تۈركىيە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار (2)
2016.01.27
ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستان، ھىندىستان كەشمىر ئارقىلىق تۈركىيەگە كۆچۈشى 1950-يىللاردا باشلىغان بولۇپ، 1965-يىلىدىن 1980-يىللىرىنىڭ باشلىرىغىچە توختاپ قالغان بولسىمۇ، 1980-يىللاردىن كېيىن تۈركىيەگە كۆچۈش كۈنسايىن كۆپەيمەكتە ئىكەن.
مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىشى 2014-يىلى رامزان ئېيىدا باشلانغان بولۇپ، بىر يىل ئىچىدە 8000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى ئايال ۋە كىچىك بالىلاردىن تەركىب تاپقان، 1000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قەيسەرىدە دۆلەت ۋاقىتلىق بەرگەن قورۇ جايدا ياشىماقتا. ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا ئۆز ئىمكانلىرى ۋە بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ كەلمەكتە.
بۇ يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلار زادى نېمە؟ بۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىچۇ؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەيسەرىدە كۆچمەنلەر خىزمىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشنىڭ كېچىكىپ كېتىشى، بۇ سەۋەبتىن ئوتتۇرىغا چىققان دۆلەتنىڭ ھەقسىز داۋالاش خىزمىتىدىن قانۇنىي جەھەتتىن پايدىلىنالماسلىق، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش، پەرزەنتلىرىنى ھەقسىز ئوقۇتۇش قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇندىن 50 يىل بۇرۇن 11 ياش ۋاقتىدا تۈركىيەگە كېلىپ قەيسەرى شەھىرىگە جايلاشقان تەتقىقاتچى يازغۇچى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى 1965-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن ۋاقتىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ئىش تېپىشنىڭ تەسلىكى، يۇرتنى ۋە يۇرتتا قېلىپ قالغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلارنى سېغىنىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بىر يىل بۇرۇن قەيسەرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر مۇساپىر دىلشات ئەپەندى قەيسەرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى، قەيسەرى ۋالىلىقى ۋە قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر يۈرۈشتىن ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، تۈرك خەلقى ۋە بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ياغ، ئۇن، ۋە گۆشلەرنى ئەكېلىپ بېرىپ ياردەم قىلغانلىقىنى، ئەمما قوللىرىدا نوپۇس ياكى ئىشلەش رۇخسىتى بولمىغاچقا خىزمەت تېپىپ ئىشلىيەلمەيۋاتقانلىقىنى، قىسقىسى ئەڭ زور قىيىنچىلىقنىڭ تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىنى تېخىچە ئالالمايۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەنىڭ بۇرۇنقى كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش قانۇنىدا، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كېلىپ پاناھلانغۇچىلار پۇقرالىققا قوبۇل قىلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئۇندىن باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن قېرىنداش مىللەتلەرنىلا پۇقرالىققا قوبۇل قىلاتتى. يېقىندا قوبۇل قىلىنغان كۆچمەنلەر قانۇنىدا، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن، ئوخشاشلا ئۆز دۆلىتىدە سىياسىي بېسىمغا ئۇچرىغان، ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىگە ئۇچرىغان، دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلمايدىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن پاناھلانغۇچىلار تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ نۇرغۇن تارماق شەرتلىرىمۇ بار ئىكەن.