ھەپتىلىك خەۋەرلەر (1-دېكابىردىن 7-دېكابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-12-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنغان

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان زور تۇتقۇن جەريانىدا «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» دىن ئالتە نەپەر ئۇيغۇر خىزمەتچىنىڭ نامەلۇم «سىياسىي» سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارا بولدى. بۇ جەرياندا ئەل سۆيگەن زىيالىي دەپ قارىلىدىغان مۇختار بۇغرانىڭمۇ تۇتۇلغانلىقى دەلىللەندى. 

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا، قولغا ئېلىنغان بۇ كىشىلەر بىردەك «سىياسىي» مەسىلە تۈپەيلىدىن تۇتۇلغانلىقى ئايدىڭلاشتى.

بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «مۇختەر بۇغرا ئۆتكەن ئون نەچچە يىل جەريانىدا ئۇيغۇر مىللىي روھىي گەۋدىلەندۈرۈلگەن كۆپلىگەن ناخشا تېكىستلىرىنى يازغان. بەلكىم مۇشۇ سەۋەبتىن قولغا ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن» دېدى. 

قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا «مەسىلىلىك كىتابلار سەۋەبلىك» كەسپىي خىزمەتلەر توختىتىلغان

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ نەشرىياتلارنىڭ بىرى بولغان قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ئۆزلىرى نەشر قىلغان نەچچە يۈزلىگەن «مەزمۇن جەھەتتىكى مەسىلىلىك كىتاپلار» سەۋەبىدىن يېقىندا كەسپىي خىزمەتلەرنى توختىتىشقا بۇيرۇلغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا مەزكۇر نەشرىياتتىكى ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، قالغانلىرىنىڭ «تۆۋەنگە چۈشۈش» ياكى «سىياسىي ئۆگىنىش» كە ئەۋەتىلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى. 

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈنلا ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىدىن پايدىلانغان، ئەمدىلىكتە بۇنداق بىر پايدىلىنىشقا ھاجەت قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى يوقاتماقتا» دېدى. 

سابىق نازىر مەمەت ئابدۇللانىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» سەۋەبىدىن تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان سابىق نازىرى مەمەت ئابدۇللانىڭ ئۆتكەن يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى. 

مەمەت ئابدۇللا 2017-يىلى كەڭ ئەۋج ئالغان «ئىككى يۈزلىمىچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللىقاچان يېشى 70 كە يېقىنلاپ قالغان مويسىپىتلاردىن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، سابىق نازىر مەمەت ئابدۇللا كورلا شەھرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى ۋە ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى بولۇپ ئىشلىگەن ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر كادىرلارنى كۆپلەپ ئىشقا ئالغانلىقى ۋە مۇھىم ئورۇنلارغا قويغانلىقى، دىنىي زاتلار بىلەن يېقىن ئۆتكەنلىكى قاتارلىق سەۋەبلىك خەلق ئاممىسىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئىكەن. 

سىياسىي مەھبۇس ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى تۈرمىدە جاز ئۈزگەن

1990-يىلى سىياسىي سەۋەب بىلەن قولغا ئېلىنىپ 12 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ھەمدە ھازىرغىچە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلمىگەن ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ئالغا سۈرۈلمەكتە. 

ئابدۇكېرەم ئابدۇۋەلى ئەل ئىچىدە «كېرەم قارى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-تۈرمىدىكى ۋاقتىدا «ئىپادىسى ياخشى بولمىغان» دېگەن باھانە بىلەن قاماق جازاسى قايتا-قايتا ئۇزارتىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شۋېتسىيە شۆبىسى 2014‏-يىلى 4‏-ئاينى «ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى ئېيى» دەپ ئېلان قىلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى تېخىمۇ بۇ يىل 7‏-ئايدا خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى» دا ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 

د ئۇ ق ھەيئىتى ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە مۇھىم پائالىيەتلەردە بولدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خادىملىرىدىن رەئىس دولقۇن ئەيسا، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات، ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىدىن نۇرىي تۈركەل، لۇيىزا گرېۋ قاتارلىقلار ئاۋسترالىيەدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئاۋسترالىيە پارلامېنتى چىقارماقچى بولغان ماگنىتسكىي قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرەلەشكەن.

مەزكۇر پائالىيەت گۇرۇپپىسى كانبېررا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە لوۋىي ئىنىستىتۇتىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە لېكسىيە بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر قانداق مۈشكۈلاتتا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن.

بۇ قېتىمقى بىر قاتار پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە تېگىشلىك تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى. 

مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم دىققەت نۇقتىلىرىدىن بولماقتا

ئۇيغۇر جەمىيىتى ئېغىر كىرىزىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقاندا ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش ۋە دىنداش بولغان مەملىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىشتىن ئۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىۋاتقانلىقى بارغانسېرى غۇلغۇلا قوزغىماقتا، شۇنىڭدەك تەنقىدلەرگە ئۇچرىماقتا.

يېقىندا تۈركىيەدىكى چوڭ پارتىيەلەردىن بولغان «ياخشى» پارتىيەسى ئىستانبۇلدا نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلگەندە سۈكۈتنى تاللىغانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارىشى ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى. 

ئۆتكەن ھەپتە باش شىتابى قاتاردىكى «دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى» مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

تولۇق بەت