پاكىستاندا جۈمە كۈنى يەنە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى


2007.07.20

پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ قىزىل مەسچىتتىكى تالىپلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلغان پارتلاش ۋەقەلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي يۈز بەرمەكتە. جۈمە كۈنى شىمالىي ۋازىرىستاندا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 4 ئادەم ئۆلدى 6 سى يارىلاندى . شۇ كۈنكى پارتلاش شىمالى ۋازىرىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدىكى پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ بىر قاراۋۇلخانىسىدا يۈز بەرگەن.

بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن يەنى پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن 3 قېتىملىق پارتلاش ۋەقەسىدە، ئاز دېگەندە 52 ئادەم ئۆلۈپ، نەچچە ئونلىغان كىشىلەر يارىلانغان ئىدى. بۇ پارتلاش ۋەقەلىرىنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي بېلۇجىستاننىڭ خۇب بازىرىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلدى. ئەينى چاغدا بومبا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىل شۇ رايوندىكى بىر قۇرۇلۇش ئىنشائاتىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىشچىلارنىڭ ماشىنىسى يېنىغا كېلىپ پارتلىغان بولۇپ، ۋەقەدە خىتايلارنى قوغداپ ماڭغان 7 نەپەر ساقچى ۋە 22 نەپەر يولۇچى ئۆلگەن. لېكىن خىتايلارنىڭ تەلىيىگە ئۇلاردىن كۆپ ئادەم چىقىم بولمىدى. يەنە بىر پارتلاش ۋەقەسى پاكىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر ساقچى مەكتەپكە قارىتا ئېلىپ بېرىلدى. شۇ كۈنكى 3 - پارتلاش ۋەقەسى ئافغانىستان چېگرىسىدىكى پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ بىر مەسچىتىدە يۈز بەرگەن.

پاكىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەرۋىز مۇشەررەپ قىزىل مەسچىتتىكى تالىپلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا ئېلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى قىزىل مەسچىت ھۇجۇمغا ئۇچراشتىن بۇرۇن تالىپلار ئىسلامئابادتىكى بىر خىتاي پاھىشىخانىسىغا بېسىپ كىرىپ، 6 خىتاي پاھىشە ۋە بىر خىتاي ئەركەكنى گۆرۈگە تۇتقان. گەرچە گۆرۈدىكىلەر كېيىنچە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاپتاپ خان شەرپونى بېيجىڭغا چاقىرتىپ، قىزىل مەسچىتتىكى تالىپلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.