د ۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىنى زىيارەت قىلدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىر ھەپتىدىن بۇيان گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن، بېرلىن ۋە ھامبۇرگ قاتارلىق شەھەرلەردە پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىپ، گېرمانىيىنىڭ سىياسەت، مەدەنىيەت، نەشىرىيات ۋە ئىنسان ھوقۇقى ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار بىلەن ئۇچراشقاندىن سىرت يەنە گېرمانىيە ۋە پۈتۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى خاراكتېرلىق مەتبۇئات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
21- ئۆكتەبىر كۈنى ھامبۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت پائالىيەت گەۋدىلىك بولۇپ، بۇ پائالىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ناخشا-ئۇسۇللىرىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلدى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقارالاشتۇرۇشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. رابىيە قادىر خانىم بۇ زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر رازۋېتچىكى مەشۇر روزىيېۋنىڭ " ئۇيغۇر زېمىنىدا" ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 30-40-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىغا ئەۋەتىلىپ، شېڭ شىسەي ۋە خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىقلارنىڭ يېنىدا مەسلىھەتچىلىككە سېلىنغان، 1945-46-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب دەۋرىدە قايتىدىن چۆچەككە چۈشۈرۈلۈپ، تارباغاتاينىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى بولغان مەشۇر روزىيېۋنىڭ 80- يىللاردا ئالماتادا يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسى " ئۇيغۇر زېمىنىدا" يېقىندا قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
مەشۇر روزىيېۋ 30-يىللاردا مەنسۇر ئەپەندى، 40-يىللاردا ئابدۇللا رامازانوۋ دېگەن ناملار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا پائالىيەت قىلغان بولۇپ، 1946- يىلى ئالماتاغا قايتقاندىن كېيىن " ۋەتەن ئوغلى" دېگەن تەخەللۇس بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان تەشۋىقات-نەشرىياتچىلىق خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. مەشھۇر روزىيېۋ 80- يىللاردا ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى بىر قانچە رومان، تارىخىي كىتاب ۋە كۆپلىگەن ماقالىلارنى ھەمدە رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلدۇرغان ئىدى.
"ئۇيغۇر زېمىنىدا " ئۇنىڭ سوۋېت ھۆكۈمىتىدىن خۇپىيانە يېزىپ قالدۇرغان قول يازمىسى بولۇپ، ئۇ ۋاپات بولۇپ، 20 يىلدىن كېيىن يورۇق كۆردى.
تەيۋەندە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
7-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات يىغىنى تەيۋەن چىڭيۈن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلدى. تەيۋەن چىڭيۈن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن چاقىرىلغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا رۇسىيە، قازاقىستان، موڭغۇلىيە، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن بولۇپ 33 مۇتەخەسسىس قاتنىشىپ ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.
بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىدىن تۈركىيىدىكى ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ماقالە ئوقۇغان، ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشى ۋە يۇقىرى باھاسىغا سازاۋەر بولغان.
ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى، تەيۋەننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ئىككىنچى چوڭ نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇشقا 13 مىليارد 600 مىليون دوللار مەبلەغ سالدى
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە خوڭكوڭدىن تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ھەم تەبىئىي گاز گۇرۇھى بولغان خىتاي نېفىت، تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى غەربىي شىمالدا يەنە ئىككىنچى چوڭ نېفىت گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ياساش ئۈچۈن 102 مىليارد يۈەن يەنى 13 مىليارد 600 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان.
مەزكۇر ئىككىنچى گاز تۇرۇبىسى ئۇيغۇر ئېلىدىن باشلىنىپ، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە تۇتىشىدۇ. بۇ خىتاينىڭ تارىمنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇپلا قالماستىن بەلكى، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستانلاردىن ئالىدىغان گازلارنى توشۇشقىمۇ ئىشلىتىدىغان پىلانىنىڭ بىر قىسىمىدۇر.
ئامېرىكا موڭغۇلىيىگە ياردەم بەردى
22-ئۆكتەبىر كۈنى موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى نامبارىن ئېنكبايار ئامېرىكىغا ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا پايتەخت ۋاشىنگتوندا پرېزىدېنت بۇش بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە 285 مىليون دوللار ياردىمىگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.
موڭغۇلىيە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ " يېڭى ئەسىردىكى ۋەزىپىلەر لايىھىسى" دەپ ئاتالغان پروگراممىسى بويىچە يۇقىرىدىكى ياردەمگە ئېرىشكەن 15 دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى بۇ ياردەمنىڭ موڭغۇلىيىنىڭ كەمبەغەلچىلىكنى ئازلىتىشىدا زور رولى بولىدىغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكا-موڭغۇلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى باسقۇچىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
"ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى" نىڭ ئۆزبېك مۇخبىرى ئۆلتۈرۈلدى
" ئامېرىكا ئاۋازى" رادىئوسىنىڭ قىرغىزىستاندىكى مۇخبىرى ئۆزبېك مىللىتىدىن بولغان ئەلىشىر سوئىتوۋ چارشەنبە كۈنى ئوش شەھىرىدە نامەلۇم ئادەملەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ۋەقە ئامېرىكا تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ قاتىلنى ئېنىقلاپ تېپىشنى تەلەپ قىلغان. قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ دېلونى ئېنىقلاشنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆزبېك ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 26 ياشلىق ئەلىشىر سوئىتوۋ ئوشتا "سىياسەت" ناملىق گېزىت چىقىرىپ، ئۇنى ئۆزبېكىستانغا كىرگۈزگەن ھەمدە بىر قانچە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ، ئۆزبېكىستاندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن تاشكەنت دائىرىلىرى ئۇنى يامان كۆرگەن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)