ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى مۇشۇ ئاينىڭ 10- كۈنى خىتايدا بارغانچە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە 300 بەتلىك بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا، 2006- يىلىدىن بۇيان خىتايدا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش جەھەتتە ئالاھىدە ئىلگىرىلەشلەرنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى، ئەكسىچە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئىزچىل يۈز بېرىپ تۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەردە كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقان سىياسىي بېسىملار ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتنىڭ خىتاينىڭ ھەر تەرەپلىمە مەسىلىلىرى قاتارىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىرىلىرى جۈملىدىن خەلقئارا سەھنىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا زەربە بەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
. دوكلاتتا "ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئىپادىلەيدىغان سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن، 1990 - يىللاردىن باشلاپ ھەرخىل ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان خىتاي ھۆكۈمىتى، 2001- يىلىدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى. بۇ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ كۆپ تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن." دەپ كۆرسىتىلگەن.
بۇ دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر دەخلى-تەرىزگە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ۋە مىللىي مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆزلىگەن كىشىلەرنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
جۈمە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەرنى ئىنكار قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال بەردى
17- ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانى دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالى بىلەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىمغا ئامېرىكىنىڭ ئالىي دۆلەت رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، پرېزىدېنت جورج بۇش، دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالىنى دالاي لاماغا ئۆز قولى بىلەن بەردى.
دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا بېرىلىدىغان ئەڭ ئالىي شەرەپ مۇكاپاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى يەنى 16-ئۆكتەبىر كۈنى پرېزىدېنت بۇش دالاي لامانى مەخسۇس ئاق سارايدا قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇ بېيجىڭ رەھبەرلىرىنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەشەببۇس قىلغان.
پرېزىدېنت بۇشنىڭ بۇ بىر قاتار ھەرىكەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن . 18-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال بېرىش ئىشىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلەپ،" بۇنىڭ ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى" نى ئىز' ھار قىلغان. دالاي لاما دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە يەنە ئۆزىنىڭ "تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىستىمەيدىغانلىقىنى، پەقەت ھەقىقىي ئاپتونومىيە ئىستەيدىغانلىقى" نى قايتا تەكىتلىگەن.
دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال بېرىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان .
بېرلىندا يىپەك يولى مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
14 - ئۆكتەبىر كۈنىدىن باشلاپ، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن شەھرىدە "يىپەك يولى مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى" باشلاندى. بۇ كۆرگەزمە 2008 - يىلى 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنىگە قەدەر داۋام قىلىدۇ.
مەزكۇر كۆرگەزمىگە ئۇيغۇر دىيارىدىن تېپىلغان 190 ئەۋرىشكە قاتناشتۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 180 دانىسى تارىم ۋادىسىدىن يېڭىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يالدامىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ، ئۇزۇندىن بۇيان بىراز كەڭ كۆلەمدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مەخسۇس يىپەك يولى كۆرگەزمىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تارىم ۋادىسىنىڭ قەدىمى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭمۇ تۇنجى قېتىم كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرۇلۇشى ئىكەن.
بىراق، بۇ يادىكارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەۋەلىك مەسىلىسى ھەققىدە ھېچقانداق سۆز بولمىغانلىقى، گېرمانىيىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ھەم ئۇيغۇر كۆرەرمەنلەرنى ھەيران قالدۇرغان.
تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ياش پروفېسسور دوكتور - ئالىمجان ئىنايەت
بىر مىللەتنىڭ ساپاسى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مائارىپى ۋە مەدەنىيەت يۈكسەكلىكى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ بۈيۈك شەخسلىرى، ئالىملىرى ۋە باشقا نامايەندىلىرىنى قەدىرلەيدۇ. تۈركىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سودا-ئىقتىسادىي ساھەلەر بويىچە ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كۆپلىگەن تىجارىي شەخسلەرنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقى مەلۇم.
تۈركىيە ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن تونۇلغان ئىلىم ئەربابلىرىمۇ مەيدانغا كەلمەكتە، ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر. 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇشقا باشلىغان ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئەمگەك نەتىجىسىدە، بۇ يىل، 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى رەسمىي پروفېسسور بولدى. ئۇ، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدىكى تۇنجى پروفېسسور دوكتوردۇر.
80-يىللاردا بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، تۈركىيىگە ئوقۇشقا كەلگەن ئالىمجان ،ئىلگىرى كېيىن، ماگىستىرلىق، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانلىرىنى ئالدى، ئالىي مەكتەپتە ئىشلەش جەريانىدا، ياردەمچى دوتسېنت دوكتور، دوتسېنت دوكتۇرلۇق مۇساپىلىرىنى بېسىپ، ئاخىرى پروفېسسور دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولدى. ئۇ، ئۇيغۇر فولكلورى ۋە ئۇيغۇر داستانلىرى تەتقىقاتى ساھەسى بويىچە تۈركىيىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مۇتەخەسسىستۇر.
پۇتىن ئىراننى زىيارەت قىلدى
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 17-قېتىملىق قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانى ئاق سارايدا قوبۇل قىلغان ھەمدە دۆلەت مەجلىسىنىڭ دالاي لاماغا ئالىي ئالتۇن مېدال تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ خۇ جىنتاۋنى قاتتىق خاپا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 16- ئۆكتەبىر كۈنى ئىران پايتەختى تېھراننى زىيارەت قىلىپ، ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدى نىجات بىلەن ئىران-رۇسىيە ھەم ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
شۇ كۈنى يەنە ئىران، رۇسىيە، قازاقىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئەزەربەيجاندىن ئىبارەت بەش كاسپى بويى دۆلىتىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنى تېھراندا ئېچىلدى. پۇتىن ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ كاسپى بويىدىكى ھەر قانداق بىر دۆلەتنى باشقا بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلىتىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
پۇتىن 1943-يىلى سوۋېت رەھبىرى ستالىن تېھراننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم بۇ دۆلەتكە كەلگەن رۇسىيە پرېزىدېنتىدۇر.
پۇتىن 19-ئۆكتەبىر كۈنى رۇسىيىنىڭ نوپۇس ۋە كۆچمەن سىياسىتى مەسىلىسى ھەققىدىكى پىلانى ھەققىدە سۆزلىگىنىدە، دۆلەت مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، خىتايلارنى رۇسىيىگە كۆچمەنلىككە قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئۈمىدۋار)