ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «ھۇررا» لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئىستانبۇلدا باشلاندى
2024.08.15
12-ئاۋغۇست كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 7-نۆۋەتلىك «ھۇررا» پۇتبول مۇسابىقىسى ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن رەسمىي باشلاندى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىمام ھەسەن ئۆزتۈرك، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىمھاجىم قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي شۇنداقلا ئەخلاقى جەھەتتە ياخشى يېتىلىپ چىقىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا سۆز قىلدى.
بىز بۇ پۇتبول مۇسابىقىسى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىمام ھەسەن ئۆزتۈرك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئىمام ھەسەن ئۆزتۈرك ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ «ھۇررا» لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە 150 ئۇيغۇر ياشتىن تەركىب تاپقان 12 كوماندا قاتناشقان بولۇپ، مۇسابىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار مۇسابىقە مەيدانىغا كېلىپ ئۇلارنى ھاياجان بىلەن ئالقىشلاپ ماھىرلارغا مەدەت بەردى.
ئىمام ھەسەن ئۆزتۈرك ئەپەندى بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرۇشىمىز مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى، كىملىكىمىزنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق داۋاسىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ياش ئەۋلادلىرىمىزغا مىراس قالدۇرۇشتۇر. يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇسابىقە ۋە داغدۇغىلىق يىغىلىش قېرىنداشلىق ھەم دوستلۇقنى مەقسەت قىلغان، ئەقلىي، ئەخلاقىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تەڭ يېتىلىشنى نىشان قىلغاندۇر».
بىز يەنە «ئەينەك» كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى ئابدۇلقابىز سەردار زاغئوغلۇ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سەردار زاغئولۇ، «ئەينەك» كوماندىسىنىڭ 2018-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى 7 قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئىككى قېتىم چېمپىيون بولغانلىقىنى بىلدۈردى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىمۇ چېمپىيون بولۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 7-نۆۋەتلىك ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە بۇ قېتىم 12 كوماندا قاتناشتى. ئىستانبۇلدەك چوڭ بىر شەھەردە ھەممىسى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان 12 كوماندىنىڭ قاتنىشىشى كىشىنى ھەقىقەتەن خۇرسەن قىلىدۇ، بۇ قىزغىنلىق ئادەمنى ناھايىتى خۇرسەن قىلىدۇ، بۇ كوماندىلارنى كۆرۈپ مەنمۇ بەك خوش بولدۇم. 6-قېتىملىق ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىمۇ بىز ‹ئەينەك› كوماندىسى چېمپىيون بولغانىدۇق. بۇ قېتىممۇ چېمپىيون بولۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز».
«ھۇررا» لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى 12-ئاۋغۇست باشلانغان بولۇپ 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى بېكىتىلىپ چېمپىيون بولغانلارغا لوڭقا تەقدىم قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن.









