەبىت رېجىم ئاستىدا ياشىماقتا. بۇنداق بىر خەلقنىڭ ئۆز ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش يولىدىكى كۈرەشلىرىنى قوللاش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز،» دېدى.

شۇ قاتاردا ئەنگلىيەنىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نورمان باكېر سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ «تېرورلۇققا قارشى خەلقئارالىق كۈرەش» تىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.