ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22 ‏ - مارتتىن 28 - مارتقىچە)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر بوستوندا ئېچىلغان يىغىنغا قاتناشتى

26 - مارت كۈنى ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدە ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس شتاتىدىكى پارلامېنت ئەزاسى بېلخانت ئەپەندى يېتەكچىلىكىدە گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىگە ئائىت يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرمۇ قاتناشقان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىغا رەھمەت بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيتوف ئەپەندى تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

3 - ئاينىڭ 21 - 22 - كۈنلىرى ھەر يىلى بىر كېلىدىغان نورۇز مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك شەكىلدە نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتى 22 - مارت كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى شىمالىي ۋىرگىنىئا شىتاتىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇزىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئىتتىپاقلىشىپ، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

نورۇز پائالىيىتى يەنە ياۋروپادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىنمۇ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەم مىللەتپەرۋەرلىك پىكىرلىرىدىكى پروگراممىلار كىرگۈزۈلگەن.

نورۇز تۈركىي ۋە پارىس تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان خەقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمىدۇر.

بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى قارشىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە

خىتاينىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى تۈپەيلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىدىغان ياكى بايقۇت قىلىش ئېھتىمالى ئۈستىدە توختىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سانى كۆپىيىۋاتىدۇ. پەيشەنبە كۈنى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ياۋروپا پارلامېنتىدىمۇ ئولىمپىككە بايقۇت ئېلان قىلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، جۈمە كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باش مىنىستىر مېركېل خانىمنىڭ بەلكى 8 ‏ - ئاۋغۇستتىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى فرانسىيە رەھبىرى ھەققىدىمۇ شۇنداق ئۇچۇر ئېلان قىلىنغان ئىدى.

بۇ ئەھۋاللار تىبەتلەرنىڭ نارازىلىقىنىڭ باستۇرۇلۇشى بىلەن مەيدانغا چىققان، بۇ قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئولىمپىك ۋە تىبەت مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

تۇرپاندا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 25 ئادەم ئۆلگەن

ئۆتكەن ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە ئاپتوبۇس پارتلىدى دېگەن سۆزلەر تارقىلىپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلغان كۈنلەردە، پەيشەنبە كۈنى تۇرپاندىكى بىر پوجاڭزا زاۋۇتى پارتلاپ، ئاز دېگەندە 25 ئادەم ئۆلگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە مەلۇم ساندا ئۇيغۇرلارمۇ بار ئىكەن. بىراق، ھازىرغىچە بۇ پارتلاشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە تەپسىلاتلىرى بېكىتىلمىگەن بولۇپ، پەقەت پوجاڭزا دورىلىرىنىڭ يۆتكىۋېتىلىش جەريانىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى ئېيتىلغان.

تىبەت راھىبلىرى خەلقئارا مۇخبىرلارغا ئۆز ئەھۋالىنى پاش قىلغان

پەيشەنبە كۈنى، تىبەتنىڭ پايتەختى لخاسا شەھىرىگە كەلگەن مۇخبىرلارغا تىبەتلىك بۇددىست راھىبلار، ئۆزلىرىنىڭ قىيىن ئەھۋالىدىن شىكايەت قىلىپ، " دىنىي ئەركىنلىك " دەپ شۇئار توۋلاپ، ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرى ھالدا دالاي لامانى تىللاتقۇزىلىۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە تىبەتلەرنىڭ ئەركىنلىكى يوقلىقىنى ئېيتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا تىبەتنى زىيارەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق، دۇنياغا تىبەت ۋەزىيىتىنى تىنچ ۋە نورمال كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

كانادا كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان

كانادا ھۆكۈمىتى 18 - مارت كۈنى كوسوۋانىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. كانادانىڭ بۇ ھەرىكىتى سېربىيە ھۆكۈمىتىنى نارازى قىلىپ، ئوز باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتتى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بىر ئاي ئىچىدە كانادا كوسوۋانىڭ سېربىيىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل بولۇشىنى ئېتىراپ قىلماي كەلگەن ئىدى. كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ كۇيبېك مۇستەقىلچىلىرىنىڭ كوسوۋانى ئۆرنەك قىلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، بىراق، كانادا بۇ قېتىم دادىل قەدەم باسقان. (ئۈمىدۋار)