ھەپتىلىك خەۋەرلەر (7-1 ئاپرېل)


2006.04.07

ئۇيغۇرلار دۇنيا دېموكراتىك ھەرىكىتى يىغىنىدا

تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە 4-نۆۋەتلىكك دۇنيا دېموكراتىك ھەرىكىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا دۇنيادىكى 120 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 500 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. ئۇيغۇرلاردىن د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى نۇري تۈركەل ئەپەندىلەر قاتناشتى. تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، يىغىن زالى ئالدىدا 20 گە يېقىن ئۇيغۇر نامايىش ئۆتكۈزدى.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ باشلىقى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ۋە ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىلەر بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ۋە ھۆرلۈك ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلدى.

بارىن ئىنقىلابىنىڭ 16 يىللىقى خاتىرىلەندى

بارىن ئىنقىلابىنىڭ 16 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئىنقىلابنىڭ 16 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. قازاقىستاندىكى پائالىيەتكە سىياسىي پائالىيەتچى قەھرىمان غوجەمبەردى رەھبەرلىك قىلغان. بارىن ۋەقەسى 1990-يىلى، ئاپرېل ، زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى بارىن يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ ھەرىكىتى خىتاي ئارمىيىسى ۋە ساقچى كۈچلىرىنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشلىرى نەتىجىسىدە باستۇرۇلغان ئىدى. بۇ ۋەقەگە 16 يىل بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

كانادا تەۋەلىكىدىكى ھۈسەنجان جېلىل ئۆزبېكىستان ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 26-مارت كۈنى ئائىلىسى بىلەن ئۆزبېكىستانغا بارغان كانادا تەۋەلىكىدىكى ھۈسەنجان جېلىل ئۆزبېك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۆزبېك ساقچىلىرى ئۇنى بۇنىڭدىن بەش –ئالتە يىللار ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى بىلەن باغلاپ، ئۇنىڭ ماتېرىياللىرىنى توپلىماقچى بولغان. بەزى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ھەتتا ئۆزبەك ساقچىلىرىنىڭ ھۈسەنجاننى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەندىشىلەرمۇ كۆرۈلمەكتە. ئەمما، ھازىرچە تېخى تاشكەنت دائىرىلىرىدىن بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر رەسمى ئۇچۇر چىققىنى يوق. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىكەن.

خىتاي يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم ھۆكۈم قىلدى

خىتاي سوت دائىرىلىرى 2003 ‏- يىلى پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىسمايىل قارى يەنى ئىلھام دەپ تونۇلغان ئىسمايىل سەمەتنى، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان، قانۇنسىز پارتلاتقۇچ ياساش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلەپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئىسمايىل سەمەت ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2005‏-يىلى 10‏- ئاينىڭ 31‏- كۈنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. لېكىن سوت ھۆكۈمىدە، ئىسمايىل سەمەتنىڭ ئەگەر ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلالايدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمما، ئىسمايىل سەمەت سوتنىڭ پۈتۈن ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتلار پۈتۈنلەي خاتا، مەن گۇناھسىز دېگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى قىسقىغىنا ئون ئاي ئىچىدە 50 ئادەمگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا 22 نەپەر خىتاي قاچىقىنى قولغا ئالدى.

6-ئاپرېلدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ سىياتىل شەھىرىدىكى دېڭىز چېگرا ئۆتكىلىدە شاڭ خەيدىن يۈك پاروخودى بىلەن يۈك ساندۇقلىرىغا مۆكۈنۈپ ئوغىرلىقچە ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن 18 ئەر ۋە 4 ئايال ئامېرىكا چېگرا خادىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. 15 كۈنلۈك سەپەر جەريانىدا بۇ ئادەملەرنىڭ سالامەتلىكى دەخىلگە ئۇچرىمىغان. يېقىندا ئامېرىكا تەرەپ 39 مىڭ خىتاي قاچىقىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن سۆزلەشكەن ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يىلان بېشى دەپ ئاتالغان خىتاي قارا قوللىرى بىر ئادەمدىن 30مىڭدىن 60 مىڭغىچە ئامېرىكا دوللىرى ئېلىپ ئامېرىكىغا قاچۇرىدىكەن.

ئامېرىكا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي، بېلارۇسىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ۋە دېموكراتىيىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى بىلەن ئەيىبلىدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەيىبلىشى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ نارازىلىقلىرىنى قوزغىدى. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا سەپىرىگە ئاز قالغان بۇ ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاينىڭ كىشىلىك ۋە دېموكراتىيە ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى مەخسۇس بەتلەر ئارقىلىق قايتا تىلغا ئېلىنغان.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.