قىرغىزىستان پارلامېنتىغا بىر نەپەر ئۇيغۇر ئەزا بولدى
ئۆتكەن ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلگەن قىرغىزىستان ئالىي كېڭەشنىڭ پارلامېنت سايلىمىدا پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ "ئاق جول" پارتىيىسى غەلىبە قىلىپ، پارلامېنتتىكى مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلىدى ھەمدە ھۆكۈمەت قايتىدىن تەشكىللىنىپ، باش مىنىستىر ۋە بىر قىسىم مىنىستىرلار ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.
قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر تىجارەتچى پەرھات ھاجى بۇ قېتىم قىرغىزىستان پارلامېنتىغا ئەزا بولغان. بۇ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى كۆپ خۇشال قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار پەرھات ھاجىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن. قىرغىزىستان پارلامېنتىدا دەسلەپكى چاغلاردا بىر نەپەر ئۇيغۇر ئەزا بولغان بولۇپ، يېقىنقى ئون يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماي كەلگەن ئىدى.
پەرھات ھاجى ئۆزىنىڭ پارلامېنت ئەزالىق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە دىنغا ئىشەنمەيدىغانلارنى خىزمەتكە تاللاش تەلەپ قىلىنغان
مۇناسىۋەتلىك ئەرباپلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا چۈشۈرگەن بىر ھۆججىتىدە، ئىدارە - جەمئىيەتلەرگە تېخنىك ياكى خىزمەتچى خادىملارنى قوبۇل قىلغاندا دىنغا ئىشەنمەيدىغان، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمايدىغان كىشىلەرنى تاللاشنى تەلەپ قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ئۆلچەمنى ئۇزۇندىن بۇيان ھەر خىل شەكىلدە قوللىنىپ كەلگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت پارتىيە ئورگانلىرى، مەكتەپ ۋە باشقا جايلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەمدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان دىنسىزلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش مۇھىم خىزمەت نۇقتىلىرىدىن بولۇپ كەلگەن ئىدى.
ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ھەر يىلى 300 مىڭ كىشىنى يۆتكىمەكچى
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،12- دېكابىر ئاخىرلاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىككى ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاست تەۋەسىدىكى يېزىلاردا 1مىليون 300 مىڭ دېھقان - چارۋىچىغا تېخنىكا تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ "بىر ئائىلىدىن بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش" سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكىتلەنگەن.
تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە "11- بەش يىللىق" پىلاننىڭ كېيىنكى مەزگىلدە ئۇيغۇر يېزىلىرىدا "ھەر يىلى ئىزچىل ھالدا 300 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، يىلىغا تەخمىنەن 1 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى ئەمگەك - مۇلازىمەت ئارقىلىق كىرىم قىلىشقا" قاتناشتۇرۇشنى پىلان قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىچكىرىگە ئېلىپ بېرىلىشىمۇ، مۇشۇ خىل سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى خىتاي ئىستراتېگىيىچىلىرىنىڭ جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا يۆتكەپ، تارىم ۋادىسىغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ جاينىڭ مىللىي ۋە نوپۇس تەركىبىنى ئۆزگەرتمەكچى دەپ قارىماقتا.
پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى بەنەزىر بۇتتو خانىم سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى
پاكىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، سابىق پاكىستان باش مىنىستىرى بەنەزىر بۇتتو پەيشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلام ئابادنىڭ يېنىدىكى لاۋارپىندى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر كوللېكتىپ پائالىيەت جەريانىدا نامەلۇم كىشى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئېغىر يارىلانغان ۋە داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. بىنەزەر بۇتتونىڭ ئۆلۈمى پاكىستان ۋە خەلقئارا يۈزىدە زور غۇلغۇلا ۋە ئىنكاسلارنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولدى.
پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ناۋاز شەرىپ، بۇتتونىڭ ئۆلۈمىنىڭ پاكىستان ئۈچۈن بىر پاجىئە ئىكەنلىكى، بۇ كۈننىڭ پاكىستان تارىخىدىكى ئەڭ زۇلمەتلىك كۇن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ھەمدە پرېزىدېنت پەرۋىز مۇشەررەپنى ئىستىپاغا چاقىردى. بۇتتونىڭ ئۆلۈمى ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنىڭمۇ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىغان بولۇپ، پرېزىدېنت بۇش بۇ دېموكراتىيىگە قارشى ۋەھشىيلەرچە ھەرىكەت دەپ تەكىتلەش بىلەن بىرگە جىنايەتچىلەرنى تۇتۇپ قەتئىي جازالاش كېرەك دېدى.
بۇتتو خانىمنىڭ ئۆلۈمى پاكىستان تارىخىدىكى بىر قېتىملىق پاجىئەلىك قەستلەش ۋەقەسى بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسىمۇ دارغا ئېسىلغان ئىدى. بۇتتو خانىم يېقىندا چەت' ئەلدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىككى قېتىم سۇيىقەستكە ئۇچرىغان بولۇپ، ئاخىرقى قېتىمقىسىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئامېرىكا بازىسىنىڭ داۋاملىق تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
نۆۋەتتە، قىرغىزىستان سىياسەتچىلىرى ۋە پۇقرالىرى ئىچىدە داۋاملىشىۋاتقان بىشكەكتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلارغا نىسبەتەن پرېزىدېنت باقىيېف، چارشەنبە كۈنى ئۆز ئىنكاسىنى قايتۇردى. ئۇ، قىرغىزىستان تېلېۋىزىيىسىگە بەرگەن باياناتىدا، "گەرچە ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بۇ دۆلەتنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىقنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا بۇنداق بىر ئېھتماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى زۆرۈر" دېگەن.
ئامېرىكا ھەربىي بازىسى 2001- يىلى، ئافغانىستاندىكى تالىبانلارغا قارشى ئۇرۇش باشلانغاندا قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر بازىنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنلىرىدا ھەمدە ئامېرىكا ۋە قىرغىزىستان ئارىسىدا كۆپ قېتىم مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى. ئامېرىكا قىرغىزىستاننىڭ تەلىپىگە بىنائەن، بازىنىڭ كىرا ھەققىنىمۇ ئاشۇرۇپ ئۆستۈرۈپ بەرگەن.
خۇجىنتاۋ بىلەن پۇتىن كېرىموفنى تەبرىكلىدى
23- دېكابىر كۈنى ئۆزبېكىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ ئۆتتى ھەمدە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف %88 ئاۋاز بىلەن يەنە يەتتە يىللىق مۆھلەت بىلەن پرېزىدېنتلىققا سايلاندى. ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۈچىنچى قېتىم سايلىنىشى ئۆزبېك ۋە غەرب كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى شۇنىڭدەك تەنقىدلىرىگە ئۇچرىدى.
بىراق، ئۇنىڭ ئەكسىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ قايتىدىن سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىگەن شۇنىڭدەك خىتاي، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۆزەتكۈچىلىرى بۇ سايلامنىڭ تەرتىپلىك بولغانلىقىنى مەدھىيىلەشكەن. سەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئىسلام كېرىموفقا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ پرېزىدېنت بولغانلىقىنى تەبرىكلەپ، ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىش ئارزۇسىنى ئىپادە قىلغان. (ئۈمىدۋار)