ھەپتىلىك خەۋەرلەر (14- مايدىن 18 - مايغىچە)

رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدىكى ئىككى ئالى مەكتەپتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى

ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم، 15-16-ماي كۈنلىرى ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدىكى دۇنياغا داڭلىق ئىككى ئالىي مەكتەپ- ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئىنىستىتۇتى ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسورلار، تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى قوزغىدى.

رابىيە قادىر بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياۋروپا سەپىرى جەريانىدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ بوستوندىكى پائالىيەتلىرىنى خۇلاسىلاپ، دوكلاتنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە ئالاھىدە قىزىققانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلىسىدىن ئۆچ ئالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى 16-ماي كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئۆچ ئالغانلىقىنى رەت قىلدى.

16-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خۇ ۋېي ئىسىملىك مۇئاۋىن رەئىسى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنى جازالاش ھەرىكىتىنى ئاقلاپ ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بالىلىرىنى جازالىغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ،" ئەلۋەتتە ئۇنداق نىيەت يوق. بىز ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى قانۇنلار بويىچە بىر تەرەپ قىلىۋاتىمىز،" دەپ تەكىتلەش بىلەن بىرگە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيىتىنى تىلغا ئالغان ھەمدە " رابىيە مەسىلىسى ناھايىتى روشەن. ئۇ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ ئامېرىكىدا داۋالىنىش جەريانىدا قىلغان ئىشلىرىنى ھەممە ئادەم كۆردى،" دەپ تەكىتلىگەن.

لېكىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتون ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ت. كۇمار، " خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى قولغا ئېلىش ۋە تۈرمىگە تاشلاشتا سىياسى مۇددىئا بارلىقىغا شۇنداقلا بۇنىڭ رابىيە قادىرنى چەت' ئەلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تىنچلىقپەرۋەر سىياسى پائالىيىتىدىن ۋاز كەچكۈزۈشكە قارىتىلغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ" دېدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە رابىيە خانىمنىڭ ئامېرىكىدىكى ئائىلە تاۋاباتلىرى، خىتاينىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى جازالىغانلىقىنى ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى، دەپ ئەيىبلىمەكتە.

شىۋىتسىيىدىمۇ ئۇيغۇر تەنتەربىيە ماھىرلىرى بار

شىۋېتسىيىدە جالال قاسىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر چېلىش ماھىرى پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. ئۇ ىسكاندونوۋىيىدىكى بىر قانچە مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولغان.

گەرچە، شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى بەش يۈزگىمۇ يەتمىسىمۇ، ئۇلار شىۋېتسىيەگە كەلگىنىگە بىرقانچە يىل بولا بولمايلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن شىۋېتسىيىدە ياخشى شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ۋە دۇنياغا قاراپ يۈزلەنگەن بىر قانچە كىچىك پۇتبول چولپانلىرى، گىمناستىكا ماھىرلىرى، ئېغىرلىق كۆتىرىش باتۇرلىرى ۋە چېلىشىش ئۇستىلىرى يېتىشىپ چىققان.

خىتاي، پاكىستاندىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ھىندىستاندا چىقىدىغان "كۈندىلىك ۋاقىت" گېزىتىنىڭ، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بەزى خادىملىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، "پاكىستان ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنى تۇتۇپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك" دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگرىسىدىكى قەبىلىلەر رايونىدا يوشۇرۇنغان 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تەسرىن ئەسلەم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر تەلىپىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما، ئىلگىرى پاكىستان دائىرىلىرى ئىسمائىل سەمەت قاتارلىق بىر قانچە ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇلار ئۆلۈمگە ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىگە ئائىت مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئۆتكەن ھەپتىدە تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەخىپلىرىدىن بىرى بولغان "بىرلىك ۋەخپى "نىڭ ئەنقەرە شۆبە زالىدا "شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى` تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىنغا ۋەخىپ ئەزالىرى، ۋەخىپ باشلىقى، سابىق پارلامېنت ئەزالىرى ھەم ھۆكۈمەت ئادەملىرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولۇپ 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيىدىكى ۋەكىلى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇيغۇر ئېلىدا كۆمۈركان ۋەقەسى يۈز بەردى

ئەنگىلىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 15 ماي چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۈگۈر ناھىيىسى تەۋەسىدىكى گۆھەر تاغ كۆمۈر كانىنىڭ ئىشچىلىرى كان ئىچىدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش جەريانىدا كاندىن زەھەرلىك گاز چىقىپ كەتكەنلىكتىن ، كۆمۈر كان ئىشچىلىرىنىڭ زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

نەتىجىدە، بىرنەچچە كان ئىشچىسى ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى كان ۋەقەلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان جايلارنىڭ بىر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

تەيۋەن خىتاي تەھدىدىگە قارشى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

15-ماي ( سەيشەنبە) كۈنىدىن ئېتىبارەن تەيۋەندە، " خىتاي شۆھرىتى 23"ناملىق ھەربىي مانېۋىر تەيۋەننىڭ ئۈچ رايونىدا ئوخشاشمىغان ۋاقىتتا باشلىنىپ، نەتىجىلىك تاماملانغان. مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر مانېۋىرنىڭ خىتاينىڭ تەھدىدلىرىگە جاۋابەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

مەزكۇر مانېۋىرنىڭ ئاساسى مەقسىتى تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا قارىشى ھەربىي تەييارلىق ئەھۋالىنى سىناش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ مانېۋىرغا كۈرەشچى ئايروپىلانلار، قوغدىغۇچى پاراخوت ۋە تىك ئۇچارلار قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، جەمى 1800 ھەربىي خادىم ئىشتىراك قىلغان. تەيۋەن بۇنداق خىلدىكى مانېۋىرلارنى 80-يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.(ئۈمىدۋار)