ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15 - سېنتەبىردىن 21 - سېنتەبىرگىچە)


2007.09.21

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار لايىھىسى قوبۇل قىلدى

17- سېنتەبىر , دۈشەنبە كۈنى ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا يىغىن ئېچىلىپ، بارلىق ئاۋام پالاتا ئەزالىرى تولۇق قاتناشقان ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتلىك 497-نومۇرلۇق قارار لايىھىسى ماقۇللاندى.

مەزكۇر قارار لايىھىسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رۇس لەھتىنەن خانىم، تام لانتوس ئەپەندى ۋە روھراباچېر قاتارلىق شەخسلەر تەرىپىدىن تەييارلىنىپ پالاتا كېڭىشىگە سۇنۇلغان ئىدى. مەزكۇر 497- نومۇرلۇق قارار لايىھىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ئاۋام پالاتا خادىمى تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، " قارار لايىھىسىدە ئاۋام پالاتا ئەزالىرى شۇنى بىلدۈرىدۇكى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى، رابىيە قادىرنىڭ بالىلىرى ۋە كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى تۈرمىدىن دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەدەنىيەت، تىل ، دىنىي ۋە باشقا شەكىلدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك." دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

قارار لايىھىسىنى كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا ساموئا ئارىلى ۋەكىلى، دېموكرات فالەئوماۋائەگا بايان قىلىپ ئۆتۈپ، " مەزكۇر قارارنىڭ ئېلىنىشى بىلەن دۆلەت مەجلىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ۋەھشىيانە باستۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ يېتەكچى ئاۋازى رابىيە قادىرغا قاراتقان رەزىل ئۆچ ئېلىش قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلايدۇ" دېدى.

فالەئوماۋائەگا ئەپەندى يەنە "خىتاي تېررورلۇققا زەربە بېرىش كۈرىشىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ياپماقچى بولدى" دەپ كۆرسەتتى.

مەزكۇر قارار لايىھىسىنى ياقىلاپ سۆزگە چىققان نېۋ جېرسىي ۋەكىلى كىرىستوفېر سىمىس ئەپەندى رابىيە قادىر خانىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەردى ۋە " ئامېرىكىدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مارتىن لۇسىر كىڭ، بىرمىدا ئانسان سۇشى، ھىندىستاندا بولسا گەندى، خىتاي كاتولىكلىرى ئۈچۈن كاردىنال كۇڭ، پولشادا لاكۋالاسې ۋە يوھان پول ئىككىنچى، تىبەتلەر ئۈچۈن دالاي لاما ھەزرىتىم بار بولغان بولسا، دىنى ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنغان، مەدەنىيەت ۋە تىل ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ئاققۇن خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۆز ئانا ۋەتىنىدە چەتكە قېقىلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىم باردۇر" دېدى.

497-نومۇرلۇق قاراردا تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتا تەكىتلەنگەن.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى:

1 ‏- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىي ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىنى تونۇشى ۋە ئۇلارغا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

2 ‏- رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىرىنى تۈرمىدىن ۋە نەزەربەند ئاستىدىن دەرھال قويۇپ بېرىشى شەرت.

3 ‏- كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى دەرھال قويۇپ بېرىپ كانادادىكى ئائىلىسى بىلەن جەم قىلىشى شەرت.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەسىلىسى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 19-سېنتەبىر كۈنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ رايبۇرن نامىدىكى سارىيىدا " شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇققا تەھدىت بولۇۋاتامدۇ ياكى رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە ھەمكارلىقىنى تەمىن ئېتىۋاتامدۇ؟ " دېگەن تېما ئاستىدا بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئاچتى.

مەزكۇر پائالىيەت دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك كومىتېتىنىڭ بىرلەشمە رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى بېجىرىۋاتقان مەجلىس ئەزالىرىدىن توم لانتوس ئەپەندى ۋە فرانك ۋولف ئەپەندى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان، يىغىن ئۇقتۇرۇشى مەزكۇر ئىككى ئەربابنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان ئىدى.

يىغىنغا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسىنىڭ ۋەكىلى ھانس ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، يىغىندا خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بويىچە دىرېكتورى ت .كۇمار، خەلقارا كرىزىس گۇرۇپپىسىنىڭ دىرېكتورى جېنىفېر لېئونارد، ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ خادىمى داننىئان مۇرپى، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ سېكرىتارى ئالىم سېيىتوف قاتارلىقلار مەخسۇس تۈردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەھۋالى ھەمدە رايوندىكى خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ۋە دېموكراتىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىۋاتقانلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ئامېرىكىنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت، فالۇنگوڭ، خرىستىئانلار ۋە باشقا دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىككە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش، دىنىي تەلىم تەربىيە ئېلىشىغا چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ دوكلاتى خىتاي تەرەپنى بىئارام قىلغان بولۇپ، 20- سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۇ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىنى ئەيىبلەپ ئېلان قىلغان دوكلاتقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ "ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق" ھەمدە " ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتىنى ئەيىبلەشلىرى پۈتۈنلەي ئاساسسىز" دېدى.

بىراق، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ياخشىلاشقا ئىزچىل ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدا ياخشىلىنىش كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىردەك تەنقىد قىلماقتا.

قۇربان سەيپىدىن 13 يىلدىن بېرى ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى جازالىتالمىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە قۇربان سەيپىدىن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋۇ ياۋ فېڭ ئىسىملىك قاتىلنى جازالىتالماي ياكى تۆلەم پۇلىنى ئالالماي 13 يىلدىن بېرى داۋا قىلماقتا.

1994-يىلى، 20-سېنتەبىر كۈنى قۇربان سەيپىدىننىڭ ئىنىسى مۇھەممەد سەيپىدىن، ۋۇ ياۋفېڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ, شۇ كۈنى ۋۇ ياۋفېڭ دوللار سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇھەممەتنى 60 مىڭ دوللار پۇلۇم بار، يۈەنگە ئالماشتۇرماقچى، دېگەن باھانە بىلەن بىر ئۆيگە ئاپارغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى 520 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئېلىپ قاچقاندا تۇتۇلۇپ قالغان ئىدى.

ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، كېيىن ۋۇ ياۋفېڭ ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكىسى قۇربان سەيپىدىن ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن مەنىۋى ۋە جىسمانىي تۆلەم سۈپىتىدە بەش مىليون 130 مىڭ يۈەن تەلەپ قىلغان.

ئىسلام كەرىموف ئۆزبېكىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلدى

ئۆزبېكىستاننى 18 يىل ئىدارە قىلغان ئىسلام كەرىموف ئاخىرى بۇ جۇمھۇرىيەت مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى. بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە نىسبەتەن يېڭىلىق بولۇپ، غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن دىكتاتورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ئىسلام كەرىموفنىڭ پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت بېرىشى ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ھازىرچە كەرىموفنىڭ ئۆزىنى نامزات كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق، ئەمما ئۆزبېكىستاننىڭ ئىچى -سىرتىدىكى بىر قىسىم پارتىيە ۋە گۇرۇھلارنىڭ رەھبەرلىرى سايلامغا ئاۋازغا قوشۇپ، ئۆز نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش ئىشلىرىنى باشلىغان. بىراق، بىر قىسىم ئۆكتىچىلەر ئىسلام كەرىموفنىڭ ھاكىمىيەتنى ئۆز تەرەپدارىغا تاپشۇرۇپ، دۆلەتنى پەردە ئارقىسىدا باشقۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا. ئىلگىرى سايلامدا كەرىموف ئۆزىگە قارشى نامزات مۇھەممەد سالىھ قاتارلىق ئۆكتىچىلەرنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.