ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8-دېكابىردىن 14-دېكابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.12.14
hepte-10181214.jpg ناخشىچى زاھىرشاھ ئابلىمىت ئاتا-ئانىسى بىلەن تۈركىيەدە ساياھەتتە. ئىستانبۇل (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
Oqurmen Taminligen

ناخشىچى زاھىرشاھ ئابلىمىتىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي تۇتقۇندا «سىياسىي» بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا سەنئەت ساھەسىدىكى چاقناۋاتقان چولپانلاردىن ناخشىچى زاھىرشاھ ئابلىمىتنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئاتۇشتىكى «5-تەربىيەلەش مەركىزى» گە قامالغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئاتۇشتىكى ساقچىخانىلار بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، تەپسىلىي ئەھۋاللاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، زاھىرشاھ يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى ئۈرۈمچى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئويۇن قويۇش بىلەن ئۆتكەن ئىكەن. 2015-يىلى ئۇ «يىپەك يولى ساداسى» ناخشا مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

قانۇن سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلارمۇ تۇتقۇن قىلىنماقتا


ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان زور تۇتقۇن ھەرىكىتىدە مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىنىشى ئۈچۈن يېقىندىن خىزمەت ھەمكارلىقىدا بولۇپ كەلگەن قانۇن سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا بايىنغولىن ئوبلاستلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ھېكىم قادىرنىڭ «سىياسىي» سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئايدىڭلاشتى.

بۇ قېتىم ھېكىم قادىرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا ئۇنىڭ يېقىندا تۇتقۇن قىلىنغان ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى مەمەت ئابدۇللانىڭ يېقىن تۇغقىنى بولۇشى مۇھىم سەۋەب، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

سابىق مەھبۇسلارنىڭ قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا

يېقىندا سابىق «سىياسىي» مەھبۇسلارنىڭ يېڭىۋاشتىن قاماققا ئېلىنىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. شۇ قاتاردا دىلشات پەرھاتنىڭ قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى ۋاقىتتا زىيارەتچىلەر سانى ئەڭ كۆپ بولغان تورلارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدىغان «دىيارىم» تورىنىڭ ساھىبى دىلشات 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە «قۇتراتقۇلۇق قىلغان» دەپ ئەيىبلەنگەن. ئۇ بەش يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن 2014-يىلى قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانداق ئۇيغۇرغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىنىشى» دېدى.

خىتاينىڭ تۈركىيەگە سۇنۇلغان قولى قوزغىغان تەشۋىشلەر

خىتاي زۇلۇمدىن قېچىپ تۈركىيەگە كۆچۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدىكى مۇھىم ئورۇن بولۇشى بارغانسېرى ئايدىڭلاشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ ئاكتىپ تۈس ئالماقتا.

يېقىندا تۈركىيەدىكى بىر قېتىملىق نامايىشتىن قايتقان ئۈچ ئۇيغۇر ئايال ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ مۇتىھەملىكىگە دۇچ كەلگەن.

بۇ ھەقتە پىكىر قىلغان ئانالىزچىلار «خىتاي مۇشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىغا قورقۇنچ ئۇرۇقى چېچىپ، ئۇلارنى بىر-بىرىگە ئىشەنمەس قىلىۋېتىشنى ئاخىرقى نىشان قىلغان» دېدى.

تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەيدانى تەنقىدكە ئۇچرىماقتا

يېقىندا تۈركىيەدىكى «ئىيى» (ياخشى) پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پارلامېنت باشلىقى بىنالى يىلدىرىمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

دەل مۇشۇ مەزگىلدە خىتاي زىيارىتىدە بولغان تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى بىنالى يىلدىرىم خىتايدىكى تارىخىي شەھەرلەرنى ۋە سەددىچىن سېپىلىنى ساياھەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغانلىقى كەسكىن تەنقىدكە ئۇچرىدى.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش سادالىرى مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىق كۈچەيسە بۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا ئىجابىي تەسىرى بولىدۇ» دېدى.

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ھەققىدىكى دۇنياۋى خىتاب كۈچەيمەكتە

10-دېكابىر كۈنىدىكى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرىسىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 20 تەشكىلات بىلەن ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيانى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان «ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى» ۋە لاگېر تۈزۈمىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

10-دېكابىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىمۇ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى قول قويغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى.

مەزكۇر خاتىرە كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن چېخ ۋە سىلوۋاكىيە جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى 115 ئالىم ئىمزا قويغان كوللېكتىپ مۇراجىئەتنامىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارنى شەرتسىز تاقاش جىددىي تەلەپ قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.