ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13 - فېۋرالدىن 19 - فېۋرالغىچە)

ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.02.19

بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە يەنە '3 خىل كۈچلەر' گە قاتتىق زەربە بېرىش تەكىتلەنگەن

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ج خ نازارىتى بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە يەنە "3 خىل كۈچلەر" گە قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن.

12- فېۋرال شىنخۇئا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، ج خ نازارىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىدىن "زەربە بېرىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كەسكىن يۈرگۈزۈپ، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى ' 3 خىل كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى مەركەز قىلىش" نى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ساقچىلىرى چاغان بايرىمى ھارپىسىدا تاش بۇلاق ۋە يامالىق رايونلىرىدا تىنجىتىش ئېلىپ باردى

خىتاي يەرلىك دائىرىلىرى چاغان بايرىمى ھارپىسىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاش بۇلاق يەنى خىيجاسەن ۋە يامالىق تېغى قاتارلىق رايونلاردا جەمئىيەت مۇقىملىقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرغان.

10 - فېۋرال كەچقۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى تاش بۇلاق باشقۇرۇش كومىتېتى خادىملىرى، قوراللىق ساقچى، ئالاھىدە ساقچى ۋە خەلق ساقچىلىرى ئىككىگە بۆلۈنۈپ يول ئېغىزلىرىدا توسۇق قۇرۇپ، يولدىن ئۆتكەن - كەچكەنلەرنى ئاختۇرۇپ تەكشۈرگەن. ئۇلار يەنە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئۆي ئىجارىگە بېرىدىغان ئۆيلەرنى ۋە ئاقما نوپۇس بىر قەدەر كۆپ رايونلارنى ئاساسلىق تەكشۈرۈش نۇقتىسى قىلغان.

10 - فېۋرال يەنە، يامالىق تېغى ئاھالىلەر رايونىدىمۇ كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش مەزكۇر رايونغا تەۋە گۈلىستان، نۇرلۇق ۋە مۇز ئىسكىلاتى مەھەللىلىرىدە بىر قەدەر تەپسىلىي ئېلىپ بېرىلغان.

خىتاي تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ 15 - ئىدارىسى قەشقەر - خوتەن تۆمۈر يولىنى تېز پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئالدىرىماقتا

شىنخۇئا تورىنىڭ بايان قىلىشىچە، قەشقەر -خوتەن تۆمۈر يولى خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى بېكىتكەن ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلۇش بولغانلىقى ئۈچۈن، تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ 15 - ئىدارىسى بۇ يىلقى چاغان بايرىمىدا قەشقەر - خوتەن تۆمۈر يولىنى تېز پۈتتۈرۈش ئۈچۈن بۇ يىل ئارام ئالماي ئىشلىگەن.

قەشقەر -خوتەن تۆمۈر يولىغا رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى ھازىر يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ قىزىل يېزىسىدا داۋاملىشىۋاتىدۇ.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقى ھازىر جىددىي ياسىلىۋاتقان قەشقەر - خوتەن تۆمۈر يولىنى 'خوتەنگە بەخت ئېلىپ كېلىدىغان قۇرۇلۇش' ۋە 'خوتەننى باي قىلىدىغان قۇرۇلۇش' دەپ تەشۋىق قىلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قوراللىق ساقچى قىسىم 6 - تارماق ئەترىتى قۇردى

خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە قوراللىق ساقچى قىسىم 6 - تارماق ئەترىتىنى قۇردى. دوۋېي تورىدا، مەزكۇر قىسىمنىڭ "شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش ۋە شىنجاڭ مۇستەقىلچىلىرىنىڭ كۈچىنى بېسىقتۇرۇش مەقسىتى" دە قۇرۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان قوراللىق ساقچى قىسمىنى قۇرۇش ۋە يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى 8 - فېۋرال ئەتىگەندە ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان. تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ئەترەت خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن قۇرۇلغان.

ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تاكسىچىلارنى كۆپەيتىش ھەققىدە تەكلىپ سۇندى

مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تاكسىچىلارنى كۆپەيتىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان.

ئىلھام توختى يوللىغان بۇ قېتىمقى تەكلىپ دوكلاتىدا نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە 6600 نەپەر تاكسىچى بارلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 100 تاكسىچىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئىكەنلىكىنى، "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، خەنزۇ تاكسىچىلار ئۇيغۇر خېرىدارلارنى قوبۇل قىلمايدىغان، ئۇيغۇر تاكسىچىلار خىتاي خېرىدارلارنى قوبۇل قىلمايدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر تاكسىچىلارنى كۆپەيتىش لازىملىقىنى كۆرسەتكەن.

تەكلىپنامىدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش ئىزدەش، بالىلىرىنى ئوقۇتۇش قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۈرۈمچىگە كۆپلەپ كۆچۈپ كەلگەنلىكى، بۇلارنىڭ خىتاي تىلىنى چۈشىنىش سەۋىيىسىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكى، شۇڭا بەلگىلىك ساندا ئۇيغۇر تاكىسىچىلارنىڭ بولۇشىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەبىئىي ئېھتىياجى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر ئەدىبلىرى داڭلىق "كىندلېر ئەدەبىيات قامۇسى" غا كىرگۈزۈلدى

خەلقئارادا يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئاساسلىق قامۇسلارنىڭ بىرى بولغان "كىندلېر ئەدەبىيات قامۇسى" غا بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ 17 توملۇق قامۇس 2010 - يىلى نەشر قىلىنغان.

"ئۇيغۇر ئەدىبلىرى بۇ قامۇسنىڭ 3 - تومىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان موللا بىلال نازىمى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، زۇنۇن قادىرى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، مەمتىمىن ھوشۇر، ئەختەم ئۆمەر قاتارلىق 7 نەپەر يازغۇچىنىڭ ھايات پائالىيىتى، ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگە ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

ئامېرىكا، "2009 - يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى" نى ئۇيغۇرچە ئېلان قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى "2009 - يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى"نىڭ خىتايغا قارىتىلغان قىسمىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شۇ خىلدىكى دوكلاتلارنى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشى ئىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ "2009 - يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى" 2009 - يىلى 26 - ئۆكتەبىر تارقىتىلغان ئىدى.

گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن ۋاپات پاشا بولدى

مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بېرى، تۈركىيىدىكى پېنسىيىگە چىققان گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن 16 ‏- فېۋرال كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى.

مەرھۇم بۇ يىل 85 ياش بولۇپ، ئۇ 1925 ‏- يىلى خوتەندە تۇغۇلغان. 9 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ۋەتەندىن ئايرىلغان. ئۇ تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىدە تەلىم ئالغان. 1950 ‏- يىللاردا تۈركىيە قوشۇنىدا كورىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇ شىمالى ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىدىمۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1985 ‏- يىلى تۈركىيە ئارمىيىسىدىن گېنېرال ئۇنۋانى بىلەن پېنسىيىگە چىققان.

تۈركىيىدە گېنېرال مايور مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن مەمەت رىزا بېكىننىڭ ۋاپاتى، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى چوڭقۇر مۇسىبەتكە چۆمدۈردى. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.
گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ نامىزى 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنقەرەدىكى قوجاتەپە مەسچىتىدە چۈشۈرۈلدى. ئۇنىڭ جەسىتى قارشىياقا شېھىت ۋە غازىلار قەبرىگاھىغا دەپنە قىلىندى.

مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا 1500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. جىنازا نامىزىغا يەنە، تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىرى، ئوفىتسېر ‏ - ئەسكەرلىرى، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، پارتىيە، تەشكىلات رەھبەرلىرى قاتناشقان ۋە دۆلەت مىنىستىرلىرىدىن بىر قانچىسى تەزىيە خېتى ئەۋەتكەن.

تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى رابىيە قادىر خانىمنى تەيۋەنگە قايتا تەكلىپ قىلدى

تەيۋەنلىك ئارتىس فرەددي لىم ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى ئۆتكەن ھەپتە تەيۋەنگە قايتا تەكلىپ قىلغان.

تەيۋەن خەلقئارا رادىئوسىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، تەيۋەندىكى "تەيۋەن بىرلىكى ئۈچۈن كۈرەش" ناملىق تەشكىلات ئۆز تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ رابىيە قادىر خانىمنى تەيۋەنگە قايتا تەكلىپ قىلغانلىقىنى تەرەپدارلىرىغا ئۇقتۇرغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى فرەدىي لىم ئەپەندى، ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا كېلىپ رابىيە خانىمنى تەيۋەنگە قايتا دەۋەت قىلغان.

ۋاشىنگتوندا 'دارۋاز' ناملىق فىلىم كۆرسىتىلدى

پەيشەنبە كۈنى كەچتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېتىم بالىلارنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن "دارۋاز" ناملىق فىلىم كۆرسىتىلدى. فىلىم، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق خىتاي دېموكرات ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى قۇرغان "لاۋگەي فوندى جەمئىيىتى " نىڭ كۆرگەزمىخانىسىدا كۆرسىتىلدى. بۇ پائالىيەتنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە لاۋگەي جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋۇ خۇڭدا ئەپەندىلەر بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن.

ناتو قوشۇنلىرى تالىبانغا قارشى كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىدى

13 - فېۋرال ئەتىگەندە ئافغانىستاندىكى ناتو ۋە ئافغان قوشۇنلىرى ھېلماند ئۆلكىسى مارجا يېزىسىدا تالىبانغا قارشى كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىدى ۋە مارجانىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئىگىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئافغانىستاندىكى بىرلەشمە قوشۇن تالىبان كۈچلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان 2001 - يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھەربىي ھەرىكەت ئىكەن.

زەربە بېرىش ھەرىكىتى ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.

2010 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك يىغىنى 12 - فېۋرال كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىدە باشلاندى

قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 1924 - يىلى رەسمىي تەسىس قىلىنغان. بۇ نۆۋەت كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان قىشلىق ئولىمپىك يىغىنى 28 - فېۋرالغىچە داۋام قىلىدۇ.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما دالاي لامانى ئاقسارايدا كۈتۈۋالدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما پەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانى ئاقسارايدا كۈتۈۋالدى.

دالاي لاما پرېزىدېنت ئوباما بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن.

بۇ ئوبامانىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بېرى تۇنجى قېتىم دالاي لامانى كۈتۈۋېلىشى. خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ئۇچرىشىشقا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.