ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 15 - نويابىردىن 21 - نويابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.11.21

ئامېرىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

24 - نويابىر كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئەرزىيەت سوتى 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىگە ئائىت سوت ئېچىلىش ھارپىسىدا پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا كونسېرۋاتىپلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دېۋىد كېنى، ئىۋانس شىركەتلەر گۇرۇھىنىڭ رەئىسى ۋە سابىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى تاماس ئىۋانس قاتارلىق ئامېرىكىدىكى ئون نەپەر ئاتاقلىق كونسېرۋاتىپ ئەرباپ، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىدىن گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر 17 نەپەر ئۇيغۇر ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا سوتچى ئۇربىنا ئەپەندى تەرىپىدىن دەرھال قويۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشقا بۇيرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى توسۇپ قويغان ئىدى.

كونسېرۋاتىپلار ئېلان قىلغان باياناتتا، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنى ۋاشىنگتون رايونى ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى رىچاردو ئۇربىنانىڭ گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا چۈشۈرگەن بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشقا چاقىرىلغان. كۆپىنچىسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان بۇ ئەرباپلارنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقى مەتبۇئاتلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى.

ئارزۇگۈلنىڭ بالىسىنى چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى توختىتىپ قويۇلدى

غۇلجىنىڭ دادامتو يېزىسىدىن بولغان ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ قورسىقىدىكى ئالتە يېرىم ئايلىق ھامىلىسىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.

ئىنسانىيەتسىزلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن بۇ قىلمىش ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭلا قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ قالماستىن بەلكى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭمۇ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى. ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سمىت بۇ مەسىلىدە ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىسىگە نارازىلىق ئېلان قىلدى. ئاخىرى غۇلجا دائىرىلىرى ئارزۇگۈلنىڭ بالىسىنى چۈشۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە ئارزۇگۈل ئائىلىسىگە يېنىپ چىقتى.

18 - نويابىر كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىت بىلەن جىئو پىتتس بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارزۇگۈلنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدىكى بوۋىقىنى چۈشۈرۈۋەتمىگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئارزۇگۈل ئائىلىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالىنى داۋاملىق كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ھاجىلارغا ياردەم قىلغان پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار تەھدىتكە ئۇچرىدى

پاكىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى پاكىستاننىڭ ئىسلام ئاباد شەھىرىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنىڭ ۋىزا تەلەپ قىلىپ، ئۆتكۈزگەن نامايىشىنى تەشكىللىگەن مۇھەممەت ئۆمەر ئوسمانخان بىلەن مۇھەممەت ئەكبەر ئوسمانخان ئىسىملىك ئىككى نەپەر پاكىستانلىق ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىنى تەقىپ قىلىشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، گىلگىت رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق بۇ ئۇيغۇرلار ئىسلام ئابادقا توپلىنىپ، ھەج قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت ئېلىشقا تىرىشسىمۇ، لېكىن سەئۇدى ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن دەرھال رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى سەۋەبىدىن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىكەن. بۇ ئىككى نەپەر قېرىنداشنىڭ بىر نەپىرى تۈركىيىگە كەتكەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ يەردە پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاكىستان بىلەن خىتاي ئىناق قوشنا، يېقىندا يېڭى پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى بېيجىڭنى زىيارەت قىلغان ھەمدە ئىسلام ئاباد بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدا پەرۋىز مۇشەررەپ دەۋرىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى ھەرىكەتلىرىگە تېررورچىلىق جىنايىتى ئارتىپ بىرلىكتە زەربە بېرىشكە ئائىت ئەھدىنامىلار كۈچكە ئىگە قىلىنغانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.

رەسسام مەرۋايىت خانىم خەلقئارالىق فولكلور كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى

13 - نويابىردىن 17 - نويابىرغىچە، گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە 22 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق فولكلور يەرمەنكىسى ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۇر كۆرگەزمىگە ھازىر گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رەسسامى مەرۋايىت ھاپىز خانىممۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت مەھسۇلاتلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان مول مەزمۇندىكى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى نامايان قىلىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان.

تونۇلغان رەسسام مەرۋايىت خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ باي فولكلور مەدەنىيىتىگە ئائىت بۇيۇملارنى توپلاپ، 66 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بىر كىشىلىك ئورۇننى ئىگىلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلغان. ئۇ، " گەرچە ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئوخشاش مۇستەقىل دۆلىتى بولمىسىمۇ، لېكىن مىللىي مەدەنىيىتى ۋە روھى بىلەن يەنىلا خۇددى مۇستەقىل دۆلەتكە ئىگە ئادەملەردەك ھېس قىلغانلىقى" نى بىلدۈرگەن.

تۈركىيىدە `مەخمۇت قەشقىرى - تۈركنىڭ تىلى` ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2008 - يىلىنى مەخمۇت قەشقىرى يىلى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرخىل پائالىيەتلەر بىلەن مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى خاتىرىلەنمەكتە.

تۈركىيە بۇ جەھەتتە ئەڭ ئالدىدا ۋە ئاكتىپ بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مەھمۇت قەشقىرىگە ئائىت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرغان. تېخى يېقىندىلا ئاتا تۈرك تىل كومىتېتى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغان ئىدى.

بۇلاردىن باشقا يەنە تۈركىيىنىڭ يېقىندىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە مەدەنىيەت شىركىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئۈمىت گۈزەلبەي بىلگۈتاي ئەپەندى `مەخمۇت قەشقىرى تۈركنىڭ تىلى` ئىسىملىك بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن. بۇ ھۆججەتلىك فىلىم 5 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ھەر قىسىم 25 مىنۇت بولۇپ، جەمى'ي 125 مىنۇت ئىكەن.

بۇ ھۆججەتلىك فىلىم 12 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تۈركىيىدىكى تېلېۋىزىيىلەردە بېرىلىشكە باشلىنىدىكەن. ئۇلار فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن ھازىرقى قەشقەر، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق يەرلەردە سىن - ئالغۇغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ فىلىمنى تارتىش ئۈچۈن فىلىم ئىشلىگۈچىلەر جەمى'ي 12 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرگەن.

ۋاشىنگتوندا 20 دۆلەت يىغىنى ئېچىلدى

15 - نويابىر كۈنى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، خىتاي، ھىندىستان، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ھىندونېزىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ۋاشىنگتون شەھىرىگە جەم بولۇپ، خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىسى بويىچە يىغىن چاقىردى.

بۇ يىغىندا ئاساسلىقى، پۇل - مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، نازارەتنى كۈچەيتىش، پۇل - مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇكەممەللىكىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

ئۆتكەن ھەپتىدە خىتايدا بىر قاتار نامايىشلار يۈز بەردى

20 - نويابىر كۈنى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لۇڭنەن شەھىرىدە، 2000 دىن ئارتۇق ئادەم نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇلار ئوز ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە قارشى چىققان.

نەتىجىدە، ساقچىلار تەرىپىدىن بېسىقتۇرۇلۇشقا ئۇچراپ، 110 كىشى قولغا ئېلىنغان، 71 ساقچى يارىلانغان. ئەمما، نامايىشچىلارنىڭ ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس.

19 - نويابىر كۈنى بېيجىڭ شەھىرىدە 1000 دىن ئارتۇق ئادەم شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. ئۇلار مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدامچىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ پۇللىرىنى ئېلىۋالغانلىقىغا نارازى بولغان. بىراق ساقچىلار ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەن ھەمدە بىر قىسىم ئادەملەرنى تۇتقۇن قىلغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.