تەزىن دورجى: خىتاي ئىمان ۋە روھنى ۋەيران قىلالمايدۇ

مۇخبىرىمىز جۈمە
2019-07-17
Share
Tenzin-Dorjee.jpg ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى تەنزىن دورجى(Tenzin Dorjee) ئەپەندى.
uscirf.gov

ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسچىتلىرىنى چېقىپ ئۇلارغا ھاقارەت قىلىۋاتقانلىقى ھۆججەتلىك شەكىلدە كۆرسىتىلدى.

پائالىيەتكە قاتناشقان ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى تەنزىن دورجى ئەپەندىم ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەنمەسلىككە چاقىرىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە چاقىرىلىۋاتقان 2-نۆۋەتلىك دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنى ئەسناسىدا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ھەرخىل قوشۇمچە پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشتى.

بۇلارنىڭ بىرى، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا 16-ئىيۇل كەچقۇرۇن چاقىرىلغان «خىتاي تەرىپىدىن چىقىلىپ، ھاقارەت قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەسچىتلىرى» ناملىق سۆھبەت پائالىيىتى ئىدى.

بۇ پائالىيەتنى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئۇيغۇر پائالىيەتچى بەھرەم سىنتاشنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرغان.

پائالىيەتكە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تاشىقى ئىشلار دىرېكتورى لۇئىسا گرېۋا ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى فىرنادو بۇرگېس بىرلىكتە رىياسەتچىلىك. قىلدى.

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن سۆزگە چىققان بەھرەم سىنتاش، ئۆزى ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن تەييارلىغان مەسچىتلەرنىڭ چىقىلىشىغا ئائىت ھۆججەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا سۇندى.

ئۇ، ئۇيغۇر رايونىدىن تارتىلغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، باشقىلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسەن خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان 10 مىڭدىن، 15 مىڭغىچە مەسچىتنى چاققان، ياكى يېرىم-يارتا چېقىپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېيتتى.

بىز بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئالدىمىزغا دەلىللىيەلمىدۇق. ئەمما ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىمىزدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2016-يىلىدىن باشلاپ قەشقەر، خوتەن ۋە باشقا جايلاردا 3 ئاي ئىچىدىلا 5 مىڭغا يېقىن مەسچىتنى چېقىپ تاشلىغانلىقى ئېنىقلانغان ئىدى.

پائالىيەتتە سۆزگە چىققان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان مەسچىت چېقىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر دىنىي ھاياتىنىڭ ئەمەلىي ئامىللىرىغا قارىتىلغان ۋەيران قىلىش ھەرىكىتى خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى سىياسىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن قىسمىدۇر. ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى جازالىشى قانۇنىي جەھەتتىن ئېتنىك-مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى كاتېگورىيەسىگە ياتىدۇ.»

ئۇ يەنە ھەر قايسى ھۆكمەتلەرنى، ب د ت نى، دىنىي رەھبەرلەرنى ھەمدە بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان پۇقرالارنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىدى.

پائالىيەتتە يەنە، «دۇنيا خرىستىئانلار بىرلىكى» نىڭ رەئىسى بەنىدىكت روگېرس ۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىرىدىن بىرى تەنزىن دورجى قاتارلىقلار ئايىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا بولغان قوللىشىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەنمەسلىككە چاقىرىدى.

تەنزىن دورجى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ تىبەت مىللىتىدىن بولغان ئەزاسىدۇر. ئۇ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتكە ئوخشاش ئېتىقادلىق كىشىلەردىكى ئىمان ۋە روھنى ئولتۇرۇپ يوقاتقىنى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنى بىلىشى كېرەككى، بىزدە بارى ئىمان. ئىمان ۋە روھنى ۋەيران قىلالمايسەن ھەم ئۇنى ئۆلتۈرەلمەيسەن. بەلكى سەن بىزنىڭ مىليونلىغان ئادەملىرىمىزنى ئۆلتۈرەلىشىڭ مۇمكىن، ئەمما يەنە مىليونلىغانلىرىمىز قوزغىلىمىز. ھامان بىر كۈنى بۇ زۇلۇملارغا خاتىمە بېرىلىدۇ.»

پائالىيەتكە جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولىدىغان ھەر ساھە زاتلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە باشقا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرمۇ قاتناشتى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قاناتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پائالىيەتنى نۆۋەتتە ئامېرىكىدا چاقىرىلىۋاتقان دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىغا ياندىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان بۇ پائالىيەتكە «ئۇيغۇرىزم» تور بېتىنى قۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سالغان مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقىنى خاتىرىلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش بەھرام قۇربان ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.

ئۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسچىتلىرىنىڭ چىقىلىشىغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى توپلاش جەريانى ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى باشلىغانلىقىدىكى سەۋەبلەرنى سۆزلەپ بەردى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى بەھرام قۇربان توپلاپ ئارخىپلاشتۇرغان ماتېرىياللارغا ئاساسەن بىر دوكلات ھازىرلىغان. دوكلات پات يېقىندا جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت