مۇتەخەسسىسلەر: «ھىندىستان كېلەچەكتە خىتايغا قارشى تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كوزىر قىلىپ قوللىنىشى مۇمكىن»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.06.26
yipek-yoli-we-uyghurlar-erkin-ekrem.jpg مەركىزى ئەنقەرەگە جايلاشقان ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېچىلغان 2-نۆۋەتلىك «يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇرلار» تېمىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا مەزكۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم رىياسەتچىلىك قىلدى. 2019-يىلى 27-يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Arslan

قاراقۇرۇم تاغلىرىغا جايلاشقان ھىندىستان-خىتاي چېگراسىدا يۈز بەرگەن ماجىرادا ھىندىستان ئەسكەرلىرى ئۆلگەندىن كېيىن، ئاسىيادىكى بۇ ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت جىددىيلىشىشقا باشلانغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى سىن كۆرۈنۈش ئارقىلىق «ھىندىستان خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئامېرىكا» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنغا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى باش كاتىپى ئادىل ئەرۇيغۇر رىياسەتچىلىق قىلدى. مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى قوچ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورانتى ياقۇپ مۇھاممەت ئەپەندى ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى نىجات تۇرسۇن ئەپەندىلەر ھىندىستان بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئامېرىكا، ھىندىستان-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان تەسىرى دېگەن تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. مۇتەخەسسىسلەر، ھىندىستاننىڭ كېلەچەكتە خىتايغا قارشى تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كوزىر قىلىپ قوللىنىش ئېھتىمالى مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

ئالدى بىلەن ئادىلجان ئەرۇيغۇر ئەپەندى يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئالدى بىلەن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆز قىلىپ، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىنىڭ چېگرا مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دوكلاتىدا ھىندىستان بىلەن خىتاي گەرچە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولسىمۇ خەلقئارادا ئىككى چوڭ رەقىب ئىكەنلىكىنى شۇڭا نۇرغۇن مەسىلىلەردە كېلىشەلمەيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان توقۇنۇشتا تىبەت مەسىلىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كوزىر قىلىپ ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى نىجات تۇرسۇن ئەپەندى ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتايغا قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرۈۋاتىدۇ؟ ھىندىستان نېمە مەقسەتكە ئېرىشمەكچى؟ دېگەن مەزمۇنلاردا كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە ھىندىستان خەلقىنىڭ خىتايغا قارىتا ئۈچ خىل كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىستانبۇلدىكى قوچ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى دوكتورانتى ياقۇپ مۇھەممەت ئەپەندى ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ھىندىستاننى قوللاش ئىھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ سىن كۆرۈنۈش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ ۋەزىيەتنى ياخشى چۈشەنمەي تۇرۇپ دەۋا ئېلىپ بارغىلى بولمايدىغانلىقىنى شۇڭا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى 2018-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۈگۈنگىچە بولغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 20 قېتىمدىن كۆپرەك بۇ خىل ئىلمىي يىغىن چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.