ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ھوللي مىشېل: «خوڭكوڭنىڭ ‹ساقچى دۆلىتى› گە ئايلىنىپ كېتىش خەۋپى مەۋجۇت»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-10-17
Share
hongkong-namayish-20191014.jpg 14-ئۆكتەبىر 100 مىڭدىن ئارتۇق خوڭكوڭلۇقلار «خوڭكوڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىسى قانۇن لايىھەسى» نى قوللاپ نامايىش ئېلىپ باردى.
RFA/Ekrem

غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ 15-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرىلىشىچە، 16-ئۆكتەبىر ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلماقچى بولغان «خوڭكوڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىسى قانۇن لايىھەسى» نى قوللاش يۈزسىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇق خوڭكوڭلۇقلار دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يەنە بىر قېتىم چوڭ نامايىش ئېلىپ بارغان. ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. 11 كىشى قولغا ئېلىنغان ۋە 20 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

ئىككى كۈنلىك زىيارەت ئۈچۈن خوڭكوڭغا يېتىپ كەلگەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ھوللي مىشېل دۈشەنبە كۈنى خوڭكوڭ نامايىشچىلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن.
«خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن خەتەرلىككەن» دېگەن كەلىمىنى ئاشكارا تىلغا ئالغان ھوللي بەزىلەرنىڭ «سىز خوڭكوڭدىن ئامېرىكاغا قانداق بىر سىگنالنى ئېلىپ كەتمەكچى؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاپ بەرگەندە: «خوڭكوڭنىڭ ‹ساقچى دۆلىتى› گە ئايلىنىپ كېتىش خەتىرى مەۋجۇت، ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم› خەۋپكە يولۇقماقتا» دېگەن. 

ھوللي مىشېلنىڭ 14-ئۆكتەبىر خوڭكوڭ قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتىنىڭ ئالدىدا سۆزلىگەن سىن كۆرۈنۈشىدىكى سۆزلىرى كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلپ قىلغان. خىتاينى بىئارام قىلغان بۇ سۆزىدە ئۇ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ سىلەرگە دېمەكچى بولغىنىم، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى خوڭكوڭدا بولماقتا، بارلىق ھۆر خەلقلەرنىڭ ھەممىسى سىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرماقتا. مەن بەزىدە بىر يۇرتنىڭ تەقدىرىنىڭ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جەڭ ئېلان قىلىشى بىلەن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەندەك بولىمەن. 50 يىل ئىلگىرى بېرلىندا، بۈگۈن خوڭكوڭدا شۇنداق بولماقتا. مانا بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ھۆر خەلقلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەرنىڭ كۈرىشىڭلارغا، سىلەرنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرىشىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىدىكى سەۋەبتۇر.»

خىتاينىڭ تېخىمۇ چىشىغا تەگكەن يېرى شۇكى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ھوللي مىشېلدىن باشقا يەنە كېڭەش پالاتا ئەزاسى كرۇزمۇ يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا نامايىشچىلارغا ئوخشاش قارا كىيىم كىيىپ، ئۇلار بىلەن بىر مەيداندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، نامايىشچىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرغان. ئۇ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆز دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش كۈرىشىنى قوللاش، ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق،» دېگەن. 

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باشلىقى لىن جېڭيۆ يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى كرۇز بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان. ئەمما ئۇ خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «مەخپىيەتلىكنى ساقلاش» شەرتىگە كۆنمىگەنلىكى ئۈچۈن خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى بېيجىڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۇ ئۇچرىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. 

ئامېرىكانىڭ 2 نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسىنىڭ خوڭكوڭدا نامايىشچىلار بىلەن بىرگە تۇرۇشى ۋە خوڭكوڭ خەلقىنىڭ كۈرىشىنى قوللاش مەيدانىنى ئاشكارە ئىپادە قىلىشى بېيجىڭنىڭ قاتتىق جېنىغا تەگكەن. خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دۈشەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ خوڭكوڭ زىيارىتىنى ئەيىپلىگەندە، كرۇزنىڭ خوڭكوڭدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاشكارا قوللىشىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى خوڭكوڭ نامايىشىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك تۈس ئېلىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىل ئىكەنلىكىنى، تەلۋىلىكى زەئىپلەشكەن نامايىشچىلارنى يېڭىدىن خام خىياللارغا باشلىغانلىقىنى بايان قىلغان.

خىتاينىڭ ماقالىسىدە يەنە ئەگەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «خوڭكوڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىسى قانۇن لايىھەسى» نى تەستىقلىسا، كرۇزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللىغان بارلىق ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ خوڭكوڭ چىگرىاسىدىن كىرىشىنى چەكلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى 28 خىتاي شىركىتى ۋە قانۇن ئورگانلىرىنى قارا تىزىملىككە ئالغاندىن كېيىنكى ئۆچ ئېلىش خاراكتىرلىك جاۋابى بولۇپ قالغان.

ئەگەر دۇنيا خوڭكوڭنى تاشلىۋەتسە، خوڭكوڭنىڭ ھەقىقەتەنمۇ شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش ‹ئۈستى ئوچۇق تۈرمە› گە، ‹ساقچى دۆلىتى› گە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئىنتايىن ئەندىشىدە ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئەزەلدىن «خوڭكوڭ قولدىن كەتسە، شەرقىي تۈركىستانمۇ قولدىن كېتىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىش خەۋىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىگە ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئېقىپ كىرىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ ھازىر دۆلەت ئىچىدە ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى كۈچلۈك قامال قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ياپونىيەدىكى د ئۇ ق نىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئىلھام ماھمۇت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا خىتاينىڭ خوڭكوڭدا يۈرگۈزىۋاتقان زوراۋان سىياسىتىنىڭ تەيۋەنگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. 

ئۆكتەبىردىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىۋاتقان «خوڭكوڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىسى قانۇن لايىھەسى» 16-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ، خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇ لايىھە 120 كۈنلۈك مۆھلەت ئىچىدە ناۋادا ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپنىڭ قول قويۇشى بىلەن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولسا، خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەش، مال-مۈلكىنى توڭلىتىش قاتارلىق جازا تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزگىلى بولىدىكەن
ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ تېرىشچانلىقى بىلەن بۇ يىل 11-سىنتەبىر «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا كىڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ ئاۋام پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنىشنى كۈتمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.