ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.09.19
ilham-toxti-yalghuz.jpg مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى.
AP

18-سېنتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تورىدا ۋىجدان مەھبۇسى ئىلھام توختىنىڭ 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

خەۋەردە «ياۋروپانى يېڭىلاش گۇرۇھى» نىڭ رەھبىرى داشان سىيولوس، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن ئىلخان كۈچۈك ۋە فىل بەننىيون قاتارلىق 3 نەپەر سىياسىي ئەربابنىڭ ئىلھام توختىنى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن خېتىمۇ قوشۇپ ئېلان قىلىنغان.

ئىلھام توختى ئەپەندىنى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن «ياۋروپانى يېڭىلاش گۇرۇھى» نىڭ رەھبىرى داشان سىيولوس ئەپەندى ئىلھام توختىنى بۇ مۇكاپاتقا نامزات كۆرسىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىلھام توختى ‹ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى› نىڭ روھىنى نامايان قىلدى. ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتايدا ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە ئۇنىڭدا بېرىلگەن ھوقۇقلارنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلدى، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى كىشىلەرگە تونۇتتى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي جەمئىيىتىدە كەمسىتىلىشىگە قارشى كۈرەش قىلدى. ئىلھام توختى ھازىر ئۆمۈرلۈك قاماقتا، ھاياتى خەۋپ ئاستىدا ئۆتۈۋاتىدۇ. ‹ياۋروپانى يېڭىلاش گۇرۇھى› بۈگۈن بىر كۈچلۈك سىگنال بەردى. ئۇ بولسىمۇ ئىلھام توختىنى ‹ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى› غا نامزاتلىققا كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشلەرگە دەستەك بېرىش!»

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئىلخان كۈچۈك ئەپەندى خېتىدە «بۈگۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر كۈن. بىز ھازىر مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ‹قايتا تەربىيە› نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغان ئېغىر بىر تارىخىي ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىمىز. ئىلھام توختىنىڭ ‹ياۋروپانى يېڭىلاش گۇرۇھى› تەرىپىدىن ‹ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى› غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنىڭ كۈچلۈك سىگنالىدۇر. بىز 2016-يىلى ئىلھام توختىنى تۇنجى قېتىم بۇ مۇكاپاتقا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەندىن بۇيان بۇ خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. ياڭراق ئاۋازىمىز بىلەن ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئىلھام توختى ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتى بەدىلىگە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار باراۋەر ياشىيالايدىغان بىر دۇنيانى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىدى. بىز ئۇنىڭ بۇ كۈچلۈك ئاۋازىنى داۋاملاشتۇرىمىز،» دەپ يازىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا 2-قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى ئىكەن. ئىلھام توختى ئەپەندى 2016-يىلى تۇنجى قېتىم «ساخاروۋ ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. ئەينى چاغدا بۇ تەشەببۇسنى ئامېرىكادىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساۋ ياشۆ خانىم، ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تىبەتشۇناس تەتقىقاتچى مەرھۇم ئېللىيوت سپېرلىڭ ئەپەندى، فىرانسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پروفېسسور مارى خولسمەن خانىم ۋە گېرمانىيەدىكى ئەنۋەرجان ئەپەندىلەر ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن گېرمانىيەدە قۇرۇلغان «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» ۋە ياۋروپادىكى «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» بىرلىكتە ئىلھام توختى ئەپەندىنى 2016-يىلى تۇنجى قېتىم «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى.

«ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» دىن پروفېسسور مارى ھولسمان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىلھام توختىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى نوپۇزلۇق سىياسىي ئەربابلار تەرىپىدىن «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا كۆرسىتىلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ئىنتايىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مارى ھولسمان خانىم 2016-يىلى ئىلھام توختىنى «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساۋ ياشۆ خانىم بىلەن ئىلھام توختىنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن بولغان ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تىبەتشۇناس پروفېسسور مەرھۇم ئېللىيوت سپېرلىڭ ئەپەندىلەر بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا پارلامېنتتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئانچە خەۋىرى يوق ئىكەن. ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۇنيادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ۋە ئىلھام توختىغا ئوخشاش خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپەيگەن ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن.

پروفېسسور مارى خولسمان خانىم سۆزىدە يەنە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامىلىپ، ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئۆمۈرلۈك قاماققا، تاشپولات تېيىپ، خالمۇرات غوپۇرغا ئوخشاش ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر تارىخى ۋەزىيەتتە دۇنيانىڭ سۈكۈت قىلماسلىقىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا مەلۇم ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر» تەشكىلاتىمۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۆزىتىپ كېلىش بىلەن بىرلىكتە ئىلھام توختىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى ئۇلرېخ دېلىيۇس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغان ئىلھام توختىنى ئۆمۈرلۈك تۈرمىگە قاماپ، دۇنيانىڭ ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ئىلھام توختىنىڭ بۇ مۇكاپاتلارغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشىنىڭ ھازىرقى شارائىتتا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇلرېخ دېلىيۇس ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ بىز دائىم ئويلىشىمىز زۆرۈر بولغان مەسىلە. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئىلھام توختىغا ئۆمۈرلۈك تۈرمە جازاسى بېرىپ، ئۇنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا بىز غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ دائىم تىلغا ئېلىنىپ تۇرۇشىنى زۆرۈر دەپ بىلىمىز. مەن ئىلھام توختىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشتا ئەڭ زور بەدەل تۆلىگەن شەخس دەپ قارايمەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇڭا بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى سۆزلىشى چەكلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئىلھام توختىنىڭ نامىنى دائىم تىلغا ئېلىپ تۇرۇشىمىز، ئۇنىڭ ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىمىزنى ئىپادىلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.»

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر سەرخىلى ئىلھام توختىنىڭ خەلقئارادا ئۈزلۈكسىز ھالدا بۇ خىل نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ 2019-يىل بىر يىل ئىچىدىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى سىياسىي ئەربابلار تەرىپىدىن ئارقا-ئارقىدىن «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى»، «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئوخشاش نوپۇزلۇق خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان ئۇنىڭغا خەلقئارالىق نوپۇزلۇق مۇكاپاتلاردىن «باربارا گولدسىمىس ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى»، «مارتىن ئەننانىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلار بېرىلدى. ئۇ بۇ يىل 18-سېنتەبىر ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشتىن ئىلگىرى 2019-يىلىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇھىم سىياسىي ئەربابلار تەرىپىدىن 2019-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.