12-نويابىر «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى» دە دۇنيادىكى مەشھۇر قۇرۇلۇشلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆك رەڭدە يورۇتۇلدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.11.12
parizh-hokumet-binasi-kok-bayraq-1.jpg

كۆك رەڭدە يورۇتۇلغان ۋە چوڭ ئېكرانغا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش. 2021-يىلى 12-نويابىر، فىرانسىيە.

parizh-hokumet-binasi-kok-bayraq-2.jpg

كۆك رەڭدە يورۇتۇلغان ۋە چوڭ ئېكرانغا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش. 2021-يىلى 12-نويابىر، فىرانسىيە.

parizh-hokumet-binasi-kok-bayraq-3.jpg

كۆك رەڭدە يورۇتۇلغان ۋە چوڭ ئېكرانغا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى. 2021-يىلى 12-نويابىر، فىرانسىيە.

parizh-hokumet-binasi-kok-bayraq-4.jpg

parizh-hokumet-binasi-kok-bayraq-5.jpg

كۆك رەڭدە يورۇتۇلغان ۋە چوڭ ئېكرانغا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش. 2021-يىلى 12-نويابىر، فىرانسىيە.

parizh-hokumet-binasi-kok-bayraq-7.jpg

كۆك رەڭدە يورۇتۇلغان ۋە چوڭ ئېكرانغا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش. 2021-يىلى 12-نويابىر، فىرانسىيە.

parizh-hokumet-binasi-kok-bayraq-6.jpg

كۆك رەڭدە يورۇتۇلغان ۋە چوڭ ئېكرانغا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش. 2021-يىلى 12-نويابىر، فىرانسىيە.

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان فىرانسىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

پارىژ شەھەر باشلىقى ئان ھېدالگو 2-ئۆكتەبىر ئۆزىنڭ تىۋېتتېر سۇپىسىدا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەپ يازغان: «نۇرغۇن كىشىلەر بۇ شەنبە كۈنى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ يۈرۈش قىلىدۇ، پارىژ شەھىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ. پات يېقىندا پارىژدا بىر ئۇيغۇر ئۆيى ئېچىلىدۇ. پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت 12-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر بايرىقىنىڭ رەڭگىدە يورۇتۇلىدۇ.»

12-نويابىر كۈنى، يەنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ھەرخىل شەكىلدە جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى قۇتلاۋاتقان بۈ كۈندە پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ھەقىقەتەنمۇ كۆك رەڭدە يورۇتۇلغان ۋە ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ تېمىدىكى چوڭ ئىكرانغا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن خەتلەر يېزىلغان.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دىلنۇر رەيھان خانىم، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، فىرانسىيەلىك رافائىل گىلۇكىسمەن ۋە ياردەمچىسى پىيەخ بۈسسىيەخ قاتارلىقلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنى شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ رەڭگى بولغان كۆك رەڭدە بوياشنى قارار قىلغان.

دىلنۇر رەيھان خانىم پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ تېلېفۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە نەق مەيداندا بولۇۋاتقان ئەھۋاللانى ئاڭلاتتى.

پارىژ شەھىرىنڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى جېن لۇك رومىرو ئەپەندى پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقنى ئىپادىلىگەن. ئۇ نەق مەيداندىن تېلېفۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن پارىژ شەھىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل شەھەر باشلىقى. بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ئەيىبلەش ۋە مۇشۇنداق ئالاھىدە كۈندە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا ‹ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك› دېگەن خەتنى چىقاردۇق ۋە بىنانى كۆك رەڭدە بويىدۇق. پارىژ شەھىرى فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللايدۇ، چۈنكى پارىژ شەھىرى ‹كىشىلىك ھوقۇق شەھىرى›. بۇ شەھەردە نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىلىرى ئېلان قىلىنغان. شۇڭا پارىژنىڭ ئۇيغۇرلانى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى بەك مۇھىم. شۇڭا بۈگۈن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا ‹ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك› دېگەن خەتنى چىقاردۇق ۋە بىنانى كۆك رەڭدە بوياشنى قارار قىلدۇق. كۈنىمىزدە قۇللۇق، ھەر قانداق بىر سەۋەب بىلەن ئائىلىسىدىن ئايرېۋىتىش مۇمكىن بولماسلىقى كېرەك. ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى فىرانسۇزلار بەك مۇھىم دەپ قارايدۇ. پارىژ شەھەر باشلىقى ۋە پارىژ شەھىرىمۇ مۇھىم دەپ قارايدۇ. بىز بۇ كۆرەشتە ئۇيغۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز. خەلقئارالىق ئورگانلارمۇ ئۇيغۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلار ئەركىنلىككە ئىرىشىشى كېرەك. ھەممىمىز بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ئەركىن ياشاش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلشىمىز كېرەك.»

دىلنۇر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەسلىدە شەھەرلىك ھۆكۈمەت فىرانسىيەنىڭ سىموۋللۇق قۇرۇلۇشى بولغان ئىففېل مۇنارىنى كۆك رەڭدە بوياشقا قوشۇلغان، كېيىن بۇ قارارىنى ئۆزگەرتىپ ھۆكۈمەت بىناسىنى كۆك رەڭدە بويىغان. بۇ كۈنى پەقەت پارىژلا ئەمەس، بىريۇسسىل، چارلېروي (Charleroi)، پىراگا قاتارلىق ياۋروپادىكى باشقا شەھەرلەرمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاشۇ شەھەردىكى ئاساسلىق سېموۋۇللۇق بىنالارنى كۆك رەڭگە بويىغان.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئەكبەر تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارىژ شەھىرى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسىلدىكى سىموۋوللۇق قورۇلۇش «ئ‍اتومىيۇم» مۇنارىمۇ كۆك رەڭگە بويالغان.

ئامېرىكادىكى ماسساچۇسېتتىس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى غول ھۈجەيرە تەتقىقات ئورنىنىڭ دىرېكتورى، دوكتور مايسەم مۇتەللىپ ۋە خارۋار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلنار ئەزىز قاتارلىق بوستوندا ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتىمۇ جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋېتى بىلەن بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 12-نويابىر كۈنى تۈركىيە، ئامېرىكا، فىرانسىيە، بىلگىيە ۋە باشقا ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ھەرخىل شەكىلدە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى لەپىلدەتكەن.

ئاخىرىدا دىلنۇر خانىم مۇنداق دېدى: «پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار كېيىنكى قېتىملىق جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىزنى ۋەتىنىمىز تۇپراقلىرىدا تەبرىكلىيەلىشىمىز ئۈچۈن قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ، داۋاملىق تىرىشىشىمىز كېرەك.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.