«ئىلشات» فوندى قىرغىزىستاندىكى ساخاۋەتلىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2020.12.29
«ئىلشات» فوندى قىرغىزىستاندىكى ساخاۋەتلىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىلشات فوندى سوۋغات قىلغان جىددىي ياردەم ماشىنىسى بىرى. 2020-يىلى دېكابىر، قىرغىزىستان.
RFA/Féruze

2009-يىلى قىرغىزىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى تەرىپىدىن ئاساس سېلىنغان «ئىلشات» فوندى ياردەمگە موھتاج ئائىلىلەرگە داۋاملىق ياردەم قولىنى سۇنۇپ كەلمەكتە. «ئىلشات» فوندى يەنە بىر خەير-ساخاۋەت ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەت دەرىجىلىك چوڭ لايىھەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەلمەكتە. «ئىلشات» فوندى يول ياساش ۋە رېمونت قىلىش، داۋالاش مەركەزلىرىنى قۇرۇش، مەسچىتلەرنى سېلىش ئىشلىرى بىلەنمۇ شوغۇللانماقتا. بۇ يىل «ئىلشات» فوندى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە 5 دانە جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ۋە يۈزدىن ئوشۇق نەپەسلىنىشكە ياردەم قىلىش ئاپپاراتى سوۋغات قىلدى. بۇ يىل ئاخىرىدا پەرزەنتلىرى كۆپ، قىيىنچىلىقى بار سەھىيە ساھاسىدىكى بىر سېستراغا يېڭى ئۆي سېلىپ بەردى.

«ئىلشات» فوندىنىڭ ۋەكىلى ئەزىز ئەپەندى ئۆي تاپشۇرماقتا. 2020-يىلى دېكابىر، قىرغىزىستان.

2020-يىلىنىڭ باشلىرىدا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى قىرغىزىستانغا قاتتىق يامراپ كېتىپ، سەھىيە سىستېمىسى بۇ يۇقۇمنىڭ مەملىكەتكە ياماراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىدى. دورا-دەرمەكلەر قىس بولۇپ، شىپاخانا، دوختۇر ۋە سېسترالار يېتىشمىگەن بىر ئەھۋالدا «ئىلشات» فوندى ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىر قىسىم شىركەتلەر بىرلىكتە كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى.

ئاشۇ جىددىي پەيتتە ئۇيغۇرلار كۆپ ساندا ياشاۋتقان «ۋوستوك» يېزىسىدىمۇ ۋىرۇس قاتتىق يامراپ كېتىپ، بەزى بىمارلار باقى دۇنياغا سەپەر قىلىشتى، يەنە بەزىلىرى بۇ كىسەلنى يېڭىپ ساقايدى. «ۋوستوك» يېزىسىنىڭ شىپاخانىسىدا خىزمەت كۆرسەتكەن سېسترا تولقۇنئاي رەخمەتوۋا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇشتا پىداكارلىك بىلەن ئىشلىگەن ئىدى، لېكىن شۇ پەيتتە ئۇ ئۆز يولدىشدىن ئايرىلىپ، تۆت بالىسى بىلەن قىيىن ئەھۋالدا ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

«ۋوستوك» يېزىسىنىڭ تۆمۈر كەپىدە ياشاۋاتقان تۆت بالىلىق سېستراسى توغرىسىدا بىر قانچە تېلېۋىزىيە پروگراملىرى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، «ئىلشات» فوندى مەزكۇر سېستراغا يېڭى ئۆي سېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان ئىدى. دېكابىر ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا تولقۇنئاي تۆت بالىسى بىلەن تۆمۈر كەپىدىن يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ چىقتى. يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىش پائالىيىتى «ۋوستوك» يېزىسىنىڭ تۇرغۇنلىرى ئۈچۈن بىر بايرامغا ئايلاندى.

«ۋوستوك» يېزىسىنىڭ يىگىت بېشى ئابدۇجېلىل ئۇزاقوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەھەللىسىدە ئۇيغۇر، قىرغىز، تاتار ۋە باشقا مىللەتلەر ئۆملۈكتە ياشايدىغانلىقىنى، مەھەللە جامائىتىنىڭ قىرغىز قېرىندىشىغا ئۆي قۇرۇپ بېرىش ئىشىنى «ئىلشات» فوندىغا مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، «ئىلشات» فوندىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى رۇسىيەدە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەۋاتقان تىجارەتچى ئەنۋەر مەھەمەتوف ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىكەن. مەزكۇر فوندى جەمئىيەتنىڭ نامى ئەنۋەر ئەپەندىنىڭ مەرھۇم دادىسىنىڭ ئىسمىغا بېغىشلانغان ئىكەن. 2009-يىلى «ۋوستوك» يېزىسىدا «ئىلشات» مەسچىتى قۇرۇلغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئۇلار خەير-ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى باشلاشقان ئىكەن.

«ئىلشات» فوندىنىڭ ۋەكىلى ئەزىز ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، فوند باشقۇرغۇچىلىرى «ۋوستوك» يېزىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاچقا، بۇ يېزىنىڭ تۇرغۇنلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىغىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «فوند باشقۇرغۇچىلىرى ئۆزلىرى ‹ۋوستوك› يېزىسىدا چوڭ بولغان، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يېزىدىكى چوڭ بىنالار، مەسىلەن، ساقچى تارماق بىناسى، جىددىي قۇتقۇزۇش پۇنكتى، مەسچىت-مەدرەسە قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى ‹ئىلشات› فوندى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. بىز ھەر خىل بايراملاردا تۇرمۇشى ناچار بولغان ئائىلىلەرگە داۋاملىق ياردەم بېرىپ كەلمەكتىمىز. فوندىمىز بۇ يېزىنى ھەر دائىم نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ يېزىدىكى بىر سېسترانىڭ تۇل بولۇپ تۆت بالىسى بىلەن تۆمۈر كەپىدە ياشاۋاتقانلىغىنى ئاڭلاپ، فوندىمىز دەرھال ئۇنىڭغا ئۆي قۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلدى.»

ئەزىز ئەپەندى يەنە «ئىلشات» فوندىنىڭ كەلگۈسىدىكى پىلانلىرى ھەققىدە بىز بىلەن ئورتاقلاشتى: «يېقىندا بىز ‹ۋوستوك› يېزىسىدا بىر تەنھەرىكەت مەركىزى قۇرماقچىمىز، ھازىرچە بىز ھۆكۈمەت بىلەن يەر تەقسىملەش ئۈستىدە سۆھبەت يۈرگۈزىۋاتىمىز. بۇ ئىلتىماس ھەل بولۇشى بىلەن بىز مەزكۇر مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلايمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، «ئىلشات» فوندى قىرغىزىستان بويىچە مېيىپلەر مەركەزلىرى بىلەن ۋە يېتىم بالىلار ئۆيلىرىگە داۋاملىق ياردەم كۆرسەتمەكتىكىن. مەزكۇر فوند تەرىپىدىن قىرغىزىستاندا قۇرۇلغان مەسچىتلەرمۇ ئۇلارنىڭ نازارىتىدە جامائەت تەرىپىدىن ئىشلىتىلمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.