4-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.05.06
alimjan-akademiye.jpg ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مەغپىرەت خانىم بىلەن. 2019-يىلى 5-ماي، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئىستانبۇل تۈرك ئوجاقلىرى ۋەخپىنىڭ زالىدا 4-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزدى.

بۇ يىغىن ھازىر خىتاي تۈرمە ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقان دوتسېنت ئىلھام توختى، پروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن، يازغۇچى يالقۇن روزى ۋە دوكتور راھىلە داۋۇت ۋە باشقا مەشھۇر ئۇيغۇر ئىلىم ئەربابلىرىغا بېغىشلاندى.

يىغىندا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلەپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئارقىدىن، ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىندا خاتىرىلىمەكچى بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلغانلىقىنى، ئۇلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە ۋە جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغانلىقىنى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ ھازىر ئۈستىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى «داڭلىق سەنئەتچى ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ئىجادى ئەمگەكلىرى» تېمىسىدا، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئەپەندى دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.

4-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى، ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ سۆز قىلغان. ئۇ، يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىننى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختالغان.

ئۇ، يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن كۆپ كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دوكلاتىدا ئابدۇرېھىم ھېيت ھەققىدىكى خاتىرىلىرى، ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا يەنە تۈركىيەدە تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇشنى خالىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا قانداق ئىلتىماس قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى. بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى دىلارا يۈسۈپ خانىم يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى. پائالىيەت ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار گىتار ۋە دۇتار بىلەن ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ناخشىسىنى ئورۇنداپ بەرگەن.

ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا جازا لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.