قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى دەرۋازىسىدىكى لەۋھەنىڭ غايىب بولۇشى - ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تولۇق چەكلەنگەنلىكىدىن بېشارەت بەرمەكتە

مۇخبىرىمىز بەھرام سىنتاش
2020-05-18
Share
qeshqer-heytgah-Lewhe.jpg ھېيتگاھ جامەسىنىڭ دەرۋازىسىغا ئۇزۇن يىللار ئېسىقلىق تۇرغان لەۋھە ۋە ئۇنىڭدىكى ئايەت، سۈرىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە يەشمىسى ھەم ئەرەبچە ئىسىم، يىل ئاي كۈنلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كىرىشتۈرۈلۈپ ئىشلەنگەن سۈرەت
RFA/Behram

خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە مەسچىت-جامە قاتارلىق دىنىي قۇرۇلۇشلارنى ۋە قەدىمىي قەبرىستانلىقلارنى چېقىش ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت 2018-يىلىدىن باشلاپ يۇقىرى پەللىگە چىققان.

2019-يىلى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ ھەقتە «ئېتىقاد ۋەيرانچىلىقى: ئۇيغۇر مەسچىتلىرى ۋە مەقبەرىلىرىنىڭ چېقىلىشى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك دوكلات تەييارلىغان. بۇ دوكلات ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 2020-يىللىق دۇنيا دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنى باھالاش دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان دىنىي چەكلىمىلەر ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئائىت قىسمىدا پاكىت سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مەسچىت، مازار، ۋە باشقا دىنىي سورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى 10 مىڭدىن 15 مىڭ غىچە قۇرۇلۇشنىڭ بەزىلىرىنى پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلىغان، بەزىلىرىنىڭ گۈمبەز ۋە مۇنارلىرىنى چېقىپ تاشلىغان. چېقىلماي ساقلىنىپ قېلىنغان مەسچىتلەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئېسىلغان لەۋھە، قۇببە ۋە ھىلال ئاي بەلگىلىرى بىردەك ئېلىپ تاشلانغان. رادىيومىز مۇخبىرلىرىمۇ بۇ ھەققىدە 2016-يىلىدىن بۇيان نۇرغۇن پاكىتلارنى ئېلان قىلىپ كەلگەن ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر دوكلاتلاردا كۆرسىتىلگەن شۇنچە كۆپ تارىخىي مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشىغا ئائىت پاكىتلارغا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى. بىراق خىتاي تاشقى دۇنيا ۋە خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن نۇقتىلىق زىيارەت ۋە ساياھەت ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىگە ئوخشاش ئورۇنلارنى ھەدەپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ئەركىنلىككە كاپالەت قىلغانلىقىنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە قوللىنىپ كەلمەكتە.

قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى ھەقىقەتەن ئۇيغۇر ئېلىدە ساقلىنىپ قالغان تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ مەسچىت بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىلسام مەدەنىيىتى ۋە مىمارچىلىقىنىڭ سىمۋولىدۇر.

دەرۋەقە، خىتاي دائىرىلىرى تاشقى دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن بۇ مەشھۇر جامەنى باشقا تارىخىي مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلغاندەك چېقىۋەتمىگەن بولسىمۇ، بىراق كۆزەتكۈچىلەر ھېيتگاھ جامەسى قەدىمىي شەھەر قەشقەرنىڭ دىنىي ئىبادەت مەركىزى بولۇش ئورنىنى تامامەن يوقاتتى، دەپ قارىماقتا.

دىققەت قوزغايدىغان بىر نۇقتا شۇكى، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ دەرۋازىسىدا ئۇزۇن يىللار ئېسىقلىق تۇرغان لەۋھە 2018-يىلىدىن كېيىن تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرى بىلەن فوتو سۈرەتلەردە بىردەك كۆرۈنمىگەن. بۇ ئەھۋال مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا مەسئۇل ۋەكىلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ دەرۋازىسىدىكى بۇ لەۋھەنىڭ غايىب قىلىنىشىغا قارىتا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ھېيتگاھ جامەسىنىڭ كىرىش ئىشىكىدىكى ئايەت تاختىسىنىڭ غايىب بولۇشى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ بىر ئىسپاتى. چۈنكى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ بۇ لەۋھەسى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ مۇنارى بىلەن بىرگە سىمۋوللۇق خاراكتېرىگە ئىگە. بۇ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر سىمۋول. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغىمۇ چىداپ تۇرالماي ئۇيغۇرغا بولغان قاتتىق ھەسەت بىلەن بۇ لەۋھەنى ئالغۇزىۋەتكەن.»

تۇيغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى يەنە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنى كۆرۈنۈشتە (بۇزماي) قويۇپ قۇيۇش بىلەن خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە ئىسلام ئەللىرىدىن تەكشۈرۈشكە كەلگەنلەرگە كۆرسىتىش ھەمدە ئانچە-مۇنچە (ئۆزىنىڭ) تاراتقۇلىرىدا تارقىتىش ئارقىلىق خەلقئارانى ئالداشتەك تەشۋىقات سىياسىتىنى قوللىنىپ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى ئىپادىلەيدىغان بۇ سىمۋول خاراكتېرلىك لەۋھەنى ئېلىپ تاشلىشى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىسلام دىنىنى پۈتۈنلەي چەكلەپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى يوقاتماقچى بولۇۋاتقانلىقىدەك رەزىل مەقسىتىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.»

بۇ ھەققىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بار دېيىش رېئاللىققا ماس كەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنىدىكى ھەرقايسى جايلىرىدا مەسچىتلەر، مازارلار ۋە باشقا مۇقەددەس جايلار توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن بىراقلا تارىخنىڭ چاڭ-توزانلىرىغا كۆمۈۋېتىلدى. قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسى يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى كۆزدە تۇتقاندا ئۇنىڭ غايىب قىلىنىشى كۈچلۈك غەزەپ-نەپرەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى خىتاي دائىرىلىرى ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بار دەپ تەشۋىقات يۈرگۈزۈشىگە پايدىلىق. قانداقلا بولمىسۇن، ئىسلامىي ئايەت-سۈرىلەر يېزىلغان لەۋھەلەرنى مەسچىت قۇرۇلۇشلىرىدىن ئېلىپ تاشلىۋېتىش خىتاينىڭ يەنە باشقىچە يۈزىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھېيتگاھ جامەسى ئۆزىنىڭ دىنىي مەنىسىنى يوقىتىپ پەرۋاسىز ساياھەتچىلەر ئايلىنىپ چىقىدىغان قۇرۇق قاپقا ئايلاندۇرۇلدى. بۇ خىل ئايەت لەۋھەلىرى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش ئۆتمۈشىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنى جامە ياكى مەسچىت قۇرۇلۇشلىرىدىن سۆكۈپ ئېلىۋېتىش قىلمىشىنىڭ ھېچقانداق ئاقلاپ چۈشەندۈرۈلۈشى بولمايدۇ. بولۇپمۇ ھېيتگاھتەك مۇھىم جامەنىڭ لەۋھەسىنىڭمۇ ئېلىۋېتىلىشى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىسلام ئېتىقادىنىڭ تامامەن چەكلىنىشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنىڭ بىر سىگنالى.»

قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ دەرۋازىسىدىكى لەۋھەنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە شەرھىيسى مۇنداق: يىللار بويى ھېتگاھ جامەسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسىغا ئېسىقلىق تۇرغان بۇ لەۋھە توغرىلىق توردىن تاپقىلى بولىدىغان بىرقەدەر بۇرۇن تارتىلغان فوتو سۈرەت 1983-يىلىغا تەۋە سۈرەتتۇر. بۇ سۈرەتتە مەزكۇر لەۋھەنىڭ ھېيتگاھ دەرۋازىسى ئۈستىدە ئېسىقلىق تۇرغانلىقىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ لەۋھە 1930-يىللارغا تەۋە ھېيتگاھنىڭ بىر رەڭسىز فوتو سۈرىتىدىمۇ بار. گەرچە بۇ رەڭسىز سۈرەتتە لەۋھە ئۈستىگە چۈشكەن قېنىق سايە سەۋەبىدىن يۈزىدىكى تەسۋىرلەرنى پەرقلەندۈرگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما سۈرەتتىكى لەۋھەنىڭ كەڭ تارلىق ئۆلچىمىدىن ئۇنىڭ يېقىنقى لەۋھە بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بۇ لەۋھەنىڭ ياسالغان ۋاقتى ۋە لەۋھەنى ياسىغۇچى خەتتاتنىڭ ئىسمى لەۋھەنىڭ ئىككى يان ئاستى تەرىپىگە ئەرەبچە يېزىلغان. بۇنى تەرجىمە قىلغاندا ئوڭ تەرەپتىكى سېرىق ياپراقتا: «ھىجرىيە 1325-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى» دەپ يېزىلغان بولۇپ، ئۇ مىلادى 1908-يىلى 4-يانۋار، يەنى جۈمە كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىدىكى سېرىق كۋادرات ئىچىدە «بۇنى زىياۋۇدۇن يازغان» دېگەن ئەرەبچە خەت بار. بۇنىڭدىن مەزكۇر يالدامىنىڭ بۇندىن 112 يىل بۇرۇن زىياۋۇدۇن ئىسىملىك ئۇستا خەتتات تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. سول تەرەپ ئاستىدىكى سېرىق ياپراقتا «ھىجرىيە 1403-يىلى رەبىيۇل ئاۋۋال دەپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ مىلادى 1982-يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرلىرى ياكى 1983-يىلى يانۋارنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ ئۇنىڭ ئاستىدىكى سېرىق كۋادراتتا (ئۈستىدىن ئاستىغا ئوقۇغاندا) «مۇھەممەد ئىمىن ئۆمەر ئىبنى نۇمان» ياكى (ئاستىدىن ئۈستىگە ئوقۇغاندا ) «نۇمان ئۆمەر ئىبنى مۇھەممەد ئىمىن» دېگەن ئەرەبچە سۆز يېزىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا تاقىۋېتىلگەن ھېيتگاھ جامەسىنىڭ شۇ دەۋرلەردە (1966-يىلى 23-ئاۋغۇستتىن 1967-يىلى 24-يانۋارغىچە) تۇنجى قېتىم، ئاندىن تاكى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئاخىرلىشىپ ئىسلاھات باشلانغىچە بولغان ئارىلىقتا تاقاق تۇرغان. يېڭىدىن ئېچىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى رېمونت قىلىنىشىدا مەزكۇر لەۋھەنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋاقتى ئىكەنلىكىنى بىلمەك تەس ئەمەس.

لەۋھەنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇپۇقنى تولۇق قاپلىغان تېگى قارا ياي شەكىللىك سىزىق ئىچىگە قۇرئاندىكى ئەڭ ئۇزۇن سۈرە- «سۈرە بەقەرە» نىڭ 125-ئايەتى ئەرەبچە يېزىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە مەنىسى:

«ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى كىشىلەر ئۈچۈن جەم بولىدىغان ۋە تىنچ جاي قىلىپ بەردۇق. (كىشىلەرگە) ماقامى ئىبراھىمنى نامازگاھ قىلىڭلار (يەنى شۇ يەردە ناماز ئوقۇڭلار دېدۇق). ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا ئۆيۈمنى (يەنى كەبەمنى) تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇشنى بۇيرۇدۇق.» ( سۈرە بەقەرە [125]-ئايەت)»

بۇنىڭدىن مەزكۇر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەزىرىدە كەبىدەك ئۇلۇغ بولغان مۇقەددەس ئىبادەت ئورنى ئىكەنلىكىنى، بۇ جاينىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تازىلىقىغا قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرگەنلىكىنى بىلىۋاغىلى بولىدۇ.

لەۋھەنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياشقا سىمۋول قىلىنغان قىزىل چەمبەر ئىچىگە ئەرەبچە «تەقۋالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسچىت» دەپ يېزىلغان بولۇپ، ئىسلام تارىخىغا ئائىت مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ نام ئەسلىدە مىلادى 622-يىلى سېنتەبىردە ھەزرىتى پەيغەمبەر مەدىنەدە تۇنجى قېتىم ئۆز قولى بىلەن ئىنشا قىلغان «قۇببە ياكى قۇبا مەسچىدى» دىن كەلگەنلىكى، بۇ مەسچىت ھەققىدە «قۇرئان كەرىم» دە ئېنىق تارىخىي ئۇچۇرى ۋە مەدھىيەلىرىنىڭ بارلىقى سۆزلەنگەن.

مەزكۇر جامە لەۋھەسى ئۆزىنىڭ سۈرە-ئايەتلەرى بىلەن ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دىنىي ۋە مەنىۋى قىممىتىنىڭ قانچلىق يۇقۇرلىقىنى بىلىشتە مۇھىم رولى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، بۇ جامەنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن خۇددى ھەزرىتى پەيغەمبەر ئۆز قولى بىلەن قوپۇرغان تۇنجى مەسچىدتەك تەۋەررۈك جامە ئىكەنلىكى شۇنداقلا ئۇيغۇرنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن بولغان باغلىنىشىنىڭ جانلىق سىمۋولى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

(ئەسكەرتىش: لەۋھە ئۈستىدىكى سۈرە ئايەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش، ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى تېپىش، ئەرەبچە يېزىلغان ئادەم ئىسىملىرى، يىل، ئاي كۈنلەرنى تەرجىمە قىلىپ چىقىشقا ياردەملەشكۈچى: ئوتتۇرا-شەرقدە تۇرۇپ ئىسلام تارىخى ساھەسىدە ئىزدەنگۈچى ۋە بىلىم تەپسىر قىلغۇچى ئالىمجان ھەسەن. بۇرۇن بۇ كىشى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرلۇلۇشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ئېتىقاد ۋەيرانچىلىقى: ئۇيغۇر مەسچىدلىرى ۋە مەقبەرىلىرىنىڭ چېقىلىشى» ناملىق دوكلادتا خوتەندىكى چېقىلغان مەسچىتلەر ئۈچۈن زىيارەت قىلىنىپ، گۇۋاھلىق بەرگەن.)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.