قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئىككى جۇمھۇرىيەت بايرىمىدا مىللىي ئارمىيە جەڭچىسىنى تەبرىكلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2021.11.12
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئىككى جۇمھۇرىيەت بايرىمىدا مىللىي ئارمىيە جەڭچىسىنى تەبرىكلىدى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلار مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئابلىمىت بەكرى، شۇنداقلا قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنى 12-نويابىر كۈنى زىيارەت قىلىپ ئىككى جۇمھۇرىيەت بايرىمى بىلەن تەبرىكلىدى.
RFA/Féruze

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلار مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئابلىمىت بەكرى، شۇنداقلا قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنى 12-نويابىر كۈنى زىيارەت قىلىپ ئىككى جۇمھۇرىيەت بايرىمى بىلەن تەبرىكلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرقى زامان تارىخىدا ئۇيغۇر خەلقى مىللىي كۈرەش قىلىپ 1933-يىلى 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە سابىت داموللا باش مىنىستىرلىقى، خوجا نىياز ھاجى رەئىسلىكىدە ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدە ئىككى قېتىم ئۆز جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرغانىدى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، شۇ دەۋىرلىرىنىڭ گۇۋاھچىلىرى ئازلاپ كەتمەكتە.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلار مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئابلىمىت بەكرى، شۇنداقلا قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنى 12-نويابىر كۈنى زىيارەت قىلىپ ئىككى جۇمھۇرىيەت بايرىمى بىلەن تەبرىكلىدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ھەر يىلى بۇ بايرامنى خاتىرىلەپ جامائەت ئىچىدە مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇپ، جەڭچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ۋە سوۋغاتلار تاپشۇراتتى. ئىگىلىنىشىچە بۇ يىللىق ئىككى جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىغا باغلىق بولۇپ باشقا كۈنى خاتىرىلىنىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن نوۋوپوكروۋكا يېزىلىق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى گۈلبوستان ئانساروۋانىڭ تەشەببۇسىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كېڭىشى 1945-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى جەڭچىسى ئابلىمىت بەكرىنى زىيارەت قىلىپ ئىككى جۇمھۇرىيەت بايرىمى بىلەن تەبرىكلىدى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنئاي ئىسلام ئۇيغۇر ياشلار ئۆز تارىخىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ئۇلارنىڭ ۋەتەنسۆيەرلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى دەپ تەكىتلىدى.

1990-يىللاردا قىرغىزىستاندا 1944-1949-يىللىرىدىكى ئىنقىلابقا قاتناشقان جەڭچى-ئوفىتسېرلاردىن 200 دىن ئارتۇق كىشى بار ئىدى. ھازىر ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ۋاپات بولۇپ، پەقەت بىر قانچە كىشىلا ھايات قالدى. ئابلىمىت بەكرى شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى ۋە ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر داۋاسىنى قىلىدىغان، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىدىغان ۋەتەنپەرۋەر بالىلارنى تەربىيەلەشكە ھەسسە قوشقانىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپلىرىغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ قاتارىدا ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىشخانىسىدا كاتىپلىق خىزمەتلىرىنى ئاتقۇرغان ۋە ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرگە قازا قىلغان ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ ئوغلى پەلسەپە پەنلىرىنى كاندىدات دوكتورى «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى ئەكبەرجان باۋۇدۇن، مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى تۆمۈرچىن قاسىمىنىڭ ئوغلى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىمى، مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى شامامەت سارىھاجىنىڭ ئوغلى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاق ساقاللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاياخمەت سارىھاجى، مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى غىلاجىدىن ئىمىننىڭ قىزى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ۋە دىن-پەن ئوقۇتقۇچىسى زۇلپىيە غلاجىدىن، مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئىسلام قاسىمىنىڭ قىزى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنئاي ئىسلام ۋە باشقىلارمۇ بار.

بۇ قېتىمقى مىللىي ئارمىيە جەڭچىسىنى يوقلاش پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان لېبېدىنوۋكا يېزىلىق جامائىتىنىڭ ئاياللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى قەمىنۇر لوبانۇۋا، بۇ تىپتىكى پائالىيەتلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ۋوستوك يېزىسىنىڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك پائالىيەتچىسى، مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى غلاجىدىن ئىمىننىڭ قىزى زۇلپىيە غىلاجىدىن، ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئىككى جۇمھۇرىيەت بايرىمى بىلەن تەبرىكلەپ كېلگەن خانىملار بىلەن ئورتاقلاشتى.

رەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا قىرغىزىستاندا 60 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ. ئۇلار قىرغىزىستاننىڭ ھەر تەرەپلىرىگە تارقالغان؛ ئۇلار ئاساسلىقى بىشكەك شەھىرى ئەتراپى، جالال ئاباد ۋە ئوش ۋىلايەتلىرىگە، شۇنداقلا ئىسسىق كۆل ۋىلايىتىدىكى قاراقول شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىغا تارقالغان. يەنە بىرقىسىم ئۇيغۇرلار نارىن ۋىلايىتىدىمۇ ئورۇنلاشقان، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 1930-يىللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتى مەزگىللىرىدە قىرغىز خەلقىگە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «ھازىرقى تارىخى» نىڭ گۇۋاھچىلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى 1960-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ چىققانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئۇلار ئاساسلىقى بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ئورۇنلاشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.