ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرېشىت خەمىت قەسەمنامىگە قول قويمىغانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.05.16
ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرېشىت خەمىت قەسەمنامىگە قول قويمىغانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيوتېر ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرىشىت خەمىت ئەپەندى.
Oqurmen teminligen

ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيوتېر ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرىشىت خەمىت 2016‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى بايانات ئېلان قىلىش ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە ساداقەت بىلدۈرۈش دولقۇنى قوزغالغاندا، قەسەمنامىگە قول قويمىغانلىقى ئۈچۈن ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان ۋە بىر قاتار ئاتالمىش «جىنايەت» لەر ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئابدۇرىشىت خەمىتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇرىشىت خەمىت، ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى خەمىت قادىرغۇجا دېگەن كىشىنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت قوروسىدا چوڭ بولغان. دېيىلىشىچە، 1995‏-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىغان ئابدۇرىشىت خەمىت 2000‏-يىلى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيوتېر كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئىنگىلىز تىلىنى ھەم كەسپىي ساھەسىدە ھەم ئىجتىمائىي ھاياتتا قوللانغۇدەك دەرىجىدە پۇختا ئۆگەنگەن. ئۇ 2000‏-يىلى ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇچۇر-تېخىنىكا ئىنستىتوتىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشقا چۈشكەندە، كەسپكە پۇختىلىقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ھەققانىيەتچى مىجەزى بىلەنمۇ تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن. مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللەتلەر نىسبىتىدىكى تەڭسىزلىكتىن تارتىپ، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىنات تەقسىماتىدىكى ئېگىز-پەسلىكلەرگە قەدەر، ھەممە مەسىلىدە ئۇ ھەر ۋاقىت پەرقلىق ۋە نارازىلىق پىكرىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن؛ نۆۋىتى كەلگەندە مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىشتىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان. نەتىجىدە ئۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەيرىي رەسمىي بىر ۋەكىلىگە ئايلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ بۇ خاراكتېرى مەكتەپنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئەينى چاغدا «جىدەلخورلۇق» دەپ ئاددىيلا ئاتىلىپ كەلگەن بولسا، 2017‏-يىلىغا كەلگەندە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» دەپ ئەيىبلنىپ، تۇتقۇن قىلىنىشقا ئاساس بولغان.

بىز ئابدۇرىشىت خەمىتنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن غۇلجادىكى مائارىپ تارماقلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. ئىلى پېداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ خادىمى نۆۋەتتە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار تىزىملىكىدە ئابدۇرىشىت خەمىت ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

ئابدۇرىشىت خەمىتنىڭ چەت ئەلدىكى بىر ساۋاقدىشىنىڭ ئېلخەت ئارقىلىق رادىيومىزغا يەتكۈزۈشىچە، ئابدۇرۇشىت خەمىت 2016‏-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا «ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇش» ۋە «خىتاي كومپارتىيىسىگە ساداقەت بىلدۈرۈش» دولقۇنى قوزغالغاندا، مەكتەپ سىياسىي بۆلۈمى تەييارلىغان قەسەميات باياناتىغا قول قويمىغان ۋە بۇ سەۋەپلىك شۇ يىلنىڭ ئاخرىدا ئۇنىڭ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. مەكتەپ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومېتىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن ئىلگىرىكى تالاش-تارتىشلىرىمۇ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، ئۇنىڭغا «مىللىي ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىش» ۋە «مەكتەپتە مىللىي قۇتراتقۇلۇق قىلىش» قاتارلىق سىياسىي قالپاقلار كەيدۈرۈلگەن. نەتىجىدە ئۇنىڭ دېلوسىنى قانۇن تارماقلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. قانۇن تارماقلىرى تەكشۈرۈشنى يەنە بىر قەدەم كېڭەيتىپ، ئۇنىڭ كومپيوتېرىنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇنىڭ «تام ئاتلاپ چەكلەنگەن ئۇچۇرلارنى كۆرگەنلىكى» ۋە «چەت ئەللىكلەر بىلەن توردا ئالاقىلاشقانلىقى» بايقالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ «جىنايىتى»، «مىللىي بۆلگۈنچىلىك غەرىزىدە بولۇش» دەپ بېكىتىلگەن.

ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خادىمى، ئابدۇرىشىت خەمىتنىڭ بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن، يەنى 2017‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ ئابدۇرىشىت خەمىتنىڭ كېسىلگەن ياكى كېسىلمىگەنلىكى ۋە نەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

مەلۇم بولىشىچە، ئابدۇرىشىت خەمىتىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن بىر تەرەپ قازاق بولۇپ، ئۇ 2010‏-يىللىرى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن قازاقسىتانغا چىققان. ئۇ ئىككىنچى قېتىملىق قازاقسىتان سەپىرىدە تۈركىيەنىمۇ زىيارەت قىلىپ كومپيوتېر ساھەسىدىكى كەسىپداشلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ نورمال ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوستلار زىيارىتى «بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن تەشكىلىي ئالاقە ئورنىتىش» دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭغا «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» دېگەن جىنايەت ئارتىلغان.

ئىنكاستا يەنە ئەسكەرتىلىشىچە، ئابدۇرىشىت خەمىت چەت ئەللىكلەر بىلەن قىلغان ئالاقىسى ۋە خالىسانە تەرجىمانلىق خىزمىتى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ سوراق قىلىنغان.

ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يەنە بىر خادىمىمۇ ئابدۇرۇشىت خەمىتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى، ئەمما ئۇنىڭ كېسىلگەن ياكى كېسىلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.