ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6 - فېۋرالدىن 12 - فېۋرالغىچە)

ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.02.12

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر قىسىم تور بەتلىرىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى 5 - فېۋرال ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر قىسىم تور بەتلىرىنىڭ "چەكلىك دائىرىدە" ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاخبارات ئىشخانىسى دەلىللىگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: "خەلقنىڭ ئىنتېرنېتكە بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 5 - فېۋرال سائەت 24 تىن باشلاپ، قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى، تور ئابونتلىرى ياخشى كۆرىدىغان شىنجاڭ سىرتىدىكى 27 خىل تور بېتى كەينى -كەينىدىن چەكلىك دائىرىدە ئېچىلىدۇ.

خەۋەردە، بۇ نۆۋەت ئېچىلىدىغان تور بەتلىرىنىڭ تىزىملىكى بېرىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئاساسەن ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى خەۋەر - ئۇچۇر تورلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم.

جۇ خەيلۇن: "ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىي نەزەر ئۈرۈمچىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك"

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جۇ خەيلۇن جۈمە كۈنى، ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىي نەزەر ئۈرۈمچىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش خىزمىتىنىڭ، بۇ يىللىق ئەڭ مۇھىم خىزمەت ئىكەنلىكى ۋە بۆلگۈنچىلىككە قاتتىق زەربە بېرىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىشىچە، جۇ خەيلۇن بۇلارنى ئۈرۈمچى خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان تەڭرىتاغ رايونى ۋەكىللىرىگە قىلغان سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

جۇ خەيلۇن سۆزىدە، ئۈرۈمچى مۇقىملىق ئەھۋالىنىڭ "ئىنتايىن مۇرەككەپ، ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن كەسكىن" ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە "بارلىق كۈچنى ئىشقا سېلىپ، بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ۋە ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىي نەزەر ئۈرۈمچىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش" توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، جۇ خەيلۇن يەنە، بۆلگۈنچىلىككە قارىشى كۈرەشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تونۇشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، "سىياسىي - قانۇن ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش، قاتتىق قوغدىنىش، جازالاشتا قەتئىي بولۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارىشى تۇرۇش، سىياسىي ۋە دىنىي مەزمۇندىكى نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي تەشۋىقاتىغا زەربە بېرىش" قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خىتاي، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتىنى 2010 - يىلىمۇ ئىزچىل ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتىنى 2010 - يىلىمۇ ئىزچىل ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 300 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

5 - فېۋرال شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ قىزلىرىدىن ھەر يىلىغا 140 مىڭنى خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شەھەر، رايونلارغا يۆتكەپ كەلمەكتە ئىكەن.

خەۋەردە، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك كۈچى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتى تارقاتقان سانلىق مەلۇماتلاردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، 2008 - يىلىدا ئۇيغۇر ئېلى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 1 مىليون 870 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 740 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم شەھەر بازارلارغا يۆتكىلىپ خىزمەتكە سېلىنغان بولسا، 160 مىڭ ئادەم قېتىم خىتاينىڭ جۇجياڭ ۋە جاڭجياڭ دەريا دېلتىسىدىكى شەھەرلەرگە يۆتكەلگەن.

خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىنى تەمىنلەيدىغان تەبىئىي گازنىڭ 70 پىرسەنتىنى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى تەمىنلەيدىكەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىنى تەمىنلەيدىغان تەبىئىي گازنىڭ 70 پىرسەنتىنى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى تەمىنلەيدىكەن. مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسىدە 22 ئورۇندا گاز تولۇقلاش بېكىتى 43 ئورۇندا پرېسلىغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا ئىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، بۇ يىل 3 - فېۋرالغا قەدەر مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي قىسىمغا يۆتكەپ كېتىلگەن تەبىئىي گاز، 60 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن.

تورونتودا بۈيۈك مۇتەپەككۇر شائىر ئەلىشىر ناۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 569 يىللىقى خاتىرىلەندى

6 - فېۋرال، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر مىرزا ئەلىشىر ناۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 569 - يىلى خاتىرىلەندى. خاتىرىلەش مۇراسىمىنى كانادادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىستان يۇرتداشلار جەمئىيىتى تەشكىلاتى تەشكىللىگەن.

بۇ تەشكىلاتنى بۇندىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى ئۆزبېكىستاندا يۈز بەرگەن ئەنجان قانلىق ۋەقەسىدە، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالغاندىن كېيىن، كاناداغا كېلىپ يەرلەشكەن ئۆزبېك زىيالىيلىرى تەشكىللىگەن.

خاتىرىلەش مۇراسىمىغا تورونتودا ياشاۋاتقان تۈركلەر، ئۆزبېكلەر، تۈركمەنلەر، ئەزەربەيجانلار، قازاقلار ۋە ئۇيغۇرلار بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. خاتىرىلەش مۇراسىمىدا مۇتەپەككۇرنىڭ 15 - ئەسىر تۈرك ئەدەبىياتىغا قوشقان ئالەمشۇمۇل تۆھپىلىرى مەدھىيىلەندى ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە تېلېفون ئۇچۇرلىرىغا زەربە بېرىشنى قايتا تەكىتلەشكە باشلىدى

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە چاغان بايرىمى ھارپىسىدا تېلېفون ئۇچۇرلىرىغا زەربە بېرىشنى قايتا تەكىتلەشكە باشلىدى.

8 - فېۋرال شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى دائىرىلىرى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە "ئويدۇرما تېلېفون ئۇچۇرى تارقاتقان" دېگەن جىنايەت بىلەن ئىككى كىشىنى تۇتقان ۋە باشقىلارنى جەمئىيەت ئامانلىقى بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان.

خىتاي ئاخباراتلىرى بۇ يىل 26 - يانۋاردا، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ يانفون ئارقىلىق ساختا ئۇچۇر تارقاتقانلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقى ۋە زىيانلىق قىسقا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ جىنايى قىلمىش دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىدا قولغا ئېلىنغان ۋە بىر تەرەپ قىلىنغانلار بەلكىم، 26 - يانۋاردىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىنغانلار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدە يېڭىدىن 'شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى' تەسىس قىلىنماقچى

خىتاي مائارىپ تارماقلىرى بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدە يېڭىدىن "شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" تەسىس قىلىشنى پىلانلىماقتا ۋە بۇنىڭغا 3 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 8 - فېۋرالدىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ نۆۋەت خىتاي ئۆلكىلىرىدە قۇرۇلىدىغان كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇلۇپ كېلىنىۋاتقان "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا" سىنىپلىرىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە قۇرۇلىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ سىنىپلارغا بۇ يىل دەسلەپكى قاراردا 3300 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. بۇلارنىڭ 3000 نەپىرى يەرلىكتىن، 300 نەپىرى بىڭتۇەندىن ئېلىنىدىكەن.

خىتاي ئۈرۈمچىدە دىنىي كىتابلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2 - ئاي كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھالدا، دىنىي كىتابلارنى يىغىپ مۇسادىرە قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 6 - فېۋرال ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى لەنجۇدىن ئېلىپ كېلىنگەن 13 توننا ئېغىرلىقتىكى دىنىي كىتابنى مۇسادىرە قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كىتابلارنى لەنجۇدىن يۆتكەپ كەلگۈچى روزى ئىسىملىك 26 ياشلىق ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىدىن ئىكەن. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كىتابلارنى يۆتكەپ كەلگەن يەنە بىرەيلەننى بولسا ساقچى دائىرىلىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.

رابىيە قادىر خانىم جەنۋەدە ئېچىلىدىغان ئىككى يىغىنغا قاتنىشىدۇ

2 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە خەلقئارا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش يىغىنى ئېچىلماقچى. بۇنىڭ ئارقىدىنلا يەنە، 3 - ئاينىڭ 8 - 9 - كۈنلىرى 2 - نۆۋەتلىك جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي يىغىنى "ئۆز‏ - ئارا سەبرە ۋە دېموكراتىيە " تېمىلىق يىغىنىمۇ ئېچىلىدۇ.

شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلىدىغان بۇ ئىككى يىغىنغا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇ يىغىندا ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلىدىكەن.

8 ‏ -، 9 ‏ - مارت كۈنلىرى ئېچىلىدىغان بۇ يىغىننى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 25 تىن ئارتۇق ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتنىشىدىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئادۋوكات ئالىم سېيىتوف بۇ ھەقتە توختالدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئابونتلىرىدىن كىملىك ئارقىلىق تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنماقتا

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇر ئالاقە ئىدارىسى مەسئۇل خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچۇر ئالاقە سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئابونتلىرىدىن ئۆزىنىڭ كىملىكى بويىچە تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنماقتا ئىكەن.

بۇ خادىم، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە شەھۋانىي ئۇچۇرلار، توردىكى ئالدامچىلىق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان بولغان سەزگۈر تېمىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۇقرالاردىن كىملىكى بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ تور نازارەتچىلىرىنى كۆپەيتىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.