ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3 - نويابىردىن 9 - نويابىرگىچە)


2007.11.09

رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىدە زىيارەتتە بولماقتا

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يېقىندا گېرمانىيىدە زىيارەتتە بولۇپ، بىر قاتار مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر قىزلىرى ۋە بالىلىرىنىڭ ئىچكىرى خىتايغا ئېلىپ بېرىلىپ، تۈرلۈك ئىشلارغا سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ۋە ئەمگەك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىسپات بەرگەن ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم ئارقىدىنلا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ياپونىيە شۆبىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 7 ‏- نويابىر كۈنى توكيوغا يېتىپ بېرىپ، ياپونىيىدە ئېلىپ بارىدىغان 3 ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىۋەتتى. رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىدىكى زىيارىتى داۋامىدا 8 شەھەردە نۇتۇق سۆزلەش بىلەن بىرگە، ياپونىيە كېڭەش پالاتاسى شۇنىڭدەك ئاۋام پالاتا ئەزالىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشماقچى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە سەپىرى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىغە تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. بۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە رابىيە قادىر خانىم بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى ھەمدە ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە بەس-بەستە ئۇچۇرلارنى تارقاتتى.

بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار تېز كۆپەيمەكتە

ھازىر، ئۇيغۇر ئېلى، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي بويىچە 4- ئورۇندا تۇرىدىكەن.

ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان " ئاستانە گېزىتى " دە خىتاينىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىدىن ئىستاتىستىكىلىق مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، بۇ مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 60 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسەن ئىلى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرى قاتارلىق 14 ئوبلاست، ۋىلايەت ۋە شەھەردىكى 90 ناھىيىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ يىل 9- ئايغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 3681 ئادەمگە يەتكەن ئىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىنى تەنقىد قىلدى

6 - نويابىر كۈنى شىتابى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىگە جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى كەڭ قويۇۋېتىش جەھەتتە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئاقلىمىغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى خىتايدا تەبرىكلىنىدىغان " مۇخبىرلار بايرىمى" كۈنىدە چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىپ يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ئەسكەرتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ مۇخبىرلار بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى بارلىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ھازىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان مۇخبىرلارنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىگە ئائىت ۋە باشقا سوئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمىگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى سوفي رىچاردسون خانىم " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئولىمپىك نىزامنامىسىدىكى ئەخلاقى پرىنسىپلارغا زىت ھالدا ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قاراتقان قامال قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىشتا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بەك سۇسلۇق قىلىۋاتىدۇ" دېگەن. چۈنكى، ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ پىكرىگە تايانغاندا، خىتاي ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىنسان ھوقۇقىنى ياخشىلاشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىلا ئەمەس، ھەتتا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ جۈملىدىن خىتاي خەلقىنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرى خاتىرىسىدە ۋەدىگە لايىق ياخشىلىنىش كۆرۈلمىگەن.

خىتاي دۇنيا بويىچە ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىدۇ

خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2010 ‏- يىلىغىچە، جوڭگۇنىڭ دۇنيا بويىچە ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

خىتايمۇ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن خىتاي ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن باشقا رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقلىرىنىمۇ كۈچەيتىشكە مەجبۇر بولغان. نۆۋەتتە، خىتاي قازاقىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، خىتاينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈشكەن.

خەلقئارا ئېنېرگىيە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئامېرىكىدىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي - ئامېرىكا دورا بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش كېلىشىمى تۈزەشنى قارار قىلدى

خىتاي دۆلەتلىك يېمەك ‏- ئىچمەك ۋە دورا - دەرمەك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى پەيشەنبە كۈنى، 12 ‏- ئايدا خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا دورا بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا - خىتاي ئىككى تەرەپنىڭ يېمەك ‏- ئىچمەك، دورا - دەرمەك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خادىملىرى ئورتاق يوسۇندا ئىمپورت ‏- ئېكسپورت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىش جەھەتتە بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئامېرىكا تەرەپ بۇ يىل خىتاينىڭ ئامېرىكىغا كىرگۈزىدىغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت مەسىلىسىگە قاتتىق تەلەپ قويغان.

خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت مەسىلىسى ئوخشاشلا دۇنياۋى مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توقۇمچىلىق، يېمەك-ئىچمەك، ئويۇنچۇق قاتارلىق تۈرلۈك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۆلچىمىنى چىڭىتقان ئىدى. چۈنكى، بىر قىسىم خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن زەھەرلىك ماددىلار بايقالغان.

ۋاتىكان پوپى بېنىدىك سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا بىلەن كۆرۈشتى

ۋاتىكان پوپى بېنىدىك 7- نويابىر كۈنى، ئىككى ھەرەمنىڭ قوغدىغۇچىسى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا بىلەن كۆرۈشتى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاتىكاندىن خەۋەر قىلىشىچە، ۋاتىكان پوپى بېنىدىك ئابدۇللانى ئۆزىنىڭ ۋاتىكاندىكى شەخسىي كۇتۇپخانىسىدا كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدىكى سۆھبەت يېرىم سائەت داۋاملاشقان. پادىشاھ ئابدۇللا، بېنىدىككە ياقۇت بىلەن زىننەتلەنگەن ئالتۇن قىلىچ تەقدىم قىلغان، بېنىدىك سەئۇدى پادىشاھىغا 16- ئەسىردە بېسىلغان كاتولىك قانۇن-نىزامى ۋە ۋاتىكان مېدال تەقدىم قىلغان.

ۋاتىكان پوپى ئۆزىنىڭ ئۆتكەنكى بىر سۆزىدە خرىستىيان دىنى، ئىسلام دىنى، كاتولىك دىنى، يەھۇدىي دىنى قاتارلىق كوپ خىل دىنلارنى ئاساس قىلغان مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى ئۇچرىشىشنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. بۇ ئەنە شۇنىڭغا بېسىلغان قەدەم ئىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.