ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ يىمىرىلىشى خىتايدا ئىجتىمائىي ئاپەتلەرنىڭ يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا
2024.11.21
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇخەي شەھىرىدە ماشىنا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىدا بىر ساقچى كۆزەتتە تۇرغان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 13-نويابىر، جۇخەي
خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتقان يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە خىتاينى باش ئاغرىقىغا گىرىپتار قىلىدىغان ۋەقەلەرنىڭ سالمىقى بارغانسېرى كۆپەيگەن. يالغۇز ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى بېسىملارلا ئەمەس، بەلكى خىتايدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي پاراكەندىچىلىك ۋە تۈرلۈك قاتىللىق ۋەقەلىرىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنى ساراسىمىگە سالماقتا ئىكەن.
2024-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرىدىكى تەنتەربىيە مەركىزى مەيدانىدا 62 ياشلىق فەن فامىلىلىك بىرسى كىشىلەرنى ماشىنا بىلەن باستۇرۇپ 35 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 43 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان. شۇ كۈنى يەنە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ماشىنا بىلەن بىر ئادەمنى باستۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، 4 ئادەمنى يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 11-ئاينىڭ 16-كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى ۋۇشى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا بىر ئوقۇغۇچى 8 ئادەمنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈپ، 17 ئادەمنى يارىلاندۇرغان.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى 15-نويابىر ئېلان قىلغان «جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش قاچان تۈگەيدۇ؟» ناملىق ماقالىدا تىلغا ئېلىشىچە، 2024-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن بۇ خىلدىكى قانلىق ۋەقەلەرنىڭ سانى 20 قېتىمغا يېقىنلاشقان بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بەس-مۇنازىرىلەرنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن چۆچۈگەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ «جۇخەي ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىنلا دەرھال ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇر قالغان.
«جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش قاچان تۈگەيدۇ؟» ناملىق ماقالىدا مۇنۇلار بايان قىلىنىدۇ: «بۇ قېتىمقى جۇخەي ۋەقەسى، ئالىي رەھبەرنى ساراسىمىگە سالدى. شى جىنپىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يوليورۇق بېرىپ ‹قاتىل قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار چوڭقۇر ساۋاق ئېلىشى، خەتەرنىڭ مەنبەسىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشى، زىددىيەت ۋە تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىشى، رادىكال دېلولارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىشلىرى كېرەك› دېدى. بۇنى كېيىن لى چياڭمۇ تەكرارلىدى.»
ماقالىدا يەنە مۇنداق بايانلار ئورۇن ئالغان: «خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك چۆكۈشى، خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئەسلىدىنلا كىرىزىسكە يۈزلەنگەن ئەخلاقنى تېخىمۇ ۋەھشىي بىر دەرىجىگە كۆتۈرۈۋەتتى. شى جىنپىڭنىڭ جۇخەي ۋەقەسى ھەققىدىكى كۆرسەتمىسى تىزگىنلەشتىنلا ئىبارەت بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئىز قوغلاپ مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىش ئەمەس. جۇخەي ۋەقەسى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىجتىمائىي كىرىزىسنىڭ بىر ئىپادىسى. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تىراگېدىيەلىك يىمىرىلىش، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ خىتاينىڭ بىر قانۇن دۆلىتى بولماسلىقى، شۇنداقلا خەلقنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاق سەۋىيەسىنىڭ زەئىپلىكى، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان، ئۆزىگىمۇ پايدىسى بولمايدىغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەرقسىز ھۇجۇم ۋەقەلىرىنى كۈنسېرى كۆپەيتىپ، بۈگۈنكىدەك قورقۇنچلۇق دەرىجىگە يەتكۈزدى.»
ماقالىدا يەنە مۇنداق بايان قىلىدۇ: «شى جىنپىڭ بۇ ۋەقەنىڭ خەلق ئارىسىدا مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلىنىپ قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ ھەمدە پۈتۈن دۇنيانىڭ بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىپ قېلىشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بىر قانۇن دۆلىتى بولمىغانلىقى، ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ يىمىرىلگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ رېئاللىق بىلەن يۈزلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. بەلكىم خەلقنىڭ جۇخەي ۋەقەسىنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكتىكى ئىقتىدارسىزلىقى ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى يارامسىزلىقىغا باغلاپ چۈشىنىشىدىن قورقىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، نەق مەيداندىكى تەزىيەگە دائىر ھەممە نەرسىنىڭ ئىزىنى جىددىي رەۋىشتە ئۆچۈرۈپ تاشلىدى.»
ماقالىدا ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن جۇخەي ۋەقەسىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، ۋەقەدە بىرمۇ چەت ئەللىكنىڭ ئۆلمىگەنلىكى ۋە يارىلانمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن دۆلەت» دېگەندەك كۈلكىلىك ئىبارىنى قوللانغان.
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەتنىڭ قارىشىچە، خىتاي پۇقرالىرى نۆۋەتتە ھاكىمىيەتكە بولغان قارشىلىقىنى جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش شەكلىدە ئىپادىلىمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر بېسىم سىياسىتى بۇ يەردە ياشاۋاتقان كۆچمەن خىتاي خەلقىگىمۇ بەلگىلىك تەسىرلەر كۆرسەتمەكتە ئىكەن. نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
ماقالىدا تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قانچە ئون يىللاردىن بۇيان تەشۋىق قىلىپ كەلگەن «سوتسىيالىستىك ئەخلاق» نىڭ قۇرۇق ۋە ياسالمىلىقى، خىتاي خەلقىنىڭ ئەخلاق دۇنياسىنىڭ يوقسۇل قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان ئاساسىي ئامىل ئىكەن. ھالبۇكى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئاتالمىش بۈيۈك نەزەرىيەسىدە «سوتسىيالىستىك ئەخلاق بولسا سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي ئاساسنىڭ يىلتىزى، ئۇ سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، سىياسەت ۋە مەدەنىيەت بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن ئىجتىمائىي ئەخلاقتىن ئىبارەت» ئىكەن.
ماقالىدا خىتايلاردىكى ئەخلاقنىڭ يىمىرىلىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن ساختا ئەخلاق تەشۋىقاتى بولغان «سوتسىيالىستىك ئەخلاق»، دىندىن خالىي جەمئىيەت بەرپا قىلىش سىياسىتى، خىتاينىڭ ھەقىقىي قانۇن دۆلىتى بولماسلىقى ۋە ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ ھەممىلا يەرگە يامرىشى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدا يەنە، خىتايدىكى چىقىش يولى تاپالمايۋاتقان پۇقرالارنىڭ ئۆز ئاچچىقىنى «جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش» قا مەركەزلەشتۈرۈۋاتقانلىقى، بۇنداق ۋەھشىيلىككە تولغان ۋەقەلەرنىڭ خىتاي جەمئىيىتىدە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپلەپ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسى 19-نويابىر ئېلان قىلغان «جۇخەي قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن خىتاي ‹سەككىزدىن مەھرۇم قالغۇچىلار› نى تەكشۈرۈشكە باشلىدى» ناملىق خەۋەردە، خىتايدا ھەر تۈرلۈك قانلىق ۋەقەلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى تېخىمۇ ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىلگەن.
ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا «سەككىزدىن مەھرۇم قالغۇچىلار»، «ئۈچتە تۆۋەن، ئۈچتە ئاز»، «تۆتتە يوق، بەشتىن ئايرىلغۇچىلار» دەيدىغان سىنىپلار توپى بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. بۇ يەردىكى «سەككىزدىن مەھرۇم قالغۇچىلار» بولسا: «مەبلەغ سېلىپ مەغلۇپ بولغانلار، خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلار، تۇرمۇشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلەر، ھېسسىياتتا چۈشكۈنلەشكەنلەر، مۇناسىۋەت ھەمكارلىقىنى يوقاتقانلار، روھىي تەڭپۇڭلۇقىدىن مەھرۇم بولغانلار، مەنىۋىيىتى نورمالسىزلاشقانلار ۋە ئۆزىنى ئىدارە قىلالمايدىغان ياشلار» دىن ئىبارەت ئىكەن.
«ئۈچتە تۆۋەن، ئۈچتە ئاز» نىڭ ئىچىدىكى «ئۈچتە تۆۋەن» دېگىنى: «ئىقتىسادىي كىرىمى تۆۋەن، ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن، جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتى تۆۋەن» لەردىن ئىبارەت ئىكەن. «ئۈچتە ئاز» دېگىنى: «كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاز، يۆتكىلىش پۇرسىتى ئاز، يېتەكچى قاناللىرى ئاز» كىشىلەرنى كۆرسىتىدىكەن. «تۆتتە يوق» دېگىنى بولسا: «جورىسى يوق، پەرزەنتى يوق، خىزمەت ياكى مۇقىم كىرىمى يوق، ئۆي-مۈلۈك قاتارلىق مەبلىغى يوق» كىشىلەرنى كۆرسىتىدىكەن.
يۇقىرىقىلار خىتاينىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان ئاساسلىق مەنبەلەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ ساھەلەردە تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.









