ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھىندونېزىيە كونسولخانىسىدىن 3 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلغان
2020.10.28
2015-يىلى ھىندونېزىيەدە تۇتۇلۇپ 6 يىللىق تۈرمىگە قامالغان ئەخمەت مەخمۇت، ئابدۇلباسىت تۈزەر، ئابدۇللاھ بايرام ئىسىملىك 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ يېقىندا جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرغانلىقى ھەققىدە تېخىچە ئېنىق جەزىملەشمىگەن خەۋەرلەر تارقالماقتا. بۇ خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلماقتا شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تەقدىرى ئېنىق بولمىغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى كۈچەيتمەكتە. ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمەستىن سۈكۈت قىلماقتا.
28-ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ مەقسىتى ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىدىن يۇقىرىقى 3 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغان ياكى قايتۇرۇلمىغانلىقى توغرىىسىدا جاۋابقا ئېرىشىش ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
ھىندونېزىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار قاتناشقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.
نۇرۇددىن ئىزباسار ئەپەندى باياناتىدا ھىندونېزىيەدىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا ئۇيغۇر جامائىتىدە جىددىي بىر ئەندىشە پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە بىر قىسىم خەۋەر تورلىرىدا بۇ 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەتراپىدا خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز تاپشۇرۇۋالغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئەخمەت بوزئوغلاننىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتى تېخى ئاخىرلاشمىغان بولۇپ، ئۇ ھېلىھەم ھىندونېزىيە تۈرمىسىدە قاماقلىق ئىكەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان كىشىلەر خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ۋە ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە، ھىندونېزىيەدىن قايتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق 3 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى جەمئىيەتتە ئېغىر ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتىدۇ.»
نۇرددىن ئىزباسار ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئىلگىرى پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئېغىر جازاغا تارتقانلىقى، بەزىلىرىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، بەزلىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ئىجرا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ باياناتىدا پاكىستاندىن قايتۇرۇلغان ئىسمائىل سەمەتنىڭ 2005-يىلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلغانلىقىنى، 2006-يىلى كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنى ئۆزبېكىستاننىڭ تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دەلىل-ئىسپات سۈپىتىدە مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.
نۇردىددىن ئەپەندى ھىندونوزىيەنىڭ ئۇچ ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان خەۋەرلەر، چەت ئەللەردىكى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتى ھىندونوزىيەگە تارتماقتا. ئۇلار بۇ ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىشنى خالايدۇ. ھىندونېزىيە دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بالدۇرراق بايانات بېرىشى كېرەك.»
نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى ئۆتكەن يىللاردا ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمى ۋە خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىشلار ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ خىل دىنىي قېرىنداشلىق ھەرىكىتىگە مىننەتدار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
نۇرددىن ئىزباسار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ھىندونېزىيەدە 6 نەپەر ئۇيغۇر بولۇپ، بۇلاردىن 5 كىشىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانغانلىقىنى، 6-كىشىنىڭ تېخى ئېنىق بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۇلارنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىدىن سورۈشتە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇ مەسىلىنىڭ سىياسىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھىندونېزىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئۇلارغا ھىندونېزىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشنى ئىما قىلغان. نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى نامىدىن ھىندونېزىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسىغا خەت يازغان. ھىندونېزىيە باش ئەلچىخانىسى ئىككى كىشىلىك ھەيئەت بىلەن كۆرۈشۈشكە قوشۇلغان. نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى ئەنقەرەگە بېرىپ، ھىندونېزىيە باش ئەلچىلىكىدىن 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس دوكلات تەييارلىغانلىقىنى ۋە پات يېقىندا ئەنقەرەگە بېرىپ سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باش شتابى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى 2019-يىلى 9-ئايدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئەنگە ئېلىپ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ جەمئىيەت ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدا ئىشخانا ئاچقان. بۇ يىل 9-ئايدا خىزمەتلەرنى تەرتىپلەش ئېلىپ بېرىلىپ، نۇرددىن ئىزباسار باش كاتىپلىققا سايلانغان. بۇ جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق خىزمەت ۋەزىپىسى خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى ۋە خەلقئارالىق جىنايىي ئىشلار قانۇنىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەر قانداق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆزىتىش، پاش قىلىش ۋە بۇ ھەقتە دوكلات ھازىرلاش ئىكەن.