كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھىندونېزىيەنىڭ 4 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىگە ئېنىق چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-10-26
Share
Hindoneziye-tutulghan-musapir-uyghur.jpg ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى (سولدىن ئوڭغا) ئابدۇل باسىت، بايرام ئالتىنچى ۋە ئەخمەت مەخمۇت قاتارلىقلارغا ھىندونېزىيە تېررورلۇق گۇرۇھىغا قاتنىشىش، چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئايرىم-ئايرىم 6 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان. 2015‏-يىلى 13-ئىيۇل، جاكارتا.
AFP

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى 2015-يىلى قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ يېقىندا قويۇپ بېرىلگەن 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى زىددىيەتلىك خەۋەرلەرنىڭ راست-يالغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشتىن داۋاملىق ئۆزىنى قاچۇرماقتا. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى زىددىيەتلىك ئۇچۇرلار ۋە ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇچۇرلارغا چۈشەنچە بېرىشنى رەت قىلىشى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ئارسالدىچىلىققا سېلىپ قويدى.

ھىندونېزىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ياكى ئىنكار قىلىشنى رەت قىلدى. ئەلچىخانىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئاخبارات ئەمەلدارى 27-ئۆكتەبىر بۇ ھەقتىكى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «مەن بۇ ئىشنى دەلىللىيەلمەيمەن،» دېدى. ئۇ يەنە «بۇ دېگەنلىك بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى ‹ئىنكارمۇ قىلمايمەن› دېگەنلىك بولامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا: «مەن ئۇنداق دېمىدىم، لېكىن مېنىڭ بۇ ئىش ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچەم يوق. مەن ئۇنى دەلىللىيەلمەيمەن،» دەپ جاۋاب بەردى.

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 4 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ھىندونېزىيەنى زىيارەت قىلىدىغان مەزگىلدە تارقالغان. مايك پومپېيو ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش تەلەپلىرىنى رەت قىلىشقا چاقىرىپ كەلگەن. ئۇ: «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇق مەسىلىسى ئەمەسلىكى» نى تەكىتلەپ، «بىز بارلىق دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلەپلىرىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىمىز،» دېگەن.

«جاكارتا يەر شارى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مايك پومپېيو زىيارىتىدە ھىندونېزىيەدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان تەشكىلاتى «نەھداتۇل ئولىما» نىڭ ياشلار ئىتتىپاقى بولغان «ئەنسار ياشلار ھەرىكىتى» بىلەن سۆھبەتتە بولىدىكەن. بىز ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خەت يېزىپ، پومپېيونىڭ زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە قويىدىغان-قويمايدىغھانلىقىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن خېتىمىزگە ھازىرغا قەدەر جاۋاب كەلمىدى.

ئەمما ھىندونېزىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى ئامېرىكانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا ئىزچىل چاقىرىپ كەلگەنلىكى، ئەگەر پومپېيو پەۋقۇلئاددە بۇ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قالسا، ھىندونېزىيەنىڭ ئىنكاسى قانداق بولىدۇ، دېگەن سۇئاللىمىزغا بۇ ئۇنىڭ قانداق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇنى تېخى بىلمەيمەن. بۇ مىنىستىر پومپېيو ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى بىلەن قانداق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىغا باغلىق. بەلكىم بۇ ئىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ياكى باشقا ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىشى مۇمكىن.»

ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنىڭ 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىگە دائىر ئۇچۇرلارنىڭ راست-يالغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشنى رەت قىلىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى دىلىغول قىلىپ كەلدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى ئىشخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئاندېرېس خارسونا ئۆتكەن ھەپتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «ئەگەر ئۇلار خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىمەن. ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئاقىۋەتكە قېلىشى، بەلكىم ئۇلار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن،» دېگەن.

ئاندېرېس خارسونانىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلارنىڭ 5 يىللىق قاماق جازاسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ھىندونېزىيەدە پاسپورت مەسىلىسىدىن باشقا ھېچقانداق قانۇنىي مەسىلىسى قالمىغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلار تۇتقۇن قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق بىر قانۇنىي مەسىلىسى قالمىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ پاسپورتى بىردىن-بىر مەسىلە بولۇپ قالغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھىندونېزىيەگە قانۇنلۇق كىرىش ۋىزىسى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇلار تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان.»

بۇ خەۋەر يەنە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىمۇ قاتتىق ئەندىشىگە سالغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 27-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى قالايمىقان خەۋەرلەرگە چۈشەنچە بېرىشىنى، بەزى خەۋەرلەردە 4 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى، يەنە بەزى ئۇچۇرلاردا ئۇلارنىڭ ئىزچىل ھىندونېزىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ تەكىتىشىچە، خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا ئاساسەن ھىندونېزىيەنىڭ بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى 27-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قىلدى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ھىندونېزىيەنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن 3-4 يىل جازالاپ بولۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئۇزاتقانلىق بىلەن ئوخشاش ئىكەن. «بىنار خەۋەرلىرى» تورى ئۆتكەن جۈمە كۈنى 2015-يىلى ھىندونېزىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى، ئەخمەت مەھمۇت، ئالتىنغى بايرام، ئابدۇلباسىت تۈزەر، ئەخمەت بوزئوغلان ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ئايدا خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

«بىنار خەۋەرلىرى» نىڭ ئۇچۇرىدا بۇ خەۋەرنى ھىندونېزىيەدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە ئۇلارنىڭ ھىندونېزىيەگە ساختا پاسپورت بىلەن كىرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 6 مىڭ 812 دوللار جەرىمانە قويۇلغانلىقى، جەرىمانە پۇلىنى خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تۆلەپ ئېلىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.