ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30 - ئۆكتەبىردىن 5 - نويابىرغىچە)

ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.11.05

ياپونىيىدە رابىيە قادىر خانىم ۋە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى

10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە رابىيە قادىر خانىم ۋە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان. مۇھاكىمە يىغىنىغا كورىيە، بۇلغارىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترالىيە ۋە خىتايدىن كەلگەن بىر قىسىم مىللىي مەسىلە تەتقىقاتچىلىرى شۇنىڭدەك كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان.
 
يىغىندا ياپونىيىلىك پروفېسسور نىشىخارا سەئىجى ئەپەندى ۋە باشقىلار ئۆز دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئىقتىسادشۇناس پروفېسسور دوكتور نىشىخارا سەئىجى ئەپەندى رابىيە قادىر خانىم ۋە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" ھەققىدىكى دوكلاتىنى فىلىم ۋە سۈرەتلەر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان. مۇھاكىمە يىغىنىغا 250 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان.

مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى

ئامېرىكىنىڭ مىچىگان شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.

يىغىندا، 20 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر تارىخى مەسىلىلىرى ھەققىدە بىر مۇھاكىمە مەيدانى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مىللەتپەرۋەرلىك، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى بويىچە يەنە بىر مۇھاكىمە مەيدانى تەسىس قىلىنغان.

29 - ئۆكتەبىر كەچ سائەت 4 تىن 6 غىچە، مەخسۇس ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي كىملىك، مەدەنىيەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبۇئاتلاردىكى ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك بىر مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇلغان.

بۇ مۇھاكىمىدە، نۇزۇگۇمنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىدىكى ئورنى، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى پەرق ۋە ئىختىلاپلار، "11 - سېنتەبىر ۋەقەسى"دىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى كارا ئابرامسون خانىمنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى مىللەتپەرۋەرلىك چۈشەنچىسى ۋە نۇزۇگۇم ھەققىدە تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىسى يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دوستلۇق كۆۋرۈكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇدئوغلۇ 11- ئاينىڭ 1 - كۈنى خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دوستلۇق كۆۋرۈكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە "تۈركىيە، شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرىنىڭ تۈركىيە زېمىنىدىكى ھەرقانداق پائالىيىتىگە يول قويمايدىغانلىقى، 'ئۈچ خىل كۈچ'لەرگە ئورتاق زەربە بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى" دەپ كۆرسەتكەن.

ھالبۇكى، تۈركىيىدىكى "گېزىت 5" قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، داۋۇدئوغلۇ شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك خەلقنىڭ تۇغقىنى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇدئوغلۇ خىتاي زىيارىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىن باشلىغان ۋە ئالدى بىلەن قەشقەرنى زىيارەت قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا خىتايدىكى 1452 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتى خىتايدىكى 1 مىڭ 452 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.

تىزىملىكتە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، قامالغان تۈرمە، جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان لاگېر، جازا مۇددىتى ۋە ئۇلار ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈملەر ھەققىدە ئىخچام مەلۇمات بېرىلگەن.

بۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرمەمەت ياسىن، گۈلمىرە ئىمىن، مەھبۇبە ئابلەش، دىلشات پەرھات ۋە غەيرەت نىياز قاتارلىق تونۇلغان سىياسىي مەھبۇسلاردىن باشقا، ئابدۇقادىر مەخسۇم، ئابدۇكېرىم ئەيسا ۋە مۇختەر رەھمىتۇللا قاتارلىق ئىلگىرى تىلغا ئېلىنمىغان، ئەمما ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرگە ئالاقىدار ۋە يېتەكچىلىك قىلغان مۇھىم كىشىلەرنىڭ ئىسىملىكى كىرگۈزۈلگەن.

نۆۋەتتە بۇ ئارخىپتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى خىتاي سىياسىتىنى بەلگىلەشتە پايدىلىنىپ كەلمەكتە.

گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى خاررى فان بوممىل ئەپەندى د ئۇ ق ياۋروپا بىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ئالاقىچىسى مەمەت توختىنى قوبۇل قىلدى

30 - ئۆكتەبىر گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى خاررى فان بوممىل ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ئالاقىچىسى مەمەت توختىنى قوبۇل قىلدى.

گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى خاررى فان بوممىل ئەپەندى "ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى" نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باشلىقىدۇر. سۆھبەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىكى تەسىرى ۋە كەلگۈسى سىياسىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن تۈرلۈك پىلان - لايىھىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خاررى فان بوممىل ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىشتىن ئۆز تەسىرىنى بايان قىلىپ، بۇندىن كېيىن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى تەۋەسىدە يەنە بىر 12 مىڭ نوپۇسلۇق يېڭى شەھەرچە قۇرۇلماقچى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى يەنە بىر 12 مىڭ كىشىلىك يېڭى شەھەرچە قۇرماقچى. تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 3 - نويابىر تەكلىماكاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى 2 - دېۋىزىيىنىڭ 38 - پولكى رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىڭتۇەننىڭ پولك ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرى 179 غا يەتكەن.

ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى 2‏- دېۋىزىيىسىنىڭ 38 - پولىكىنى قۇرۇش 2008 - يىلى باشلانغان. مەزكۇر پولك، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىكى مۆلچەر دەرياسى ۋە قارامىرەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى تۈزلەڭلىكتىن باشلىنىپ، شەرقتە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيىسى، غەربتە خوتەننىڭ نىيە ناھىيىسى بىلەن چېگرىلىنىدىكەن. بۇ رايوننىڭ سۇ مەنبەسى ئىنتايىن مول ئىكەن.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى كۇڭ شىڭلۇڭ مەزكۇر رايونغا پات ئارىدا 12 مىڭ نوپۇسلۇق يېڭى شەھەرچە ۋە ئۈچ روتىنىڭ ئولتۇراق رايونى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئىگىلىنىشىچە مەزكۇر يېڭى پولك 180 مىڭ مو يەرنى ئىگىلىگەن.

تەتقىقاتچىلار بىڭتۇەن نوپۇسىنىڭ ئۈچ مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

فرانسىيىدە خۇ جىنتاۋنىڭ فرانسىيە زىيارىتىگە قارشى 1000 كىشىلىك نارازىلىق نامايىشى

4 ‏- نويابىر، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ فرانسىيە زىيارىتىگە قارشى فرانسىيىدە 1000 كىشىلىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن.

نامايىشقا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، خىتاي دېموكراتلىرى، تىبەت قاتارلىق بىر قانچە تەشكىلات ئورتاق ئىشتىراك قىلغان.

نامايىشقا فرانسىيە، بېلگىيە ۋە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 50 ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشتى.

نامايىشقا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئالاقىچىسى مەمەت توختى ئەپەندىلەرمۇ قاتناشتى.

ئىلھام توختى چىڭخەيدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى چىڭخەيدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئانا تىل مائارىپىنى قوغداش ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ قانۇنى ھەق - ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەجبۇرىي يۈرگۈزۈلۈۋاتقان "قوش تىل مائارىپى" سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي زىيانلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنى مەزكۇر سىياسەتنى ئىجرا قىلىشتىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە چاقىردى.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.